ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرىئەيدىزنى قانچىلىك چۈشىنىسىز ؟

ئەيدىزنى قانچىلىك چۈشىنىسىز ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئەيدىز ساۋادى بولمىغان، ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرىدىن خەۋەردار بولمىغان، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغاندا قانداق قىلىشنى بىلمەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئەيدىز بىلىملىرى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئەيدىزنىڭ قانداق يۇقىدىغانلىقىنى ھاياتىمىزدىكى باشقا مۇھىم چۈشەنچىلەردەك ئورۇنغا قۇيۇپ بىلىۋېلىشىمىز كېرەك

ئەگەر ئەيدىزدىن ھېچقانداق ساۋادى بولمىغان ئادەم بولسا، ئۇنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقى ئەيدىزدىن يېتەرلىك ساۋادى بار ئادەمدىن خېلىلا يۇقىرى بولىدۇ. نۆۋەتتە، جەمئىيىتىمىزدە، خەلقىمىز ئارىسىدا ئەيدىز توغرىسىدا يېتەرلىك ساۋادى يوق كىشىلەر يەنىلا ئاز ئەمەس بولۇپ، بۇ ئەيدىزنىڭ رايۇنىمىزدا تارقىلىشىنىڭ نىسبەتەن ئېغىرلىقىنىڭ مۇھىم سەۋەبىدۇر.
ھېلىھەم دۇنياۋى جامائەت ساغلاملىقىغا زور تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئەيدىز خەلقئارالىق مەسىلە بولۇپ، ھازىرغىچە دۇنيادا جەمئىي 39 مىليون كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان. 2013 – يىلى يەر شارىدا 1.5 مىليون ئادەم ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك سەۋەبلەر بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 1995 – يىلى تۇنجى قېتىم ئەيدىز يۇقۇمدارىنى دوكلات قىلغاندىن، 2014 – يىلى 9 – ئاينىڭ 30 – كۈنىگىچە، پۈتۈن رايوندىكى ئەيدىز يۇقۇمدارى ۋە بىمارىنىڭ سانى 43533 كە يەتكەن بولۇپ، ئۈرۈمچى، ئىلى، تۇرپان، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن رايونىدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى سانىنىڭ %91 ىنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە 8102 كىشى قازا قىلغان. نۆۋەتتە ھايات يۇقۇملانغۇچى 27373 كە، بىمار 8058 گە يەتكەن.

ئەيدىزنىڭ تولۇق نامى «ئېرىشمە ئىممۇنىتېت كەملىك يىغىندى ئالامىتى» بولۇپ، ئىنگلىزچە تولۇق نامىنىڭ باش ھەرپلىرى (SDIA) ئېلىنىپ، «ئەيدىز» دەپ ئاتاپ ئاتالغان.

ئەيدىز 20 – ئەسىرلەردە شىمپەنزە تېنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) نىڭ ئادەم بەدىنىگە كۆچكەنلىكىدىن كېلىپچىققان بولۇپ، 1981 – يىلىغا كەلگەندە، ئامېرىكىدا تۈنجى ئەيدىز يۇقۇمدارى بايقالغان، شۇ يىلى 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنى، ئۇنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقىغا دىياگنوز قويۇلغان. بۇ يۇقۇمدار بەچچە (ھەمجىنىس) بولغاچقا، دەسلەپتە ئامېرىكىدا كىشىلەر «مۇشۇنداق بەچچە ئەرلەرلا ئاشۇنداق كېسەل بولىدۇ» دېگەن كۆزقاراشقا كەلگەن. لېكىن كېيىنچە بۇ كېسەل بەچچە ئەمەس ئەرلەر، ئاياللار، قېرىلار، ھەتتا بالىلاردىمۇ كۆرۈلۈشكە باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن، ئەيدىز ۋىرۇسى تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا شىددەت بىلەن تارقىلىشقا باشلىغان.

1. ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى

ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) تەبىئەت دۇنياسىدىكى باشقا كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ۋىرۇسلارغا ئوخشاش، كېسەللىك مەنبەسىدىن ئىككىنچى بىر كىشىنىڭ تېنىگە كىرىش ئارقىلىق يۇقىدۇ. گەرچە مەتبۇئاتلاردا ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى تۈرلۈك – تۈمەن تەسۋىرلىنىپ، ئوقۇرمەنلەرنى ھەيرانۇھەس قالدۇرغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئەيدىز ۋىرۇسى پەقەت قاندىن، جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل يول ئارقىلىقلا يۇقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەر بىر يۇقۇش يولى ئۈچ خىل شەرتنى تولۇق ھازىرلىغاندىلا ئاندىن يۇقالايدۇ. ئۇنداقتا بىز تۆۋەندە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇش يولى ۋە شەرتلىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:

(1) قاندىن يۇقۇش

قاندىن يۇقۇش ئاساسەن ئوكۇل – ئىشپىرىسلارنى ئورتاق ئىشلىتىش؛ ئەيدىز ۋىرۇسى تەكشۈرۈشىدىن ئۆتمىگەن قان ۋە قان ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىش؛ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن بۇلغانغان ئوكۇل بۇيۇملىرى سانجىلىپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللاردا يۇقىدۇ.
بەزى جايلاردا قان بېرىش ۋە قان سالدۇرۇش ئارقىلىق يۇقۇملىنىپ قېلىشتەك ئەھۋاللار مەۋجۇت. شۇڭلاشقا قان قوبۇل قىلغۇچى قاننىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن – ئۆتمىگەنلىكىنى دوختۇرخانىدىن سوراش، قان تەقدىم قىلغاندا ئىشلەتكەن ئوكۇل- ئەسۋابلارنىڭ تازىلىقىنى تەكشۈرۈش، باشقىلارنىڭ قېنىنىڭ ئۆز تېنىگە كىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش، قاننى ھۆكۈمەت بېكىتكەن ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش ئاپپاراتلىرىغا تەقدىم قىلىشى كېرەك. قۇلاق تېشىش، قاش – كۆز چەكتۈرۈش ۋە بەدەنگە گۈل چېكىشلەرنىڭمۇ مۇئەييەن خەتىرى بار.

(2) جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇش

ئاساسەن قوغدىنىشسىز (گاندون ئىشلىتىلمىگەن) جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقىدۇ.

جىنسىي مۇناسىۋەت (جىما) جەريانىدا، جىنسىي ئەزانىڭ سىرتقى يۈزى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە زەخىمگە ئۇچرىغاچقا، مەنىي ۋە جىنسىي ئەزا سۇيۇقلۇقىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى شۇ جايلاردىن قارشى تەرەپنىڭ قېنىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ.

مەقئەت ئارقىلىق جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ خەتىرى ئەڭ يۇقىرى. چۈنكى مەقئەت ئەتراپىدىكى توقۇلمىلار نېپىز ھەم چۈرۈك بولغاچقا ئاسان يىرتىلىپ كېتىدۇ. جىنسىي يول ئارقىلىق قوغدىنىشسىز جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشمۇ ئوخشاشلا خەتەرلىك بولۇپ، ۋىرۇس جىنسىي يول ئارقىلىق يۇقىدۇ.

ئەگەر ئەر – ئايالنىڭ بىرسىدە جىنسىي كېسەل بولسا، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ قېلىش خەتىرى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى كۆپلىگەن بىمارلارنىڭ جىنسىي ئەزاسىدىكى جاراھەت ئاسانلا يېرىلىپ قانىغاچقا، تېخىمۇ ئاسان يۇقۇملىنىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ جىنسىي كېسەل بولغانلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرىۋېلىش خەتىرى جىنسىي كېسىلى بولمىغانلارغا قارىغاندا 3 − 5 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.
ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ئايال ھەيز مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، ۋىرۇسنى قارشى تەرەپكە يۇقتۇرۇپ قويۇش خەۋپى بىر قەدەر زور بولىدۇ.

