ئەمچەك كېسەللىكى ھەققىدە

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ھازىر جەمىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ئاياللار كېسەللىكى يىلدىن –يىلغا كۈپەيمەكتە بۇنىڭ ئېچىدە ئەمچەك كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغان ۋە مۇشۇ كېسەل بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغان ئاياللارمۇ يەنە كۆپ نىسپەتنى ئېگەللەپ كەلمەكتە

بۇ ئەزانىڭ پەقەت بالا ئېمىتىش رۇلى بۇلۇپلا قالماستىن يەنە بەدەندە نۇرغۇن فونكىسسىيلىك رولى بار .ئەمچەك كېسەللىكى ئاساسلىقى ئېچكى ئاجراتما سېستىمىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ ئەگەر ئېچكى ئاجراتما سېستىمىسى قالايمىقانلاشسا بۇ ئەزادىن مەلوم دەرىجىدە كېسەللىك ئۆزگۇرشى پەيدا بۇلىدۇ .بۇنىڭدىن باشقا تۇغمىغان ئاياللار، تۇغۇپ بالا ئېمىتمىگەن ئاياللادا كۆپ بالا ئالدۇرغان ئاياللاردا ،خىزمەت بېسىمى ئېغىر ،كۆپ چارچىغان ،ئۇزۇن ۋاقىت روھى چۈشكەن ئاياللاردا ،ئۇزاق ۋاقىت ئاياللىق ھۇرمىنى ئېشلەتكەن ئاياللاردا ۋە ئۇرۇق نتۇققانلار ئارىسىدا ئەمچەك كىسىلى بۇلغان ئاياللاردا ئەمچەك كىسىلى بىلەن ئاغرىش نىسپىتى كۆپ بۇلىدۇ .

ئەمچەك كېسەللىكى ھەققىدە

بەزى ئەمچەك كىسەللىكلىرى بەدەندە ھەرخىل ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىپ ھەرخىل كىسەللىك ئۆزگۈرشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشى مۇمكىن .يەنە بەزى كىسەللىكلەر بەدەندە باشقا كىسەللىك ئالامىتى پەيدا قىلماي مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن بەزى غەيرى كىسەللىكنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا ھەر بىر ئايال چۇقۇم ئۆزىنى ئاسىراشنى بىلىشى ئۆزۋاختىدا دوختۇرغا بېرىپ ئۆزلىكىدىن ئۆزىنى تەكشۇرتۇپ تۇرىشى ،كىسەللىكنى بۇرۇن بايقاپ بۇرۇن دېئاگىنۇز قۇيۇپ ۋە ۋاختىدا داۋالاپ تۇرىشى ،يامان سۇپەتلىك كىسەلنىڭ پەيدا بۇلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك .

ئەمچەك كىسەللىكىنىڭ بەدەندىكى كىلىنىكىلىق ئىپادىسى ھەرخل بۇلۇپ ،ئۇخشاش بۇلمىغان كىسەللەردە يەنە ئۇخشاش بۇلمىغان بەدەن ئالامىتى پەيدا بۇلىدۇ .

1. ئەمچەك ئاغرىش – بەدەن تېمپىراتۇرىسى ئۆرلەش .

1) ئەمچەك ئاغرىپ،قىزىرىپ،باسسا ياكى كىيىم تەگسىمۇ قاتتىق ئاغرىسا-بۇ ئاساسەن تېز خارەكتىرلىك ئەمچەك ياللۇغىدا كۆرۈلىدۇ .
2) ئەمچەك دەۋىر خارەكتىرلىك ئاغرىش-مۇنەكچە ئانچە ئېنىق ئەمەس ياكى كىچىك ھېيىز كېلىشتىن بۇرۇن ياكى ھېيىز مەزگىلىدە ئاغرىش پەيدا بولسا ،ياكى ئاغرىش كەيپىيات بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا بۇ ئاساسەن ئەمچەك بەز ئۆسمىسى ياكى فىزىلوگىيىلىك ئەمچەك ئاغرىش ئالامىتى دەپ ئاتىلىدۇ.
3) ئەمچەك ئاغرىش بەك ئېغىر ئەمەس لىكىن مۇنەكچىنى ئاساس قىلىپ باسقاندا ئاغرىسا بۇ توقۇلمىلارنىڭ ئۆسۈكچىسى ۋە ئەمچەك توقۇلمىلىرىنىڭ تۈزۈلىشى ياخشى بولماسلىق كېسەللىكىدە كۆرۈلىدۇ.
4) بىرلا ئورۇن داۋاملىق ياكى ئۇزۇن مۇددەت ئاغرىسا ،ئاغرىغان ئورۇندا مۇنەكچە پەيدا بولسا بۇ ئاساسەن ئەمچەك راكىدا كۆرۈلىدۇ.

