جىنسىي ئاجىزلىق – ھەر خىل ئامىللار سەۋەبىدىن ئەر كىشىنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىنىڭ ياخشى بولماي، جىنسىي ئالاقە ۋاقتىدا ئايال كىشىنى رازى قىلالماسلىقىنى كۆرسىتىدۇ .
ئەگەر ئەر كىشى جىنسىي ئالاقە ئىقتىدارىغا پۈتۈنلەي ئىگە بولمىسا، كارغا كەلمەسلىك؛ ئەرلىك ئىقتىدارى تولۇق بولمىسا، ئەرلىك ئاجىزلىق دەپ ئاتىلىدۇ . بۇ زەكەرنىڭ تۇرماسلىقى ياكى تولۇق ھەرىكەتكە كەلمەسلىكى تۈپەيلىدىن، جىنسىي قابىلىيىتىگە دەخلى يېتىپ، نورمال جىنسىي تۇرمۇش ۋە نەسىل قالدۇرۇشقا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىغان كېسەللىك .
كونكرېت ئېيتقاندا ، ئەر كىشى جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە زەكەر قايىم بولماسلىق ياكى ياخشى قاتماسلىق تۈپەيلىدىن، قانائەتلىنەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزەلمەسلىك ياكى قايىم بولۇش ۋاقتى يېتەرلىك بولماي، تېخى مەنىي ماڭمىغان ئەھۋالدا بوشاپ كېتىپ، كۆڭۈلدىكىدەك جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزەلمەسلىكنى كۆرسىتىدۇ.