(3) ئانىدىن بالىغا يۇقىدۇ

ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ئانا ھامىلىدارلىق، تۇغۇت ۋە ئېمىتىش مەزگىللىرىدە ۋىرۇسنى ھامىلىگە ياكى بوۋاققا يۇقتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە، ئانىنىڭ تېنىدىكى ۋىرۇسنىڭ مىقدارى قانچە كۆپ بولسا، يۇقۇش ئېھتىماللىقىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. يەنە ئانىنىڭ تۇغۇت شەكلى، جىنسىي كېسىلى بار – يوقلۇقى ۋە ئانىنىڭ تەن سالامەتلىك ئەھۋالى بالىنىڭ يۇقۇملىنىش ياكى يۇقۇملانماسلىقىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. بوۋاقنىڭ شۆلگىيى ۋە ئاشقازان كىسلاتاسى تولۇق بولمىغاچقا ۋىرۇسنى ئۆلتۈرەلمەيدۇ، شۇڭا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن بۇلغانغان ئانا سۈتى بوۋاقنىڭ ئاشقازىنىغا كىرگەندە ئاسان يۇقۇملىنىدۇ. ئانىنىڭ تېنىدىكى ۋىرۇسنىڭ مىقدارى قانچە كۆپ بولسا، بوۋاقنىڭ يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.

بوۋاق تۇغۇلۇپ 18 ئايلىق بولغاندا ئاندىن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بىلگىلى بولىدۇ. چۈنكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتا ئانىسىنىڭ ئانتىتېلاسى بولغاچقا، بۇ ۋاقىتتا يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. پەقەت ئانىسىنىڭ ئانتىتېلاسى يوقىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئانتىتېلا ئىشلەپچىقارغاندىن كېيىن ئاندىن تەكشۈرۈپ بىلگىلى بولىدۇ.

2. ئەيدىزنىڭ يۇقۇش شەرتلىرى

ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بىر ئادەمدىن يەنە بىر ئادەمگە يۇقۇشى ئۈچۈن چوقۇم تۆۋەندىكى ئۈچ شەرت تولۇق ھازىرلىنىشى كېرەك:

(1) ئىچىدە چوقۇم بىرسى ئەيدىز يۇقۇمدارى بولۇشى كېرەك.

(2) تەن سۇيۇقلۇقىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ مىقدارى يېتەرلىك بولۇشى كېرەك.

(3) تەركىبىدە ۋىرۇس بولغان تەن سۇيۇقلۇقى مەلۇم يوللار ئارقىلىق يەنە بىر ئادەمنىڭ قان ئايلىنىش سىستېمىسىغا كىرىشى كېرەك.

3. ئەيدىز ۋىرۇسى ۋە ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى

ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ مۇھىم ھالقىسى بولغان CD4 لىمفا ھۈجەيرىسىگە بۆسۈپ كىرىدۇ ھەمدە CD4 ھۈجەيرىسىنىڭ ئىچىدە مىليونلاپ كۆپىيىپ، مەلۇم چەككە يەتكەندە CD4 ھۈجەيرىسىنى يېرىپ سىرتقا چىقىپ، يەنە مىليونلىغان CD4 ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كۆپىيىش بىلەن بىرگە، CD4ھۈجەيرىلىرىنى كۆپلەپ نابۇت قىلىپ، ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرالمايدۇ ھەمدە ئادەم بەدىنىدە ھەر خىل كېسەللىكلەر كۆپىيىشكە باشلايدۇ.