2. ئەمچەك ئۇچىدىن ئاجراتما ئاجراتما ئاجرىلىپ چىقىش:

1) ئىككى تەرەپ ئەمچەكتىن بالا ئىمىتىش مەزگىلىدىن باشقا مەزگىلدە سۈتكە ئوخشاش سۇيۇقلۇق ئاجرىلىپ چىقسا بۇ ئادەتتە ئىچكى ئاجراتمىنىڭ قالايمىقانلىشىشىدىن پەيدا بولىدۇ .
2) يىرىڭلىق سويۇقلۇق ئاجرىلىپ چىقسا –بۇ ئاستا خارەكتىرلىك ياللۇغلىنىشتا كۆپ كۆرۈلىدۇ .
3) سېرىق ۋە يېشىل چاپلاشقاق سۇيۇقلۇق ئاجرىلىپ چىقسا –ئاساسلىقى ئەمچەك بەز كانالچىلىرىنىڭ كېڭىيىپ كېڭىيىپ كېتىشى ۋە كانالچىلارنىڭ خالتىسىمان ئۆسۇكچىسىدە كۆرۈلىدۇ .
4) ئەمچەك تۈگمىسىنىڭ ئاستىدا مۇنەكچە بولۇپ ،ئەمچەك ئۇچىدىن قانغا ئوخشاش سويۇقلۇق ئاجرىلىپ چىقسا –بۇ ئاساسلىقى كانالچىلارنىڭ ئەمچەك تۈگمىسىمان ئۆسمىسىدە كۆرۈلىدۇ .
5) قاندەك ياكى سۈزۈك قاندەك سويۇقلۇق ئاجرىلىپ چىقىپ ،ئەمچەكتە قاتتىق مۇنەكچە بايقالسا ،بۇ كانالچە راكىدا كۆرۈلىدۇ.

3. ئەمچەكتە مۇنەكچە پەيدا بولۇش .

مۇنەكچە ئورنى

1) ياللۇغىنىشتىن بولغان مۇنەكچە ئەمچەكتە ئوخشاش بولمىغىن ئورۇننى ئىگەللەيدۇ .چىگرىسى ئېنىق ئەمەس .
2) يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەر ئاساسەن ئەمچەكنىڭ سىرىتقى ئۈستى رايونىدا كۆپ كۆرىلىدۇ.
3) كانايچە ئىچى ئەمچەك تۈگمىسىمان ئۆسمىسى ئاساسەن ئەمچەك تۈگمىسى ئاستى رايونىدا كۆرۈلىدۇ .

مۇنەكچىنىنڭ بەدەندىكى ئىپادىسى

1) مۇنەكچىنىڭ يۆتكىلىشى ياخشى ،سىلىق ،چىگراسى ئېنىق بىر ياكى كۆپ ،بىر ياكى ئىككى ئەمچەكتە كۆرۈلسە بۇ ئاساسەن ئەمچەك بەز ئۆسۈكچىسىدە كۆرۈلىدۇ .
2) بۇغدايدەك ياكى ئۇزۇنچاق ياكى ھەر خىل شەكىلدە بولۇپ ،ئەمچەكتە ئاغرىش بولسا بۇ ئاساسەن ئەمچەك بەز ئۆسۈكچىسىدە كۆرۈلىدۇ .
3) مۇنەكچە قاتتىق ،چىگراسى ئېنىق ئەمەس ،سىرىتقى يۈزى ئەگرى –بۈگرى ،يۆتكۈلىشى ياخشى بولمىسا بۇ ئاساسەن ئەمچەك راكىدا كۆرۈلىدۇ .
4) بەدەن زەخمىلىنىپ ،ئەمچەكتە مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن مۇنەكچە پەيدا بولسا ،بۇ ئاساسەن ئەمچەك راكىدا كۆرۈلىدۇ .

