ئىككىلەمچى جىنسىي بەلگىنىڭ نورمال بالاغەت مەزگىلىدە نورمالسىز ھەم بالدۇر پەيدا بولۇشى بالدۇر يېتىلىش دەپ ئاتىلىدۇ.
ئادەتتە ئۇ قىزلاردا يەتتە ياشتىن ئىلگىرى، ئوغۇللاردا توققۇز ياشتىن ئاۋۋال كۆرۈلىدىغان ئىككىلەمچى جىنسىىي بەلگىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئىككىلەمچى جىنسىي بەلگىلەر كۆرۈلگەن، ئەمما كۆپىيىش ئىقتىدارى ھازىرلانمىغان بولسا، بۇ يالغان بالدۇر يېتىلگەنلەر ياكى بالدۇر يېتىلىشى مۇكەممەل بولمىغانلار دىيىلىدۇ. ئىككىلەمچى جىنسىي بەلگىلەر كۆرۈلگەن ھەمدە كۆپىيىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بالدۇر يېتىلىش ھەقىقىي بالدۇر يېتىلىش ۋە ياكى مۇكەممەل بالدۇر يېتىلىش دەپ ئاتىلىدۇ.
كېچىكىپ يېتىلىش بىلەن بالدۇر يېتىلىش بىر بىرىگە قارىمۇ قارشى بولىدۇ. تەرەققىي قىلىپ يېتىلەلمەسلىك ئېغىر بولسا، مەڭگۈ پەرزەنتلىك بولالمايدۇ. تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، قىزلارنىڭ 95% قىسمى 12 ياشتىن 19 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا تۇنجى ئادەت كۆرىدىكەن. قىزلارنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئادەت كۆرۈشى ئەڭ كىچىكلىرىنىڭ توققۇز ياش، ئەڭ چوڭلىرىنىڭ 25 ياش ئەتراپىدىمۇ بولىدىكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا ، 14 ياشقا كىرگەن قىزلاردا جىنسىي بەلگە جەھەتتە يېتىلىش ئالامىتى بولمىسا، كېچىكىپ يېتىلىش ئىھتىماللىقىنى ئويلىشىش كېرەك.
ئىككىلەمچى جىنسىي بەلگىلەر كۆرۈلۈشكە باشلىغان نورمال قىزلارنىڭ قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ھازىرلىشىغا تۆت يىل ۋاقىت كېتىدۇ. بالاغەت مەزگىلىدە، تەننىڭ يېتىلىش ئالاھىدىلىكى كۆرۈلۈپ، جىنسىي ئەزا مۇكەممەل يېتىلىپ بولغۇچە 5 يىل ۋاقىت كېتىدۇ. 5 يىلدىن كېيىن يېتىلىپ بولمىسا، كېچىكىپ يېتىلىش ئىھتىمالى ئۈستىدە ئويلىشىشقا توغرا كېلىدۇ.
مەيلى بالدۇر يېتىلىش ياكى كېچىكىپ يېتىلىش بولسۇن، تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە، مېڭە ئاسىتى بېزى، جىنسىي بەز، بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلاق ماددىسى، قالقانسىمان بەز ۋە شۇنىڭدەك بەدەن ۋە بەدەندىكى ئەزالاردا تۇغما ياكى كېيىن شەكىللەنگەن كېسەللىكلەر بارمۇ يوق دىگەن مەسىلە ئۈستىدە ئويلىشىش كېرەك. بولسا بالىلارنى 1-2 يىلدا بىر قېتىم مۇنتىزىم دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك.
ئاياللار ساغلاملىقى ۋە جىنسىيەت كىتابىدىن ئۈزۈندە
تەھرىرلىگۈچى: نۇرمەمەت دوختۇر