ئادەم ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدا، يۇقۇملىنىشقا ۋە راكقا قارشى ھەر خىل ھۈجەيرىلەر بولىدۇ،HIV مانا مۇشۇ خىل ھۈجەيرىلەرگە چاپلىشىۋالىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئىچىدە كۆپىيىپ، ھۈجەيرىلەرنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ. ئاخىرىدا ئاستا – ئاستا پۈتكۈل ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ئىگىلەپ، بەدەن يېتەرلىك مىقداردىكى ۋىرۇسقا قارىشى ھۈجەيرىلەرنى ئىشلەپچىقىرالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ھەر خىل كېسەللىك ئامىللىرى بەدەنگە بۆسۈپ كىرىپ، راك ياكى باشقا كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، تېرىدىن تارتىپ ئىنتايىن كىچىك ھۈجەيرىلەرگىچە ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا بۇنى چۈشىنىش بىر قەدەر قىيىن، بىراق ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئۈچۈن، قاندىكى ئىككى نەرسە، يەنى B ھۈجەيرە ۋە T ھۈجەيرە ئىنتايىن مۇھىم.

B ھۈجەيرە − ئاساسلىقى ئانتىتېلا ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بۇ ھۈجەيرىنى ئۆلتۈرەلمەيدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىقمۇ تەكشۈرۈپ چىققىلى بولمايدۇ. بۇ ھۈجەيرىنىڭ ئادەم بەدىنى مەلۇم ۋىرۇس ياكى باكتېرىيەدىن يۇقۇملانغاندا سىگنال بېرىش رولى بار.

T ھۈجەيرە − تۈرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسى بۇنىڭ ئىچىدىكى T4 ياكى CD4 دېگەن ھۈجەيرىگىلا ھۇجۇم قىلىدۇ. ئەمما ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئىممونىتېت سىستېمىسى بىر مۇكەممەل سىستېما. ئەگەر CD4 ھۈجەيرىسى نورمال خىزمەت قىلالمىسا، پۈتكۈل سىستېما ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ.

4. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ئۈچ دەۋرى

كۆزنەك دەۋرى: بۇ دەۋر تەخمىنەن بىر ھەپتىدىن ئۈچ ئايغىچە بولىدۇ. بۇ دەۋردە بەدەن ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىتا ھېچقانداق قارشىلىق (ئىنكاس) كۆرسەتمەيدۇ، يەنى ئۇنىڭغا قارشى ئانتىتېلا ئىشلەپچىقارمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋىرۇس ئادەم بەدىنىدە شىددەت بىلەن كۆپىيىپ، مەلۇم چەككە يېتىدۇ. شۇڭا بۇ دەۋردە يۇقۇش كۈچى كۈچلۈك بولىدۇ. ئادەتتە %80 − %50 كىچە ئادەمدە زۇكامداش، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا قىزىش، يۆتىلىش، بەزىدە تېرىگە ئەسۋە چىقىش دېگەندەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقنى تەكشۈرۈشتە ئادەتتە قاندىكى ئانتىتېلانى تەكشۈرىدۇ. قاندا ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىشى ئانتىتېلا تېخى شەكىللەنمىگەچكە، نەتىجىسى مەنپىي، يەنى «يۇقۇملانمىغان» بولۇپ چىقىدۇ. ئەگەر بۇنداق يۇقۇمدارلار كۆزنەك دەۋرىدە قان تەقدىم قىلسا تەكشۈرۈپ بىلگىلى بولمىغاچقا، شۇ قاننى قوبۇل قىلغۇچىلار ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ قالىدۇ. شۇنداقلا يەنە خەتەرلىك ھەرىكەت (ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش، قوغدىنىشسىز جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش دېگەندەك) بىلەن شۇغۇللانسىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرىدۇ.

