توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
تۇخۇم كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ناھايىتى كۆپ ئىستىمال قىلدىغان ئوزۇقلۇق مىقتارى ناھايىتى يۇقىرى بولغان بىر يىمەكلىك. تۆۋەندە تۇخۇمنىڭ بىرقانچە ئارتۇقچىلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىمىز:
1. قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ: تۇخۇم تەركىبىدە تۆمۈر ئېلېمېنتى بولۇپ، قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
2. خامۇشلۇقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ: تۇخۇم تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان سەككىز خىل ئامىنو كىسلاتاسى بار بولۇپ، دادۇردىنمۇ مول، خامۇشلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.
3. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىدۇ: تۇخۇمنىڭ سېرىقى ئەقلىي ئىقتىدار ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ، يەنە قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بەدەن ئاجىزلىقنى ياخشىلاپ، يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
4. زىققىنى پەسەيتىدۇ: ئاقسىلنىڭ مەيدە قايناش ۋە زىققا كېسىلىنى پەسەيتىش رولى بار.
5. تۇخۇم يېگەندە خولېستېرىن ئۆرلەپ كېتەمدۇ؟
تۇخۇم تەركىبىدە كۆپ مىقداردا خولېستېرىن بار، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدىغان يۇمشاق فوسفورلۇق ياغ بار، شۇڭا تۇخۇم يېگەندە خولېستېرىننىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇۋەتمەيدۇ، ساغلام كىشىلەر كۈنىگە بىر-ئىككى دانە تۇخۇم يېسە بولىدۇ.
6. تۇخۇمنى قانداق يېسە ئەڭ ئاسان ھەزىم بولىدۇ؟
تۇخۇم تەركىبىدە كۆپ مىقداردا تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭكىدىن مول، تۇخۇمنى خام يېيىشكە ياكى پىشۇرۇپ يېيىشكە بولىۋېرىدۇ، ئەڭ ئاسان ھەزىم بولىدىغىنى چالا پىشقان تۇخۇم.