بالىلار بەزىدە ئويناۋاتقان ياكى تۇتالايدىغان نەرسىلەرنى (مەسىلەن، تۈگمە، مېتال پۇل، مىخ، شارەك، يىڭنە قاتارلىقلار) ئاغزىغا سېلىپ ئويناۋېتىپ تۇيۇقسىزلا دىققەتسىزلىكتىن يۇتۇۋالىدۇ ئاتا – ئانىلار بالا ھاياتىنىڭ خەۋپتە قېلىشى ياكى كېيىنكى ھەر ئېھتىمالدىن ئەنسىرەپ نېمە قىلىشىنى بىلمەي ھودۇقۇپ دوختۇرغا يۈگۈرىدۇ
بالا يۇتۇۋالغان يات بۇيۇملارنى زادى قانداق زىيىنى بار؟ قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەڭ ئاۋۋال بالا تۇيۇقسىز يۇتۇۋالغان نەرسىنىڭ شەكلى، چوڭ – كىچىكلىكى، ئۇزۇن – قىسقىلىقى قاتارلىقلارنى ئىگىلەش لازىم. ئەگەر بالا يۇتۇۋالغان نەرسە مېتال پۇل، تۈگمە قاتارلىق دۈگىلەك شەكىلدىكى نەرسىلەر بولسا، ئۇچلۇق قىرلىق بولمىسىلا ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ خىل نەرسىلەر 1 – 2 كۈن ئىچىدە چوڭ تەرەت بىلەن بىللە چۈشۈپ كېتىدۇ.
ئەگەر يۇتۇۋالغان نەرسە يىڭنە، مىخ، تۆمۈر پارچىسى قاتارلىق ئۇچلۇق نەرسىلەر بولسا ئېتىبارسىز قاراشقا بولمايدۇ. بۇ خىل نەرسىلەر ئۈچەي دىۋارلىرىنى تېشىۋېتىشى مۇمكىن. بۇنداق نەرسىلەرنى زۆرۈر تېپىلغاندا ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ. بەزىدە يىڭنە، مىخ قاتارلىق قىرلىق نەرسىلەرمۇ چوڭ تەرەت ئارقىلىق ئۆزلۈكىدىن چۈشۈپمۇ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا ئاتا – ئانىلار ئادەتتە بالىلار ئوينىغاندا قىرلىق، ئۇچلۇق نەرسىلەر ۋە يۇقىرىقىدەك نەرسىلەرنى تۇتقۇزماسلىقى لازىم. ئادەمنىڭ ئۈچىيى ئاستا – ئاستا ئۈزلۈكسىز ھالدا لۆمۈلدەش ئارقىلىق ئۈچەي ئىچىدىكى نەرسىلەرنى تۆۋەنگە قاراپ سىلجىتىدۇ. نەرسىلەر چوڭ ۋ ئۇزۇن بولمىسىلا ياكى سىرتىدىن بېسىم تەسىرى بولمىسىلا ئادەتتە ئۈچەي دىۋارلىرىنى زەخىملەندۈرمەيدۇ.
مېتال بۇيۇملارنى بالىلار يۇتۇۋالغاندا ئەڭ ئاۋۋال يۇتۇۋالغان نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش بىلەن شۇ نەرسىنىڭ ھەزىم قىلىش يوللىرىنى زەخىملەندۈرۈش ئېھتىمالى بار يوقلۇقىنى پەرەز قىلغاندىن كېيىن ئاندىن مۇۋاپىق چارە تەدبىر قوللىنىش، ئەڭ ياخشىسى بالىنىڭ يۇتۇۋالغان نەرسىسىنىڭ شەكلىنى ۋە زادى يۇتۇۋالغان ياكى يۇتۇۋالمىغانلىقىنى ئېنىق بىلىش ئۈچۈن رېنتىگېنگە چۈشۈرۈپ كۆرۈش كېرەك. رېنتىگېنگە چۈشۈرۈش ئارقىلىق يۇتۇۋالغان نەرسىنىڭ ھەزىم قىلىش يولىدا تۇرغان ئورنى، شەكلى، چوڭ كىچىكلىكى ۋە ئۇنىڭ ساننى ئېنىقلىۋېلىش كېرەك.