قوشۇمچە: بۇ دەۋردە ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئەيدىز ۋىرۇسىنى تېخى بايقىيالمىغاچقا، CD4 ھۈجەيرىسىمۇ ئانتىتېلا ئىشلەپچىقارمايدۇ.
يوشۇرۇن دەۋرى: بۇ دەۋر يەنە ئالامەتسىز دەۋر دەپمۇ ئاتىلىدۇ، تەخمىنەن 6 − 10 يىلغىچە بولىدۇ. ئەگەر بۇ دەۋىردە ياخشى كۈتۈنسە، كۆپ روھىي بېسىمغا ئۇچرىمىسا، بۇ دەۋرنى 15، ھەتتا 20 يىلغىچە ئۇزاتقىلى بولىدۇ. بۇ دەۋردە بەدەن ۋىرۇسقا قارشى ئانتىتېلا ئىشلەپچىقىرىشقا باشلايدۇ. ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئۇزاق مەزگىللىك كۆرەشنى باشلايدۇ. يۇقۇمداردا ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. خۇددى نورمال ئادەمدەك ياشاۋېرىدۇ. بۇ دەۋردە گەرچە زۇكام، قىزىش، قۇرساق ئاغرىش دېگەندەك كېسەللىكلەر كۆرۈلسىمۇ، ئەمما يۇقۇمدار ئۆزىدىن گۇمان قىلمىسا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى قىلمايدۇ. پەقەت قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇ دەۋردە يۇقۇمدار گەرچە ساغلامدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئەيدىز ۋىرۇسى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ئۈزۈكسىز بۇزۇپ تۇرىدۇ. يۇقۇمدار خەتەرلىك ھەرىكەت ئارقىلىق باشقىلارنى يۇقۇملاندۇرىدۇ.

قوشۇمچە: بۇ دەۋردە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بۇزغۇنچىلىقى بىلەن CD4 ھۈجەيرىسى ئاستا – ئاستا ئازلاپ كېتىدۇ – دە، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش كۈچىگە تەسىر يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەر خىل پۇرسەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئادەم بەدىنىگە ئاسانلا بۆسۈپ كىرىدۇ.

كېسەللىك دەۋرى: تەخمىنەن 1 − 2 يىلغىچە بولىدۇ. بۇ دەۋردە ئەيدىز ۋىرۇسى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن كاردىن چىقارغاچقا، بىمار ئۆپكە ياللۇغى، تۇبېركۇليۇز ۋە تاسمىسىمان قاپارتما دېگەندەك كېسەللىكلەر ۋە ھەر خىل ئۆسمىلەر (راك) گىرىپتار بولىدۇ. يۇقۇمدار ئەيدىزدىن ئەمەس، باشقا كېسەللىكلەردىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇ دەۋرنىڭ ئۇزۇن – قىسقىلىقى يۇقۇمدارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى، تەن سالامەتلىكى، جىنسىي كېسەللىك بار – يوقلۇقى، زەھەر چېكىش – چەكمەسلىكى، روھىي ھالىتى ۋە ياشاۋاتقان مۇھىتى قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر يۇقۇمدار ياخشى كۈتۈنسە، روھىي جەھەتتە كۆتۈرەڭگۈ يۇرسە، بۇ دەۋرنى ئۇزارتقىلى، ھەتتا يوشۇرۇن دەۋرىگە قايتۇرۇپ ئەكەلگىلى بولىدۇ.

قوشۇمچە: ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى بىر يىلدا تەخمىنەن 50 دانە CD4 ھۈجەيرىنى يوقىتىدۇ. شۇڭا ئەگەر بىر يۇقۇمدارنىڭ مىڭ دانە CD4 ھۈجەيرىسى بار دىسەك، 12 ئايدىن كېيىن950 دانىسى قالىدۇ. يەنە 12 ئايدىن كېيىن 900 دانىسى قالىدۇ. 500 دانە CD4 ھۈجەيرىسى قالغاندا بۇ ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئوتتۇراھال دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولىدۇ. 200 دانە CD4 ھۈجەيرىسى قالغاندا بولسا بۇئادەم تۈرلۈك پۇرسەت خاراكتېرلىك كېسەللىكلەردىن ئاسانلا يۇقۇملىنىدۇ. بىراق يۇقۇمدارلار ئارىسىدىكى پەرق بىر قەدەر زور بولغاچقا، بىرسى 200 دانە CD4 ھۈجەيرىسى قالغاندا كېسەل بولسا، يەنە بىرسى 20 دانە CD4 ھۈجەيرىسى قالغاندىمۇ كېسەللىك قوزغالماسلىقى مۇمكىن.

