ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرىئەيدىز كېسىلىدىن يىراق تۇراي دېگەنلەر دىققەت!

ئەيدىز كېسىلىدىن يىراق تۇراي دېگەنلەر دىققەت!

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەيدىز كېسىلى ئەيدىز ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىك، بۇ خىل كېسەللىك ھازىر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، بۇ خىل كېسەلگە قارىتا ھازىرغىچە ئۈنۈملۈك داۋالاش تېخنىكىسى ۋە دورا تېپىلغىنى يوق، گەرچە ئەيدىز كېسىلى سالامەتلىككە ناچار تەسىر كۆرسەتسىمۇ، لېكىن تۇرمۇشتىكى ئىنچىكە ھالقىلارغا كۆپرەك دىققەت قىلغاندىلا، بۇ خىل كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا ئەيدىز كېسەللىكىدىن قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

ئەيدىز كېسىلىدىن يىراق تۇراي دېگەنلەر دىققەت!

1. پاكىز بولمىغان جىنسىي قىلمىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ئەيدىز ۋىرۇسى جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىدۇ، پاكىز بولمىغان جىنسىي تۇرمۇش ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى، شۇڭا بىز ئۆزىمىزنى قوغداشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز، ئۆزىمىزنى ھۆرمەتلىشىمىز، سۆيۈشىمىز، بولۇپمۇ ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىشتىن ساقلىنىپ، جىنسىي پاراكەندىچىلىك ۋە جىنسىي زوراۋانلىق پەيدا قىلىدىغان مۇھىت ۋە سورۇنلاردىن يىراق تۇرۇشىمىز كېرەك. شۇنداقلا زۆرۈر بولغاندا گاندوننى مۇۋاپىق ئىشلىتىشنى بىلىشمىز كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ھەم ھامىلىدار بولۇشتىن ساقلانغىلى ھەم يۇقۇملىنىش خەتىرىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

2. ئىشپىرىس، چىش چوتكىسى، ساقال ئالغۇچ قاتارلىق شەخسىي بۇيۇملارنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

ئىشپرىس يەنە ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئاساسلىق يولى، بولۇپمۇ زەھەر چەككۈچىلەر ئىشپرىس ئىشلىتىدۇ، بۇ ماتېرىياللارنى يىغىپ كۆيدۈرۈۋېتىپ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تازىلىققا دىققەت قىلىش، چىش چوتكىسى، ساقال ئالغۇچ ۋە قان ھاسىل قىلىش ئېھتىمالى بولغان باشقا شەخسىي بۇيۇملارنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك كېرەك. گەرچە سىرتقا چىقىپ ياتاقتا ياتسىمۇ، ئەڭ ياخشىسى ئۆزى تازىلىق بۇيۇملىرىنى ئېلىۋېلىشى كېرەك.

3. قاندىن بولغان تارقىلىشىنى توسۇش كېرەك.

لاياقەتسىز قان ياسالمىلىرىنى ئۆز مەيلىچە ئىشلەتمەسلىكى كېرەك. كېسەل بولۇپ قالغاندا، دېزىنفېكسىيەسى قېلىپلاشمىغان، تىجارەت كىنىشكىسى يوق داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ كېسەل كۆرسەتمەسلىك كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، بەدەن چەكتۈرۈش، قاش چەكتۈرۈش ياكى قۇلاق تىشىش ئارقىلىق يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش لازىم.

4. ئانىدىن بالىغا بولغان يۇقۇملىنىش ئەھۋالىدىن ساقلىنىش كېرەك.

ئانىدىن بالىغا يۇقۇش بوۋاقلارنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئاساسلىق يوللىرىنىڭ بىرى. شۇڭا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلىدار ئانىلار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئاكتىپ داۋالاشقا ماسلىشىش، ساغلام بوۋاق تۇغۇشقا تىرىشىش لازىم، يەڭگىپ بولغاندىن كېيىن بالىنى ئانا سۈتىدە باقماسلىق لازىم.

 

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالسا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

ھازىر ئەيدىز كېسەللىكى كونترول قىلغىلى بولىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ قالدى، لېكىن بىر قىسىم بىمارلار يەنىلا ۋاقتىدا داۋالانماي ياكى زەھەر چېكىپ ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ، شۇڭا ئەيدىز كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بىمارلار دوختۇرلار بىلەن ئاكتىپ ماسلىشىشى كېرەك. ئەيدىز بىمارلىرى دەم ئېلىشقا كۆپرەك دىققەت قىلىشى، كۆپ خىل ۋىتامىن ۋە يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك يېمەك-ئىچمەك بىلەن ئوزۇقلىنىشى، ئادەتتە يېمەك-ئىچمەك تازىلىقىغا دىققەت قىلىشى، خام، سوغۇق گۆشلەرنى يېمەسلىكى كېرەك. مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ، ياخشى كەيپىياتنى ساقلىشى، پىسخىكىلىق بېسىمنى يېنىكلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17967099.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