تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن ئاۋۋال چىش چوتكىلاپ ئاندىن ناشتا قىلىشقا ئادەتلەنگەن، بىراق بەزىلەر ئالدى بىلەن ئەتىگەنلىك تاماقنى يەپ ئاندىن كېيىن چىش چوتكىلايدۇ، ئۇنداقتا زادى قايسى ئۇسۇل توغرا؟ ئاۋۋال ناشتا قىلىپ ئاندىن چىش چوتكىلاشنىڭ قانداق زىيىنى بار؟
1. ئېغىزدىكى باكتېرىيە ھەقىقەتەن بەك كۆپ
بىزنىڭ ئېغىز بوشلۇقىمىز «باكتېرىيەلەرنى يىغىۋېلىش ئورنى»غا ئوخشايدۇ، ئىچىگە كۆپ مىقداردا پايدىلىق، زىيانلىق باكتېرىيەلەر، شۇنداقلا ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيەلەر يوشۇرۇنغان بولىدۇ. پايدىلىق باكتېرىيە بىلەن زىيانلىق باكتېرىيەلەرنىڭ نىسبىتى تەڭپۇڭ بولغاندىلا، ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىنى ساقلاپ، ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
2. ئاۋۋال ناشتا قىلىپ ئاندىن چىش چوتكىلاشنىڭ زىيىنى بارمۇ؟
ئاۋۋال ناشتا قىلىپ ئاندىن چىش چوتكىلاش ياكى ئاۋۋال چىش چوتكىلاپ ئاندىن ناشتا قىلىش مەسىلىسىگە قارىتا، جۇڭشەن داشۆسى ئېغىز بوشلۇقى كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا دوكتورى جۇ ۋاڭيۇڭ دوختۇر ئۇنىڭ قارىشىنى ئورتاقلاشتى.
ھەممىمىزگە مەلۇم بىر كېچە چىش چوتكىلىمىغاندا، چىشتا چىش باكتېرىيە دېغى پەيدا بولىدۇ، چىش باكتېرىيە دېغى چىشقا يېپىشىۋالغان باكتېرىيە توپى بولۇپ، باكتېرىيەنىڭ «پارنىك»ى ھېسابلىنىدۇ. ئەمدىلا تازىلانغان چىشتىمۇ نەچچە مىنۇتتىن كېيىن يېڭى چىش باكتېرىيە دېغى پەيدا بولىدۇ. 12 سائەتتىن كېيىن چىش باكتېرىيە دېغى دەسلەپكى قەدەمدە يېتىلىپ بولىدۇ. 10-30 كۈندىن كېيىن چىش باكتېرىيە دېغى چىشنى ئورىۋالىدۇ.
بەزى چىش دوختۇرلىرىنىڭ قارىشىچە، توغرا ئۇسۇل بولسا ئالدى بىلەن ناشتا قىلىپ ئاندىن چىش چوتكىلاش ئىكەن، چۈنكى ناشتا قىلغاندا يىرىك يېمەكلىكلەر چوتكا رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، چىشنىڭ چايناش جەريانىدا ئۆزىنى پاكىزلاش رولىنى جارى قىلدۇرىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا 20 مىنۇت ئەتراپىدا تاماق يېگەندىن كېيىن، چىشتا يېڭى چىش باكتېرىيە دېغى شەكىللىنىدۇ. ئەگەر چىشنى چوتكىلاپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ناشتا قىلسا، چىش باكتېرىيە دېغى پۈتۈن بىر كۈن ھەمراھ بولىدۇ. ئەگەر ناشتىدىن كېيىن چىش چوتكىلىغاندا، چىشتىكى يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى دەرھال چىقىرىپ تاشلاپ، چىش دېغى باكتېرىيەسىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
شۇڭا گەرچە كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئاۋۋال چىش چوتكىلاپ ناشتا قىلىشقا ئادەتلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن توغرا تەرتىپ بويىچە ئاۋۋال ناشتا قىلىپ ئاندىن چىش چوتكىلاش كېرەك.
ئەڭ مۇھىمى، چىشنى ھەر 12 سائەتتە بىر قېتىم چوتكىلاش كېرەك، قانداقلا بولمىسۇن ئېغىز بوشلۇقىمىزغا سانسىزلىغان باكتېرىيەلەر كۆچۈرۈلگەن، بۇ باكتېرىيەلەر ئۈزلۈكسىز چىش باكتېرىيە دېغى پەيدا قىلىدۇ، قارىماققا پاكىز كۆرۈنسىمۇ، ئەتىگەن ۋە كەچتە قەرەللىك چىش چوتكىلاش كېرەك.