ئەگەر يۇتۇۋالغان مېتال بۇيۇملار ئۇچلۇق ياكى قىرلىق بولسا دەرھال دوختۇرخانا جىددىي كېسەل كۆرۈش بۆلۈمىگە كۆرسىتىش كېرەك. شۇنداقلا يۇتۇۋالغان نەرسىنىڭ ئۈچەي دىۋارىنى تېشىۋېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بالىنىڭ قورسىقىنى ھەرگىزمۇ باسماسلىق ھەمدە ئىشتان كەمەرلىرىنى بوشىتىۋېتىش لازىم. ئادەتتىكى ئەھۋالدا يۇتۇۋالغان نەرسىنىڭ ئورنى، شەكلى، چوڭ ـ كىچىكلىكى، يۆنىلىشى قاتارلىقلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئىككى سائەت، تۆت سائەت، 12 سائەت، 24 سائەتتە بىر قېتىم رېنتىگېن بىلەن كۆزىتىش كېرەك. ئەگەر تەكشۈرۈش جەريانىدا يۇتۇۋالغان نەرسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا تۆۋەنگە قاراپ سىلجىۋاتقانلىقى بىلىنسە، ئۇنىڭ ئۈچەيگە سانجىلىپ قالمىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا تاكى چوڭ تەرەت يولىدىن چىقىپ كەتكىچە كۆزەتسە بولىدۇ.
ئەگەر بىر نەچچە سائەت، يېرىم كۈن ياكى بىر كۈندىن كېيىنمۇ بىر ئورۇندا توختاپ قالسا، ئۈچەي دىۋارىغا سانجىلىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنداقتا ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتىشنى ئويلىشىش كېرەك. ئەگەر رېنتىگېندە كۆزىتىش جەريانىدا دىيافراگما ئاستىدا ئەركىن گاز كۆرۈلسە، بۇ ئۈچەي تېشىلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا دەرھال ئوپېراتسىيە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
بالا يۇتۇۋالغان نەرسىلەر دۈگىلەك شەكىلدە بولسا كۈدە، بەسەي، كەرەپشە قاتارلىق ئۇزۇن تالالىق كۆكتاتلاردىن مۇۋاپىق ئىستېمال قىلسا، بۇ خىل كۆكتات ئۈچەي ھەرىكىتىنى تېزلەشتۈرۈپ، ئۈچەيدىكى نەرسىنىڭ چوڭ تەرەت ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىلىشىنى تېزلىتىدۇ. لېكىن يۇتۇۋالغان مېتال بۇيۇملار ئۇچلۇق، قىرلىق بولسا بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈم بېرىشى ناتايىن. شۇڭلاشقا بۇنداق ئەھۋالدا مەلۇم مىقداردا كەرەپشە، كۈدە، بەسەي قاتارلىقلارنى يېگۈزۈپ بېقىش، لېكىن بەك تويغۇزىۋەتمەسلىك ھەمدە ئۆز ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىش لازىم.
بەزىلەر بۇنداق بالىغا بىر يۇتۇم سۇماي ئىچكۈزۈۋەتسە ئۈچەي ئىچى سىلىقلىشىپ كىرگەن نەرسە ئاسان تۆۋەنگە سىلجىيدۇ دەپ تونۇيدۇ. بۇنداق قىلىشنىڭ زىيىنى باركى پايدىسى يوق. بالىغا ماي ئىچكۈزگەندە ئۈچەي ھەرىكىتى كۆرۈنەرلىك ھالدا كۈچىيىپ ھەم تېزلىشىپ بالىنىڭ ئىچى سۈرىدۇ. ئەگەر يۇتۇۋالغان نەرسە قىرلىق بولسا ئۈچەي تېشىلىپ كېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن.
ئومۇمەن بالىلار تۇيۇقسىز مېتال بۇيۇملارنى ۋە يات بۇيۇملارنى يۇتۇۋالسا ئاتا – ئانىلار جىددىيلىشىپ كەتمەي، ئەنسىرىمەي، دوختۇرنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئىش قىلىش كېرەك.