فىزىئولوگىيە
Physiology
生理学
فىزىئولوگىيە ، جانلىقلار بەدىنىنىڭ ئىچكى پائالىيىتى ۋە تاشقى دۇنياغا ئىپادىلىنىشىنى تەتقىق قىلىدىغان بىئولوگىيەنىڭ تارمىقى. جانلىقلار ئەڭ ئاددىي مىكرو ئورگانىزملاردىن تارتىپ ئەڭ مۇرەككەپ ئادەم بەدىنىگىچە بولىدۇ. فىزىئولوگىيە ئىلمىدە ئوخشىمىغان تەتقىقات ئوبيېكتلىرى بولغاچقا ، 1. مىكروب فىزىئولوگىيىسى ، 2. ئۆسۈملۈك فىزىئولوگىيىسى ، 3. ھايۋانلارنىڭ فىزىئولوگىيىسى ۋە 4. ئادەم بەدىنى فىزىئولوگىيىسى دەپ ئايرىشقا بولىدۇ. ھايۋانلارنىڭ فىزىئولوگىيىسى ، بولۇپمۇ سۈت ئەمگۈچىلەرنىڭ فىزىئولوگىيىسى ۋە ئىنسانلارنىڭ فىزىئولوگىيىسى زىچ مۇناسىۋەتلىك ، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئورتاق نۇقتىلىرى بار ، بىللە تەتقىق قىلغىلى بولىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ، فىزىئولوگىيە ئاساسلىقى ئادەم بەدىنى ۋە ئومۇرتقىلىقلارنىڭ فىزىئولوگىيىسىنى كۆرسىتىدۇ.
فىزىئولوگىيە سۆزى يۇنان تىلىدىن ئىنگىلىزچىگە كىرگەن بولۇپ، يۇنانچە physis سۆزىدىن تۈرلەنگەن. مەنىسى «تەبىئىي، ئەسلى» مەنىدە بولىدۇ. -ology بولسا پەن، تەتقىقات مەنىسىدە.
فىزىئولوگىيە تەتقىقاتىنى قەدىمكى ھىندىستان مەدەنىيىتىدە تىلغا ئېلىنغان. مىسىرنىڭمۇ ئاناتومىيە تەتقىقاتى بولغان ئەمما تىرىك بەدەندە ئېلىپ بېرىلغان ئاناتىمىيەلىك تەتقىقاتلار ئانچە كۆپ يېزىپ قالدۇرۇلمىغان. ھازىرقى تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئادەم بەدىنى فىزىئولوگىيىسىنى داۋالاش ساھەسى سۈپىتىدە مىلادىدىن بۇرۇنقى 420-يىللاردا ھىپپوكرات تۇنجى ئوتتۇرىغا قويدى دەپ قارىلىدۇ، بۇ سەۋەبتىن بۇ كىشى تېببىينىڭ ئاتىسى دەپ ئاتالغان. قەدىمكى گرېتسىيە ئالىمى ئارىستوتىل (مىلادىيە 126-199-يىللىرى) بولسا، ئادەم بەدىنىنىڭ تۈزۈلۈش قۇرۇلمىسى بىلەن فونكىسىيىسىنى بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىغان. گالېن ئىسىملىك ئالىم بولسا تۇنجى قېتىم تەجرىبە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئادەم بەدىنى فىزىئولوگىيىسىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان ۋە تەجرىبە فىزىئولوگىيىسى نەزىرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
فرانسىيە دوختۇرى ژان فېرنېل (1497-1558) تۇنجى قېتىم فىزىئولوگىيە دېگەن سۆزنى مېدىتسىنا ساھەسىدە رەسمىي ئىشلىتىشكە باشلىغان.
19-ئەسىردە ، فىزىئولوگىيىلىك بىلىملەر بىر قەدەر تېز تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان، بولۇپمۇ ماتتىئاس شلېيدېن Matthias Schleiden ۋە تېئودور شۋان Theodor Schwann ئىككىسى 1838-يىلىدە ھۈجەيرە نەزىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇنىڭدا جانلىقلار ھۈجەيرىدىن تەركىب تاپقانلىقى كۆرسەتكەن. كلاۋۇد بېرنارد Claude Bernard (1813 – 1878) تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا، بەدەن ئىچكى مۇھىت نەزىرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.