5. ئەيدىزنى بالدۇر بايقاشنىڭ ئالامەتلىرى

ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزالىرىغا بۆسۈپ كىرىپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدىكى مۇھىم ھۈجەيرەCD4(يەنە T4 دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نى زور مىقداردا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ. بۇ ۋىرۇس ئادەم بەدىنىنى ئۆمۈرلۈك يۇقۇملاندۇرۇپ، ئىممۇنىتېت تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ، تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ بەدەندە پەيدا بولۇشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەيدىز ۋىرۇسى ھېچقانداق كېسەللىك پەيدا قىلمايدۇ، ئۇ پەقەت ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، باشقا كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا شارائىت يارىتىش ئارقىلىق ئادەمنى ئەجەلگە سورەپ بارىدۇ.

ئەيدىز ۋىرۇسى ئىنساننىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى چەكلەش ئارقىلىق قاپارتما، سۆگەل ۋە زامبۇرۇغ خاراكتېرلىك تېرە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، بىماردا ئورۇقلاش، ھارغىنلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشتىن نەچچە ئاي ئىلگىرى، تېرىدە كېسەللىك كۆرۈلىدىكەن.

ئىلگىرىلەپ كۆزىتىشلەر ئارقىلىق، تەتقىقاتچىلار كۆپلىگەن ئېغىر ۋە جاھىل تېرە كېسەللىكلىرى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى بولالايدىغانلىقىنى بايقىدى. ئەيدىزدىن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئادەمنىڭ بەدىنىدە مۇناسىۋەتلىك ئانتىتېلا پەيدا بولىدۇ. تەتقىقاتلاردىن كۆرسىتىلىشىچە، بەدىنىدە بۇ خىل ئانتىتېلا پەيدا بولغان كىشىلەردە تۆۋەندىكىدەك بىر ياكى نەچچە خىل تېرە كېسەللىكلىرى كۆرۈلىدىكەن:

(1) تېرە ياللۇغلىنىدۇ، قىزىرىپ ئىششىيدۇ، تېرىگە سۇلۇق ۋە يىرىڭلىق قاپارتمىلار چىقىدۇ، تىپىك بولغانلارنىڭ ئېغىز ۋە بۇرۇن ئەتراپىغا چاچما ھالەتتىكى ئۇششاق سۇلۇق قاپارتمىلار چىقىدۇ.

(2) تەپچىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى كۆرۈلىدۇ: يۈز، باش ۋە بەدەن تېرىلىرىدە ئېغىر بولغان مايلىق قاسراقلىق كېپەكلەر پەيدا بولىدۇ.

(3) يۈز – كۆز تېرىلىرى ئېغىر دەرىجىدە قۇرغاقلىشىدۇ ياكى ياشلارنىڭ يۈز – كۆز تېرىلىرى تۇيۇقسىزلا قېرىپ كېتىدۇ.

(4) قولتۇق قاتارلىق ئورۇنلاردا تۈك خالتىسى ياللۇغى پەيدا بولىدۇ.

(5) تۈز ئۈچەي ۋە مەقئەت ئەتراپىدا ئاددىي سۇلۇق قاپارتما، قول، پۇت ۋە ساقال – بۇرۇت تېرىلىرىدە سۆگەل پەيدا بولىدۇ.

(6) پۇت قىسمى ئېغىر دەرىجىدە زەمبۇرۇغدىن يۇقۇملىنىدۇ.

ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يېرى شۇكى، مۇتەخەسسىسلەر كۆرسىتىپ ئۆتكەن يۇقىرىقى ئالامەتلەر گەرچە ئەيدىزنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى دەپ قارالغان بولسىمۇ، لېكىن شۇ ئادەم چوقۇم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئۇچراشقان بولۇشى، يەنى يېقىندا گۇمانلىق قان سالدۇرغان، ئەيدىز يۇقۇمدارى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغان دېگەندەك. ئەگەر تۇيۇقسىز يۇقىرىقىدەك تېرە ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، چوقۇم يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ئاساستا تەكشۈرۈپ، دىياگنوزنى ئېنىق قىلىش كېرەك.

