سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
نۇرغۇن ئانىلار بالىلىرىنىڭ ساغلام چوڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئادەتتە بالىلار قانچە بالدۇر سۆزلىسە، بۇ بالىنىڭ شۇنچە ئەقىللىق، چىشىنىڭ شۇنچە تېز ئۆسكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئەمما بەزى بوۋاقلار بىر ياشتىن ئاشقاندىمۇ گەپ قىلمايدۇ، يەنە كېلىپ چىشىنىڭ ئۆسۈشى ناھايىتى ئاستا بولغاچقا، نۇرغۇن ئانىلار بالامدا بىرەر مەسىلە بارمۇ قانداق دەپ ئەندىشە قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بوۋاقنىڭ ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئۈنۈملۈك چېنىقمىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان نەتىجىدۇر.
ئانىلار بوۋاقلارغا قوشۇمچە يېمەكلىك بەرگەندە بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى بەرسە مۇۋاپىق بولىدۇ.
1. يېرىم ياشتىن بىر ياشقىچە بولغان بوۋاقلار: بۇ ۋاقىتتا بوۋاققا تېخى چىش چىقمىغان بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا يۇمشاق يېمەكلىكلەر يەنى يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار، تاتلىق ياڭيۇ، كاۋا، بانان قاتارلىقلارنى بالىلارغا بېرىشكە بولىدۇ؛
2. ئازراق چاينىغىلى بولىدىغان يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، پىشقان ياڭيۇ. موما. بولكا قاتارلىقلار؛
3. چاينايدىغان يېمەكلىكلەر بىر ياشتىن يۇقىرى بوۋاقلارغا ماس كېلىدۇ، بۇنداق يېمەكلىكلەر تەرخەمەك، سەۋزە قاتارلىقلاردىن ئىبارەت، ئانىلار بۇ يېمەكلىكلەرنى چوڭراق توغراپ، بالىغا يېگۈزۈپ قويسا بولىدۇ؛
قوشۇمچە يېمەكلىكلەر بالىنىڭ چايناش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرىدۇ، بۇنداق بولغاندا بالىنىڭ سۆزلەش ئىقتىدارى ۋە چىشىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى تېخىمۇ تېزلىشىدۇ. يەنە كېلىپ قوشۇمچە يېمەكلىكلەر بالىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17730337.shtml