ئانا سەھىپەخانىم قىزلارتەربىيە ۋە ساۋاقئەقىللىق قىز بولاي دېسىڭىز تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى بىلىشىڭىز لازىم(2)

ئەقىللىق قىز بولاي دېسىڭىز تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى بىلىشىڭىز لازىم(2)

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ئەقىللىق قىز بولاي دېسىڭىز تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى بىلىشىڭىز لازىم(2)

ئەقىللىق قىز بولاي دېسىڭىز تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى بىلىشىڭىز لازىم(2)

26. قولدىن بېرىپ قويغان ياخشى يىگىت ئۇچۇن پۇشمان قىلىپ كەتمەڭ، چۈنكى ئۇلار سىزگە ئاش بولمايدۇ، كوزىڭىزنى چوڭ ئىچىپ يەنە بىرنى ئىزدەڭ.

27. كىيىملىرىڭىز چوقۇم ماسلاشقان بولسۇن، ئۇستى بېشىڭىزدىن ئاياللىق توكۇلۇپ تۇرسۇن.

28. ئائىلىسى بار ئەرلەرنى ياخشى كورۇپ قالماڭ. چۈنكى ئۇلار ئايالى بىلەن ئاجىرشىپ كەتىپ سىز بىلەن توي قىلماقچى بولغانلىقى ھەيران قالارلىق ئەمەس. ئۇ چوقۇم يەنە بىر قىز بىلەن شۇنداق قىلالايدۇ.

29. تۇغۇلغان كۇنىڭىزدە ياكى قىزلار بايرىمىدا سىزگە گۇل سوغا قىلىدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك يوق ، سىز ئۆزىڭىز شۇ گۈللەرنى سېتىۋېلىپ سىزنى ئاپىرىدە قىلغان ئاتا ئاتىڭىزغا سوغا قىلىڭ.

30. سىز ياخشى كۆرگەن ھەر قانداق كىشىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۇنىنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ.ئەلۋەتتە ئوزىڭىزمۇ بۇنىڭ ئىچىدە.

31. سىز ئەلۋەتتە بىر يىگىتنى ياخشى كورسىڭىز بولىدۇ ، بىراق بارلىق سويگۇڭىزنى ئۇنىڭ قوينىغا توكۇپ بەرمەڭ.چۈنكى ھاياتلىقتا ھاياتىڭىزنى سەپ بېرىپ سويگۇدەك يىگىت مەۋجۇتمىدۇ؟… شۇڭا ئوزىڭىزنى قەدىرلەشنى بىلىڭ. چۈنكى ئوزىڭىزنى قەدىرلىگەندىلا باشقىلارنىڭ ياخشى كورىشىگە ئېرىشەلەيسىز…

32. ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن كىشىگە ئۇچۇر ئەۋەتىڭ. ئەگەر ئۇنىڭدىن ئىنكاس بولمىسا سىزمۇ چېكىت ئۇرۇڭ.

33. يالغۇزلۇق ھىس قىلسىڭىز. دوسلىرىڭىزنى ئىزدەڭ بۇلار بىلەن پاراڭلىشىڭ،كوچا چوگىلەڭ،بىرگە تاماق يەڭ.. يالغۇزلۇق ئىچىدە ئوزىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ.

34. ئۆزىڭىز ئۇچۇن ناخشا ئېيتىشى بىلىڭ. ياخشى ئەيتالمىسىڭىزمۇ مەيلى. چوقۇم ئۆزىڭىز ئۇچۇن ياخشى ياشاڭ.

35. ئەگەر كوڭلىڭىز يېرىم بولۇپ يىغلىغىڭىز كەلسە، ئىشەنچىلىك بىرىنىڭ ئالدىغا بېرىڭ. ھەرگىزمۇ خالىغانلا بىرىنىڭ مورىسىنى،ئىجارىگە ئەلىپ يۈرمەڭ.

36. ئەتىگەن سىرتقا چىقىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئەينەككە قاراپ ئۆزىڭىزگە ئىللىق بىر كۇلۇمسىرەشنى ئۇنۇتماڭ.

37. بۇندىن كېيىن ئەقىللىقلىق بولۇڭ، يىگىتىڭىزنىڭ سىزنى ياخشى كورىدىغان كورمەيدىغانلىقىنى سوراۋەرمەڭ،ئۇ ياخشى كۆرسە چوقۇم تەبىئى ھالدا دەيدۇ. سىزدىن سورۇلۇپ بەرمەكچى بولغان جاۋابىدىن ئۇ مەغرورلۇق،ھىس قىلىپ سىزگە ئەتىبارسىزلىشىدۇ.

38. سويگۇڭىزگە تەڭ نىسبەتتە مۇئامىلە قىلىڭ ، كوپ كېمىگە دەسسىسىڭىز كېمە ھامىنى ئۆرۇلۇپ چۇشىدۇ.

