بالاغەت مەزگىلى دېگەنلىك ياشلىقنىڭ يېتىلىش دەۋرى دېگەنلىك . ئۇ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىن قۇرامىغا يەتكۈچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۆتكۈنچى مەزگىلدۇر ، ياش – ئۆسمۈرلارنىڭ 11ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان مەزگىلى بالاغەت مەزگىلى ؛ 18ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان مەزگىلى ياشلىق مەزگىلى ياكى بالاغەتكە يېتىشنىڭ كېيىنكى مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ .
بالاغەتكە يەتكەن مەزگىل بىلەن بالاغەتكە يېتىشنىڭ كېيىنكى مەزگىلى ئوخشاشلا بالاغەت مەزگىلى دىيىلىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا قىزلارنىڭ بالاغەت مەزگىلى ئوغۇللارنىڭكىدىن بالدۇر باشلىنىپ ، ئىككى-ئۇچ يىل بالدۇر ئاياغلىشىدۇ.
مەيلى ئوغۇل ياكى قىز بولسۇن ، بەك بالدۇر ياكى ئىككى – ئۈچ يىل كېيىن بولسۇن ، ھەممىسى نورمال ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ . بالاغەت مەزگىلىنىڭ باشلىنىشى يېشى ، يېتىلىش سۈرئىتى ، يېتىلىش يېشى ۋە يېتىلىش دەرىجىسى ھەم ئىرسىيەت ، ئوزۇقلۇق، كەيپىيات، ئىجتىمائىي – ئىقتىسادىي ئامىللار قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
ئاياللار ساغلاملىقى ۋە جىنسىيەت كىتابىدىن ئۈزۈندە
تەھرىرلىگۈچى: نۇرمەمەت دوختۇر