4. ئەمچەك تېرىسىدىكى ئۆزگۈرۈش .

1) بالا ئېمىتكەن ئاياللاردا ئەمچەك تېرىسى قىزىرىش ،ئىشىش ،قىزىرىش ۋە ئاغرىش ئالامىتى كۆرۈلسە بۇ ئاساسەن يۇقۇملىنىشتىن پەيدا بولىدۇ .
2) ئەمچەك تېرىسى يىرىڭداپ ،شەلۋەرەپ سەي چېچەكلىگەندەك ئۆزگىرىش پەيدا بولسا ئەمچەك راكىدىن گۇمانلىنىشقا بولىدۇ .
3) ئەمچەك تېرىسى جۈزە پوستىدەك ئۆزگىرىش پەيدا قىلسا –ئەمچەك راكىدىن كۆرۈلىدۇ .
4) ئەمچەك تېرىسى ئويمانلىشىش ،يەنى ئىچىگە كىرىپ كەتكەندەك ئۆزگۈرۈش بولغان بولسا بۇمۇ ئەمچەك راكىدا كۆرۈلىدۇ.

5.ئەمچەك تۈگمىسىدىكى ئۆزگىرىش.

1) تۇغۇتتىنلا ئەمچەك تۈگمىسى ئېچىگە كىرىپ كەتكەن بۇلسا بۇ ئاساسەن تۇغۇلما خارەكتىرلىك بۇلىدۇ .
2) كىيىن شەكىللەنگەن ئەمچەك تۇگمىسى ئېچىگە كىرىپ كىتىش ئاساسەن ئەمچەك راكىدا كۇرىلىدۇ .
3) ئەمچەك تۇگمىسى ئېگىزلەپ ياكى بەك ئۈستىدە بۇلسا بۇ كۆپ قىسمى يامان سۇپەتلىك ئۆسمىدىن ئاز قىسمى تىز خارەكتىرلىك يۇقۇملىنىشتىن بۇلىدۇ .
4) ئەرلەردە ئەمچەك تۇگمىسى ئېچىگە كىرىپ كەتسە بۇ ئاساسەن ئەمچەك راكىدا كۇرىلىدۇ .

6.قولتۇق لىمفا تۇگۇنى يوغىناش.

1) جىددى خارەكتىرلىك ياللۇغلىنىش ئادەتتە شۇ تەرەپنىڭ قولتۇق لىمفا تۇگۈنى ئىشىشنى كەلتۇرۈپ چىقىدۇ .
2) ئەمچەكتە يامان سۈپەتلىك ئۆسمە بولسا يەنە قولتۇق لىمفا تۈگۈنىنىڭ ئىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
3) ئۆسمە قانچە چوڭ بولسا ،قوليۇققا يۆتكىلىدىغان لىمفا تۈگۈنى شۇنچە كۆپ بولىدۇ .
ئەمچەك راكى قولتۇق لىمفا تۈگۈنىگە يۆتكىلىپ ،لىمفا كانىلى ۋە ياكى شۇ يەردىكى ۋىنالارنى بېسىپ شۇ تەرەپ ئۈستى مۆچىنىڭ سۇلۇق ئىشىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

7. ئەمچەك راكىنىڭ باشقا ئورۇنلارغا يۆتكۈلىشى .

1) بىر تەرەپتە ئەمچەك راكى بولسا –يەنە بىر تەرەپكە يۆتكىلىدۇ.
2) بىر تەرەپتە ئەمچەك راكى بولسا ،باش تېرىسىگە يۆتكىلىدۇ .
3) بەزى ئەمچەك راكى پۈتۈن بەدەنگە يۈتكىلىدۇ .