39. 24 سائەت بىر يىگىتنى ئويلاپلا ئۆتمەڭ. باشقا دوسلىرىڭىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرگىمۇ ۋاقىت بېرىڭ.

40. ئەگەر بىرسىنى ياخشى كورسىڭىز. مۇۋاپىق ۋاقتىنى تېپىپ بۇ ھىسياتىڭىزنى چوقۇم بىلدۇرۇڭ،بەلكىم بۇنىڭدىن سىز جاۋابقا ئېىرىشەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن بىراق سىز ئوز سويگۇڭىز ئۇچۇن ھامىنى تىرىشتىڭىز شۇڭا ھەرگىز پۇشمان قىلمايسىز…تەنگە ئاچچىق ھالدا تەنھا سىڭىپ كەتكەن سويگۇ تولىمۇ ئازاپلىق ئېچىنىشلىق بولىدۇ.

41. ۋاقىت ئوتكۇزىدىغان مۇۋاپىق بىر سورۇنىڭىز بولىشى كېرەك. مەسلەن: كىتابخانا،كۇتۇپخانا… دىگەندەك. بۇ يەردىكى مۇلازىملار سىزنى تونۇپ كەتسۇن. بۇنداق بولغاندا زېرىكىپ قالغاندا بارىدىغان ئىللىق ماكانغا ئېرىشكەندەك بولىسىز..

42. ئەگەر بىرەر “يىگىت سىزنى ياخشى كورىمەن” دىسە ئىشىنىڭ. “سىزنى ياخشى كورمەيدىغان بولۇپ قالدىم” دىسىمۇ ئىشىنىڭ چۈنكى، سىزنى ياخشى كورمەيدىغان ئىنسان بىلەن پاتراق يىراق بولسىڭىز بۇ سىزنىڭ تەلىيىڭىز…

43. باشقىلارنىڭ گېپىنى قىلىش توغرا كەلگەندە ھەرگىزمۇ ئۇنى يامان تىلدا تەسۋىرلىمەڭ. دېيىش كەلسىمۇ ياخشى تەرەپتىن سۆزلەڭ.

44. ئۆزىڭىزگە يارىشىملىق، چىرايلىق ئۇخلاش كىيىمى سېتىۋېلىڭ،بۇ كىيىم بەك رۇمانتىك بولسىمۇ مەيلى…

45. قولىڭىزنى ئاسىراڭ. چۈنكى قولىڭىز سىزنىڭ ئىككىنجى يۇزىڭىز. بىراق ئاسىرىدىم دەپ ھىچ ئىشنى قىلمىسىڭىز تېخى بولمايدۇ.

46. ئاتا-ئانىڭىزنى ئەسلەپ تۇرۇڭ. ئۇلارغا ئوزىڭىزنىڭ كويىمىنى بىلدۇرۇڭ، ئۇلارنىڭ يۇرۇكىنى يېنىك قىلىڭ..

47. ئويىڭىزدىكى گۇللەرگە سۇ قۇيۇشنى ئۇنۇتماڭ. كاماندىروپكىغا ياكى يىراق بىرەر جايغا بېرىشنىڭ ئالدىدا ئۆيىڭىزنى ياخشى تازىلاپ قويۇڭ. بۇنداق قىلغاندا قايتىپ كەلگەندە ئىللىق ئائىلىنىڭ مېھرىدىن بەھرىمان بولىسىز..

48. ئامال بار ئۇزۇن چاچ قويۇڭ. چۈنكى قىسقا چاچ گەرچە يىغىملىق بولغىنى بىلەن ئاياللىق جەزبىدارلىقىڭىزنى نامايەن قىلىپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىدۇ.

49. ناۋادا يىگىت ئۆزىنىڭ خىزمەت ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىپ، ياكى باشقا ئالدىراشلىقلىرىنى باھانە قىلىپ سىزنىڭ ئۇچۇرىڭىزغا ئىنكاس قىلمىسا،سىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىڭىزغا كوڭۇل بۆلمىسە،غەيرەتلىك بولۇپ سىزمۇ ئوزلىكىڭىزدىن يىراقلىشىڭ.ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز كۆڭۇل بۆلدىغىنىدىن ئارتۇق ھەقىقەت مەۋجۇت ئەمەس.سىزنى ياخشى كورمەيدىغان ئىنسانغا بېرىلىشىڭىز ۋاقىت ۋە ھېسيات ئىسراپچىلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس..

50. يىگىت سىزدىن چىن كوڭلىدىن ئەپۇ سورىسا ئۇنى كەچۇرۇشنى بىلىڭ. كەچۇرۇمگە ئېرىشكەن بۇ يىگىت سىزدەك بىر مېھىرىلىك قىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن قورقىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