توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئەيدىز بىمارلىرىدا قىزىشتىن باشقا كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى:
1. سوزۇلما خاراكتېرلىك ئىچ سۈرۈش؛
2. ئالتە ئاي ئىچىدە بەدەن ئېغىرلىقى %10تىن ئارتۇق يېنىكلەش؛
3. پۈتۈن بەدەندىكى لىمفا تۈگۈنلىرى ئىششىش، باسقاندا ئاغرىش؛
4. تەكرار قوزغىلىدىغان ئۆپكە ياللۇغى، تېرە ياللۇغى؛
5. روھىي ھالىتى سۇس، ئىنكاسى ئاستا بولۇش.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ 1~3 ھەپتىدىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن يېنىكلەيدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بىماردا ئۇدا نەچچە يىل ھېچقانداق بىئاراملىق كۆرۈلمەيدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ۋىرۇسنىڭ تەسىرىدە ئاندىن ھەر خىل يۇقۇملىنىشلار پەيدا بولىدۇ.
ئەيدىز كېسىلىنىڭ قاندىن يۇقۇش، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇش ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇش قاتارلىق ئۈچ چوڭ يۇقۇش يولى بار. ئەر ھەمجىنسلار، زەھەر چەككۈچىلەر، قان سېلىنغان بىمارلار، شۇنداقلا ئىلگىرى ئەيدىز كېسىلى خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەنلەر ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر توپىغا كىرىدۇ. بۇنداق كىشىلەر قانچە بالدۇر تەكشۈرتسە شۇنچە ياخشى. بالدۇر تەكشۈرتۈپ كېسەللىكنى بالدۇر بايقاپ بالدۇر داۋالانسا ناھايىتى ياخشى.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17737496.shtml