3 .ئەيدىز ۋىرۇسى ۋە ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى

ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ مۇھىم ھالقىسى بولغان CD4 لىمفا ھۈجەيرىسىگە بۆسۈپ كىرىدۇ، ھەمدە CD4 ھۈجەيرىسىنىڭ ئىچىدە مىليونلاپ كۆپىيىپ، مەلۇم چەككە يەتكەندە CD4 ھۈجەيرىسىنى يېرىپ سىرتقا چىقىپ، يەنە مىليونلىغان CD4 ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كۆپىيىش بىلەن بىرگە، CD4 ھۈجەيرىلىرىنى كۆپلەپ نابۇت قىلىپ، ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ .بۇنىڭ بىلەن، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرالمايدۇ ھەمدە ئادەم بەدىنىدە ھەر خىل كېسەللىكلەر كۆپىيىشكە باشلايدۇ.

ئادەم ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدا، يۇقۇملىنىشقا ۋە راكقا قارشى ھەرخىل ھۈجەيرىلەر بولىدۇ، HIV مانا مۇشۇ خىل ھۈجەيرىلەرگە چاپلىشىۋالىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئىچىدە كۆپىيىپ، ھۈجەيرىلەرنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىتىدۇ. ئاخىرىدا ئاستا-ئاستا پۈتكۈل ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ئىگىلەپ، بەدەن يېتەرلىك مىقداردىكى ۋىرۇسقا قارىشى ھۈجەيرىلەرنى ئىشلەپچىقىرالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ھەر خىل كېسەللىك ئامىللىرى بەدەنگە بۆسۈپ كىرىپ، راك ياكى باشقا كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، تېرىدىن تارتىپ ئىنتايىن كىچىك ھۈجەيرىلەرگىچە ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا بۇنى چۈشىنىش بىر قەدەر قىيىن، بىراق ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئۈچۈن، قاندىكى ئىككى نەرسە، يەنى B ھۈجەيرە ۋە T ھۈجەيرە ئىنتايىن مۇھىم.

B ھۈجەيرە − ئاساسلىقى ئانتىتېلا ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بۇ ھۈجەيرىنى ئۆلتۈرەلمەيدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىقمۇ تەكشۈرۈپ چىققىلى بولمايدۇ. بۇ ھۈجەيرىنىڭ ئادەم بەدىنى مەلۇم ۋىرۇس ياكى باكتېرىيەدىن يۇقۇملانغاندا سىگنال بېرىش رولى بار.

T ھۈجەيرە − تۈرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسى بۇنىڭ ئىچىدىكى 4 T ياكى 4 CD دېگەن ھۈجەيرىگىلا ھۇجۇم قىلىدۇ. ئەمما ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئىممونىتېت سىستېمىسى بىر مۇكەممەل سىستېما. ئەگەر 4 CD ھۈجەيرىسى نورمال خىزمەت قىلالمىسا، پۈتكۈل سىستېما ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ.

4. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى 3 دەۋرى

كۆزنەك دەۋرى: بۇ دەۋر تەخمىنەن 1 ھەپتىدىن 3 ئايغىچە بولىدۇ. بۇ دەۋىردە بەدەن ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىتا ھېچقانداق قارشىلىق (ئىنكاس) كۆرسەتمەيدۇ، يەنى ئۇنىڭغا قارشى ئانتىتېلا ئىشلەپچىقارمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋىرۇس ئادەم بەدىنىدە شىددەت بىلەن كۆپىيىپ، مەلۇم چەككە يېتىدۇ. شۇڭا بۇ دەۋردە يۇقۇش كۈچى كۈچلۈك بولىدۇ. ئادەتتە% 80-%50 ئادەمدە زۇكامداش، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا قىزىش، يۆتىلىش، بەزىدە تېرىگە ئەسۋە چىقىش دېگەندەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقنى تەكشۈرۈشتە ئادەتتە قاندىكى ئانتىتېلانى تەكشۈرىدۇ. قاندا ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىشى ئانتىتېلا تېخى شەكىللەنمىگەچكە، نەتىجىسى مەنپىي، يەنى «يۇقۇملانمىغان» بولۇپ چىقىدۇ. ئەگەر بۇنداق يۇقۇمدارلار كۆزنەك دەۋرىدە قان تەقدىم قىلسا تەكشۈرۈپ بىلگىلى بولمىغاچقا، شۇ قاننى قوبۇل قىلغۇچىلار ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ قالىدۇ. شۇنداقلا يەنە خەتەرلىك ھەرىكەت (ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش، قوغدىنىشسىز جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش دېگەندەك) بىلەن شوغۇللانسىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرىدۇ.

