ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇقچاي ئىچىش بىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق

چاي ئىچىش بىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ھەممىگە ئايان، چاي ئىچىش كىشىنى روھلاندۇرىدۇ، ئەمما چاينىڭ چوڭ مېڭىگە بولغان پايدىسى بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، دائىم چاي ئىچىدىغانلارنىڭ ياشىنىپ قالغاندىن كېيىنكى مېڭە قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ساغلام بولۇپ، بىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەشنى ئاستىلىتىشقا ياردىمى بار ئىكەن.چاي يوپۇرمىقىنىڭ تەركىبى چوڭ مېڭە رايونى ئارىلىقىدىكى تۇتىشىشقا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، داۋاملىق چاي ئىچىش مېڭە قىسمىنىڭ قارشىلىق كۈچىنى ياش تەسىرىدىكى قۇرۇلمىدىن ئۆزگەرتىۋېتىدىكەن.

تەتقىقات كوللېكتىپى 36 نەپەر 60 ياشتىن يۇقىرى كىشىنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان بولۇپ، 2015- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، پىسىخىكا ساغلاملىقى قاتارلىقلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنى يىغقان ھەمدە ئۇلارغا قارىتا روھىي پىسخىكا سىنىقى ۋە يادرو ماگنىتلىق تەسۋىر ھاسىل قىلىش ئېلىپ بارغان. ئۇلارنىڭ بىلىش ئىپادىسى ۋە تەسۋىر ھاسىل قىلىش نەتىجىسى ئارقىلىق، تەتقىقاتچىلار مەيلى كۆك چاي، ۋۇلۇڭ چېيى ياكى پەمىل چاي ئىچسۇن، 25 يىلدىن بۇيان ھەر ھەپتە ئاز دېگەندە تۆت قېتىم چاي ئىچىدىغانلارنىڭ مېڭە رايونىدىكى تۇتىشىشنىڭ چاي ئىچمەيدىغانلارغا قارىغاندا يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

تەتقىقاتچىلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، يول قاتنىشىنى مىسالغا ئالغاندا، يول ياخشى لايىھەلەنسە، ئاپتوموبىل ۋە پىيادىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغىنىغا ئوخشاش، مېڭە رايونىنىڭ تۇتىشىش قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ياخشى بولغاندا، چوڭ مېڭىنىڭ ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىشى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولىدىكەن. بۇ كوللېكتىپنىڭ 2017-يىلى بايقىشىچە، ھەر كۈنى چاي ئىچكەندە، قېرىغاندىكى بىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش خەتىرى %50 تۆۋەنلەيدىكەن. بۇ مىسال تەتقىقات نەتىجىسىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسپاتلىغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، دائىم چاي ئىچىدىغانلارنىڭ مېڭە قىسمىنى ئۈنۈمسىز تۇتاشقان توسالغۇلاردىن ساقلاپ، بىلىش سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىشىنى ئاستىلىتىشقاياردىمى بولىدىكەن.

كوئىنلون تورى دىن ئېلىندى
مەسئۇل تەھرىر: گۈلمىرە

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-07-07

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-05-30 / 12:48:44

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