ئانا سەھىپەئەرلەر يىگىتلەرئەرلەر ساغلاملىقىئەرلىك جىنسىي قۇۋۋەتنى قانداق قىلسا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟

ئەرلىك جىنسىي قۇۋۋەتنى قانداق قىلسا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە بولسۇن ، بۇرۇنقى جەمئىيەتتە بولسۇن ، ئەرلەرنىڭ توختىماي ئويلىشىدىغان ئىشلىرىنىڭ بىرى بولسا دەل مۇشۇ جىنسىي قۇۋۋەتنى قانداق قىلغاندا ئاشۇرغىلى بولىدۇ دىگەن مەسىلىدۇر تۆۋەندە تىببىي نۇقتىدىن چىقىپ تۇرۇپ بىر قانچە تەۋسىيە بېرىمىز ھەم چۈشەندۈرۈپ قويىمىز

ئەرلىك جىنسىي قۇۋۋەتنى قانداق قىلسا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟
ئەلۋەتتە دوختۇر بولمىغان بىرەر دوستىڭىزدىن سورىسىڭىزمۇ ، ئۇلار چوقۇم بىرىنجى بولۇپ بېرىدىغان جاۋابى : چېنىقىشتۇر .

چېنىقىش ، ھەقىقەتەن مەيلى ئەرلەرنىڭ بولسۇن ياكى ئاياللارنىڭ بولسۇن جىنسىي قۇۋۋىتىنى ئاشۇرالايدۇ . چۈنكى چېنىقىش ئارقىلىق بەدەندىكى مۇسكۇللارنىڭ ئېلاستىكىلىق كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى ، نېرۋىلارنىڭ سىزىمچانلىقىنى ئاشۇرغىلى ، سىرتقى دۇنيادىن كەلگەن يەنى جىنسىي مۇناسىۋەتتە قارشى تەرەپتىن كەلگەن ھىس تۇيغۇلارنى تېخىمۇ ئىتتىك قوبۇل قىلالايدىدۇ .

ئويلاپ بېقىڭ ، ئەگەر ئادەتتە سىز ئانچە چېنىقمايدىغان ، نەچچە قەۋەت پەلەمپەي ياماشسىڭىز ھاسىرايدىغان ، ياكى بەدىنىڭىز سېمىز تېرىڭىزنىڭ ئاستى مايلار بىلەن قاپلاپ كەتكەن بىرسى بولسىڭىز جىنسىي مۇناسىۋەتتە ھەرگىزمۇ بىر چېنىقىپ تۇرىدىغان ، ئۇزۇنغا چىدىيالايدىغان ، تېرىسىنىڭ ئاستى نېرۋىلارغا تولغان بىرسىنىڭ ئالىدىغان ھوزۇرىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز ھەم ئۆمۈر بويى تەسەۋۋۇر قىلالاماي ئۆتۈپ كېتىشىڭىز مۇمكىن .

شۇڭا بىرىنجى بولۇپ سىزگە چېنىقىشنى تەۋسىيە قىلىمىز . چېنىققاندىمۇ قارىغۇلارچە چېىنىقىش ئەمەس بەلكى رېتىملىق چېنىقىش ئۇسۇللىرى بولۇش لازىم . ئۇنى كېيىنكى يازمىلاردا تىلغا ئالىمىز .

ئىككىنجىدىن ، ئوزۇقلۇق تەۋسىيەسى .

ئوزۇقلۇقتا تەۋسىيەسىدە ، ئوزۇقلۇقشۇناسلار ، ئەرلەر دوختۇرلىرى ، ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى تىۋىپلار ، جۇڭيى دوختۇرلىرى بىربىرىگە ئوخشىمىغان ئوزۇقلۇقلارنى تەۋسىيە قىلىشى مۇمكىن . ئەڭ مۇھىمى بەدەندىكى ھەرقايسى ۋىتامىنلارنىڭ تولۇق بولۇشى ، ياغ ئاقسىللارنىڭ تولۇق بولۇشى ، مىنىرال ماددىلارنىڭ تولۇق بولۇشى لازىم . بۇ ماددىلارنىڭ ھەر تۈرلۈك مىۋىلەردىن ، كۆكتاتلارنىڭ ۋە گۆشلەردىن تولۇقلىيالايسىز . يەنى شۇنى دىمەكچىمەن ، ھەرگىزمۇ بىر خىللا تاماق ، مىۋىلەردىنلار چوقۇم جىنسىي ھىسسىياتى كۈچۈمنى ئاشۇرالايمەن دەپ ئويلىماڭ . چوقۇم ھەرخىل تاماق ، كۆكتات ، مىۋىلەرنى ئۆز ئارا ئارىلاشتۇرۇپ ماسلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىش لازىم .

ۋىتامىن E,ۋىتامىن C, ۋىتامىن A، ۋىتامىن B6 ، ۋىتامىن B بىرلەشمىسى ، سىنىك قاتارلىقلار ئىسپىرمىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرالايدۇ ، سانىنى كۆپەيتەلەيدۇ ، مەزى بېزى رولىنى ياخشىلاپ نېرۋا سېستىمىنى تېخىمۇ ياخشىلالايدۇ .
يېمەكلىكلەردىن بانان ، جىگەر ، بۆرەك ، ئەنجۈر ، ياڭاق ، قاق ۋە مېغىزلار ، نەشپۈت ، بۆلجۈرگەن ، كاۋا ، شاكىلات … ۋە باشقا بەزى يېمەكلىكلەرمۇ جىنسىي ھەۋەسنى يۇقىرىلىتىدۇ .

ئەمما يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك ، باشقا دوختۇرلار بەلكى باشقىچىراق تەۋسىيە ۋە تېئورىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن . نىگىزلىك ئۆزگەرمەيدىغان مەسىلە يېمەكلىكلەرنى نورمىلىق ، تۈرىلىرىنى مول ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم . مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن بەدەنگە كېرەكلىك بولغان ماددىلارنى تولۇقلىيالايمىز .

ئۈچىنجىدىن، جىنسىي تۇرمۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان ئامىل : روھىي كەيپىياتتۇر

روھىي كەيپىيات يۇقىرى ۋاقىتتا جىنسىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرالايدۇ ھەم تېخىمۇ ياخشى جىنسىي مۇناسىۋەت ئېلىپ بارالايدۇ . بەزى كىشىلەر خىزمەت جەھەتتىكى بېسىم ، ئائىلە كىرىم چىقىم بىسىمى ، تۇرمۇشتىكى توسالغۇلار… قاتارلىق ھەر تۈرلۈك سەۋەبلەردىن روھىي كەيپىياتى تۆۋەن بولۇشى بىلەن بىرگە جىنسىي ئىستىكىمۇ تۆۋەنلەپ كىتىدۇ .

شۇڭا بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەندە ھەرگىزمۇ ئۆزدە جىنسىي كېسەللىك بولۇپ قالدىم دەپ ئەنسىرەپ كەتمەسلىك كېرەك . ۋاقتىدا مەسىلىنى بايقاپ ھەل قىلىش ئارقىلىق كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرسىلا يەنە بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىپ كەلگىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچى بولۇشى كېرەك .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-24

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-01 / 03:31:52

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