يۈرەكتە 4 بوشلۇق بولىدۇ. بۇ خۇددىي بىر ئۆينىڭ 4 ئايرىم ئايرىم ياتىقىغا ئوخشايدۇ. ئۈستىدىكى ئىككىسى يۈرەك دالانچىسى، ئاستىدىكى ئىككىسى بولسا يۈرەك قېرىنچىسى دەپ ئاتايمىز. يۈرەكنىڭ مۇسكۇللىرى قىسقىراش ۋە كېڭىيىشى ئارقىلىق قانلار بىر بوشلۇقتىن يەنە بىر بوشلۇققا قاراپ ماڭىدۇ. بەدەندىكى قانلار ئوڭ يۈرەك دالانچىسىغا كېلىدۇ، بۇ دالانچا قىسقىراق سىقىش ئارقىلىق ، قاننى ئوڭ يۈرەك قېرىنچىسىگە ئەۋەتىدۇ، ئوڭ يۈرەك قېرىنچىسى بۇ قانلارنى سىقىپ ئۆپكىگە ئەۋەتىپ بېرىدۇ. قانلار ئۆپكىڭىزدە ئوكسىگىن ئېلىپ بولغاندىن كىيىن، سول دالانچىغا كېلىدۇ. سول دالانچىدىن ئوخشاش مەنتىقى بىلەن بۇ قاننى سول قېرىنچىگە يوللايدۇ، ئاندىن سول قىرىنچا قاننى سىقىپ پومپالاپ پۈتۈن بەدىنىڭىزگە ئەۋەتىپ بېرىدۇ. ئەمدى بۇ قانلار مۇشۇ تەرتىپ بويىچە ماڭماي ئارقىسىغا مېڭىپ كىتىش ئىھتىمالى بولامدۇ؟ بولىدۇ، ئەمما شۇ ئارقىغا مېڭىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يۈرەكتە كلاپان بولىدۇ.
يۈرەك قاپقىقىنى يۈرەك كلاپانى دەپمۇ ئاتايدۇ.
ھەر بىر بوشلۇق ئارىسىدا كلاپان يەنى ئىشىك رولىنى ئوينايدىغان قاننىڭ ئارقىغا مېڭىپ كىتىشىنى توسايدىغان پەردە بولۇپ جەمئىي 4 تانە كلاپان بولىدۇ. بۇلار قانلارنىڭ ئارقىغا يېنىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇ كىلاپانلارنىڭ ئايرىم ئايرىم ئىسمى بولىدۇ، ھەم شەكلىمۇ بىراز ئوخشىماسلىق بولىدۇ. ئوڭ يۈرەك دانلانچە ۋە قېرىنچە ئارىسىدىكى كىلاپاننى ترىكاسپىت، يەنى ئۈچ ياپراقلىق كلاپان، ئوڭ قېرىنچىدىن ئۆپكىگە قان ئەۋەتىدىغان يەردىكى كلاپاننى ئۆپكە كىلاپانى دەيمىز، سول دالانچىدىن قېرىنچىگە كىرىدىغان يولدىكسىىنى بىكاسپىت، ياكى ئىككى ياپراقلىق كلاپان دەيمىز، سول قېرىنچىدىن غول تومۇر يەنى پۈتۈن بەدەنگە ئەۋەتىدىغان يەردىكىنى غول تومۇر كلاپان دەيمىز. بۇلارنى ئايرىم چۈشەندۈرۈشتىكى سەۋەب، بۇلار قانلارنىڭ ئۆز يولى بىلەن نورمال مېڭىشى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايدۇ، بۇ كلاپانلاردا كېسەللىك پەيدا بولۇش ئىھتىمالى بولىدۇ ھەتتا ئوپىراتسىيە بىلەن ئالماشتۇرۇش ئېھتىماللىغى بولىدىغان جايلاردۇر.
ئۈچ ئۇچلۇق كلاپان (ئۈچ ياپراقلىق كلاپان)
ئوڭ دالانچە بىلەن ئوڭ قېرىنچىنى ئايرىپ تۇرىدۇ. ئوڭ قېرىنچىگە بارغان قاننىڭ يېنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئىككى ئۇچلۇق كلاپان (ئۈچ ياپراقلىق كلاپان)
سول دالانچە بىلەن سول قېرىنچىنى ئايرىپ تۇرىدۇ. سول دالانچىدىن سول قېرىنچىگە بارغان قاننىڭ يېنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئائورتىك كلاپان (غول تومۇر كلاپانى)
سول قېرىنچە بىلەن غول تومۇر تۇتاشقان يەردىكى كلاپان. سول قېرىنچە قاننى غول تومۇرغا سىقىپ چىقارغاندىن كېيىن قاننىڭ ئارقىغا يېنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئۆپكە ئارتېرىيە كلاپانى
بەزىدە قىسقارتىلىپ ئۆپكە كلاپانى دەپمۇ ئاتاپ قويىدۇ. ئوڭ قېرىنچە بىلەن ئۆپكە ئارتېرىيەسىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان يەردە بولىدۇ. ئوڭ قېرىنچە قاننى ئۆپكە ئارتېرىيەسىگە سىقىپ چىقارغاندىن كېيىن، قاننىڭ ئارقىغا يېنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.