ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئەيدىز دېگەن سۆزنى ئاڭلىغان نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى يەنى HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىدىن بولغان يۇقۇملۇق كېسەل ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، بۇ خىل يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ زىيىنى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ھازىرچە داۋالاپ ساقايتىش ئۇسۇلى يوق. ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىدىكى كەمتۈكلۈكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم ئادەم بەدىنىدىكى لىمفا ھۈجەيرىلىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
ئەيدىز كېسىلىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى بىلەن تونۇشۇش
ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىدە نەچچە يىللار يوشۇرۇنۇپ تۇرالايدۇ، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن دەسلەپتە ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ، شۇڭا نورمال ئادەملەرگە ئوخشاش خىزمەت قىلىپ تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ. ئەمما دەسلەپكى مەزگىلىدە زۇكام بولۇپ قالغاندەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، يەنە ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ماغدۇرسىزلىنىش، قىزىش، باش قېيىپ باش ئاغرىش، گېلى ئىششىپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ئەمما ئادەتتىكى زۇكامدىمۇ بۇ ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان بولغاچقا، بۇ ۋاقىتتا ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ خەتەرلىك قىلمىشى بار-يوقلۇقىنى بېكىتىش كېرەك.
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئىشتىھاسى تۇتۇلىدىغان بولغاچقا، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ھەتتا قىسقىغىنا ۋاقىتتا 10-15كىلو تۆۋەنلەش ئېھتىماللىقىمۇ بار. ئاستا ـ ئاستا بىمارنىڭ تېرىسى، شىللىق پەردىسىدە ئاق شارچە باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملىنىش پەيدا بولۇپ، بەلباغسىمان قاپارتما، نوقۇل قاپارتما، سۆسۈن داغ قاتارلىقلار پەيدا بولىدۇ. كېيىن ئەيدىز ۋىرۇسى ئىچكى ئەزالارغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، سەۋەبى ئېنىق بولمىغان داۋاملىشىش خاراكتېرلىك قىزىش پەيدا بولۇپ، 3-4 ئايغا سوزۇلۇپ كېتىدۇ؛ يەنە نەپەس قىيىنلىشىش، يۆتىلىش، نەپەس تېزلىشىش، جىگەر ـ تال يوغىناش، ھەمدە يامان سۈپەتلىك ئۆسمە قاتارلىقلارمۇ پەيدا بولۇشى مۇمكىن.
ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى قانداق بېكىتىش كېرەك؟
1. ئەيدىز ۋىرۇسىنى تېز تەكشۈرۈش قەغىزى.
ئەگەر ئۆزىدە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، يەنە كېلىپ خەتەرلىك قىلمىش سادىر قىلغان بولسا، ئالدى بىلەن ئەيدىز ۋىرۇسىنى تېز تەكشۈرۈش قەغىزى ئارقىلىق تەكشۈرسە بولىدۇ. ئادەتتە شۆلگەي ئارقىلىق تەكشۈرگىلى بولىدۇ، توغرىلىق نىسبىتى %100كە يېقىنلىشىدۇ، يەنە قان ئارقىلىق تەكشۈرگىلىمۇ بولىدۇ، تەكشۈرۈشنىڭ توغرىلىق نىسبىتىمۇ %100كە يېقىنلىشىدۇ.
2. ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرۈش.
ئەگەر بۇ تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىقىپ قالسا ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەش مەركىزى (CDC) ياكى چوڭ دوختۇرخانىلارغا بېرىپ تەكشۈرتۈش تەكلىپىنى بېرىمىز. ئەگەر شۇ يەردىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسىمۇ مۇسبەت چىقسا، ئادەتتە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلىدۇ. بالدۇر بىلىپ بالدۇر داۋالىنىش ئەڭ مۇھىم.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17666133.shtml