قىزلارنىڭ ﮬەممىسى توي قىلىشنىڭ ئالدىدا كۈلۈپلا تۇرىدۇ ، چۈنكى ئۇلار يىگىتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ۋالاقتەككۈرلىكىنى بۇرۇن بىلىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ .
$ ياشلار لايىق تاللىغاندا خۇددى تاۋۇز تاللىغاندەك تاللىغان بولسا ، يەنى ئىچى تېشى پىشتىمۇ ، شۇنىڭغا قارىغان بولسا ئىدى تويدىن كىيىنكى نۇرغۇن قىيىن مەسىللەر ئاسانلا ﮬەل بولاتتى ….
& ئاياللارنى تېخىمۇ چۈشىنەي دېسىڭىز ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە بازار ئايلىنىڭ ……
$ ئەگەر ئەر خوتۇن بىر بىرىگە مېھماندەك ئۆتىدىغان بولسا كۈن ئۆتكۈزمەك ئىنتايىن قىيىن بولىدۇ ، چۈنكى ﮬەر ئىككىسى ئۆزىنى خوجايىن دەپ قارىۋالىدۇ …………
& ئەخلاق ۋە مۇﮬاببەت ئەرلەرگە ئۆزىنىڭ ئايالى بىلەن باشقا ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى پەرقنى كۆرسۈتۈپ بىرىدۇ ……………
& بىتەلەي يىگىت يولدىكى چىرايلىق قىزغا قاراپ مېڭىپ دىققەتسىزلىكتىن سىتولبىغا ئۈسۋالىدۇ ، تەلەيلىك يىگىت سىتولبىدىن كۆزىنى ئۈزمەي مېڭىپ ، دېققەتسىزلىكتىن چىرايلىق قىزغا ئۈسۋالىدۇ ……….
& ئۆي شۇنداق بىر جاي ، گەرچە سىز ئۇنىڭ ئىچىدە توڭلاپ تىتىرسىڭىزمۇ ، سىرتقا قارىغاندا ئىللىق ﮬىس قىلىسىز ………………..
& ئەرلەرنىڭ ئەينەككە قاراپ قويماسلىقىدىكى سەۋەپ ئۇلار ئۇنىڭ ئىچىدىن ئاياللارنى تاپالمايدۇ ………….
& ئەرلەر قاپىقىنى تۈرگەندە ئاياللار يىغلايدۇ ، ئاياللار يىغلىغاندا ئەرلەرنىڭ قاپىقى تۈرۈلىدۇ ….
& ئاياللار كۆپرەك دوستۇم بولسۇن دەپ ئويلىسا ، چىرايلىق ياسىنىپ يۈرىشى كېرەك ، ئەگەر رىقابەتچىم كۆپەيسۇن دېسە تېخىمۇ چىرايلىق ياسىنىپ يۈرىشى كېرەك …………..