مەسلەن:ئۆپكە ، جىگەر ، سۆڭەك قاتارلىق ئورۇنلارغا يۆتكىلىدۇ.

ئەگەر سىزدە مۇشۇنۇڭغا ئوخشاش بەدەن ئالامىتى بولسا دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ ، داۋالاش ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

ئاياللار چوقۇم يىلدا بىر قېتىم ياكى بولمىسا 6 ئايدا بىر قېتىم ئۆزىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى بەدەندە نورمالسىز ئەھۋاللارنى بايقىغاندا دەرھال داۋالاش تەدبىرى قوللىنىپ يامان سۈپەتلىك كېسەللىكنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك . بولۇپمۇ 40 ياشتىن ئاشقان ئاياللار بۇنىڭغا چوقۇم ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك .چۈنكى ئەمچەك راكى تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللاردا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بىرقەدەر كۆپ بولىدۇ.

1) 40 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان ئاياللاردا
2) بىۋاستە ئائىلىسىدە ئەمچەك راكى كېسىلى بىلەن ئاغرىغان ئاياللاردا
3) بۇرۇن ئادەت كۆرگەن ۋە كېيىن ئادەتتىن قالغان ئاياللاردا
4) بىر ئۆمۈر توي قىلمىغان ئاياللاردا ياكى توي قىلسىمۇ ئۇزاق ئولتۇرمىغان ئاياللاردا
5) پەقەت تۇغمىغان ياكى تۇغسىمۇ بالا ئېمىتمىگەن ئاياللاردا
6) كۆپ بالا ئالدۇرغان ئاياللاردا
7) بەك سېمىز ئاياللاردا
8) خىزمەت بېسىمى ئېغىر ھېرىپ چارچاش ھېرىپ-چارچاش كۆپ ۋە ئۇزاق ۋاقىت ئىچى-پۇشىقى تارتقان ئاياللاردا
9) يۇقۇرى ياشتىكى تۇغۇتلۇق ئاياللاردا مەسلەن 35 ياشتىن ئېشىپ تۇغقان ئاياللاردا
10) ئۇزاق مەزگىل ئاياللىق ھورمون ئىشلەتكەن ئاياللاردا ھورمون ئىشلەتكەن ئاياللاردا ئەمچەك راكى بىلەن ئاغرىش نىسبىتى ئادەتتىكى ئاياللارغا قارىغاندا كۆپ كۆرۈلىدۇ

ئەمچەك راكىنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى بىر قەدەر تىز بولۇپ دەسلەپتە ئۆزىدە باشقا ئۆزىدە باشقا ئۆزگىرىش بولمايدۇ.ئاساسەن پەيدا بولغان مۇنەكچە ئەمچەك سىرىتقى ئۈستى رايونىغا چاپلىشىدۇ. ئاغرىش قاتتىق ئەمەس .ئازراق يېقىمسىز ۋە يوشۇرۇن ئاغرىيدۇ .مۇنەكچە قاتتىق ،سىرىتقى يۈزى ئەگرى بۈگرى ئادەتتە كۆكرەك مۇسكۇلى ۋە تېرىگە چاپلىشىپ تۇرىدۇ . ھەركەتلىنىشى ياخشى ئەمەس .مۇقىملىشىپ كەتكەن بۇلىدۇ.كىيىن بارا-بارا تىرە يۈزىدە جۈزە تىرىسىدەك،ئويمانسىمان ئۆزگىرىش پەيدا بۇلىدۇ.ئەمچەك تۈگمىسى ئىچىگگە كىرىپ كىتىش ئەمچەك ئۇچىدىن قان-زەرداپتەك سۇيۇقلۇق ئاجرىلىپ چىقىش،قولتۇق لىمفا تۈگىنى ئىششىشنى ۋە كېسەللىك ئۆزگىرىش بولغان تەرەپ يۇقىرىقى مۆچىنىڭ سۇلۇق ئىششىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

ئەمچەك كېسەللىكى 乳腺疾病 乳房疾病

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-11-12

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-11-08 / 06:13:40

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