ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى بىر قەدەر ناچار بولۇپ، B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت. مەيلى ئەيدىز كېسىلى بىلەن B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بولسۇن، ھەر ئىككىلىسىنىڭ يۇقۇمچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرى B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانسا، داۋالاشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بەدەنگە كەلتۈرىدىغان زىيىنىمۇ ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. ئۇنداقتا بۇنداق ئەھۋالدا قانداق داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن ئەيدىز بىمارلىرى B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىدۇ؟
ئەيدىز كېسەللىكى ئىنسانلارنىڭ ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك بولۇپ، بۇ خىل ۋىرۇسلار ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. B تىپلىق جىگەر ياللۇغى B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان. ئىككىسىنىڭ ئورتاق تارقىلىش ئۇسۇلى بولسا ئانىدىن بالىغا، جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە قان ئارقىلىق تارقىلىدۇ، يۇقۇملىنىش ئۇسۇلى ئوخشاش بولغاچقا، ئەيدىز بىمارلىرىمۇ يۇقىرىقى يوللار ئارقىلىق B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن.
B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى ۋە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟
1. B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى
Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى DNA ۋىرۇسىغا تەۋە بولۇپ، جىگەر ھۈجەيرىلىرىنى زەخىملەندۈرۈپ، جىگەردە ياللۇغ پەيدا قىلىدۇ، داۋاملىق ياللۇغىنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچراش سەۋەبىدىن جىگەر قېتىش ۋە جىگەر راكىغا تەرەققىي قىلىدۇ.
2. ئەيدىز ۋىرۇسى
ئەيدىز ۋىرۇسى RNA ۋىرۇسىغا تەۋە بولۇپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا بىۋاسىتە ھۇجۇم قىلىدۇ، ئاساسلىقى T لىمفا ھۈجەيرىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، زور مىقداردىكى T لىمفا ھۈجەيرىلىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، بىمارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ. بۇ تۈردىكى ۋىرۇسلار ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرگە تاجاۋۇز قىلسىلا، ھۈجەيرە بىلەن بىرىكىپ، يوقىتىش قىيىن بولۇپ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى كەمتۈكلۈكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، ھەتتا يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەيدىز بىمارلىرى B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟
ئەيدىز بىمارلىرى B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغاندىن كېيىن داۋالىغاندا نۇرغۇن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار بار، لېكىن ھازىرغىچە داۋالاشنىڭ ئورتاق كۆرسەتكۈچى بولمىغاچقا، ئەگەر B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىلا داۋالاش توغرا كەلسە،بىمارلار ئۆزىنى تاشلىۋەتمەسلىكى، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرتۈپ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مۇۋاپىق دورا ئىشلىتىشى كېرەك. ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز بولغاچقا، يۇقۇملىنىشنىڭ پائال ئالدىنى ئېلىش، شەخسىي تازىلىق ۋە يېمەك-ئىچمەك تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، كۆكىرىپ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتكەن، ۋاقتى ئۆتكەن ۋە چالا پىشقان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، پات-پات يۇيۇنۇش، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ پاكىزلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17934408.shtml