قوشۇمچە: بۇ دەۋردە ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئەيدىز ۋىرۇسىنى تېخى بايقىيالمىغاچقا، CD4 ھۈجەيرىسىمۇ ئانتىتېلا ئىشلەپچىقارمايدۇ.
يوشۇرۇن دەۋرى: بۇ دەۋر يەنە ئالامەتسىز دەۋر دەپمۇ ئاتىلىدۇ، تەخمىنەن 6−10 يىلغىچە بولىدۇ. ئەگەر بۇ دەۋردە ياخشى كۈتۈنسە، كۆپ روھىي بېسىمغا ئۇچرىمىسا،بۇ دەۋرنى 15، ھەتتا 20 يىلغىچە ئۇزاتقىلى بولىدۇ. بۇ دەۋردە بەدەن ۋىرۇسقا قارىشى ئانتىتېلا ئىشلەپچىقىرىشقا باشلايدۇ. ئىممونتېت سىستېمىسى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئۇزاق مەزگىللىك كۈرەشنى باشلايدۇ. يۇقۇمداردا ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. خۇددى نورمال ئادەمدەك ياشاۋېرىدۇ. بۇ دەۋردە گەرچە زۇكام، قىزىش، قورساق ئاغرىش دېگەندەك كېسەللىكلەر كۆرۈلسىمۇ، ئەمما يۇقۇمدار ئۆزىدىن گۇمان قىلمىسا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى قىلمايدۇ. پەقەت قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇ دەۋىردە يۇقۇمدار گەرچە ساغلامدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئەيدىز ۋىرۇسى ئىممونىتېت سىستېمىسىنى ئۈزۈكسىز بۇزۇپ تۇرىدۇ. يۇقۇمدار خەتەرلىك ھەرىكەت ئارقىلىق باشقىلارنى يۇقۇملاندۇرىدۇ.

قوشۇمچە: بۇ دەۋردە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بۇزغۇنچىلىقى بىلەن 4 CD ھۈجەيرىسى ئاستا-ئاستا ئازلاپ كېتىدۇ-دە، ئىممۇنتېت سىستېمىسىنىڭ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش كۈچىگە تەسىر يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەر خىل پۇرسەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئادەم بەدىنىگە ئاسانلا بۆسۈپ كىرىدۇ.

كېسەللىك دەۋرى: تەخمىنەن 1−2 يىلغىچە بولىدۇ. بۇ دەۋردە ئەيدىز ۋىرۇسى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن كاردىن چىقارغاچقا، بىمار ئۆپكە ياللۇغى، تۇبېركۇليۇز ۋە تاسمىسىمان قاپارتما دېگەندەك كېسەللىكلەر ۋە ھەر خىل ئۆسمىلەر (راك) گىرىپتار بولىدۇ. يۇقۇمدار ئەيدىزدىن ئەمەس، باشقا كېسەللىكلەردىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇ دەۋرنىڭ ئۇزۇن- قىسقىلىقى يۇقۇمدارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى، تەن سالامەتلىكى، جىنسىي كېسەللىك بار- يوقلۇقى، زەھەر چېكىش- چەكمەسلىكى، روھىي ھالىتى ۋە ياشاۋاتقان مۇھىتى قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر يۇقۇمدار ياخشى كۈتۈنسە، روھى جەھەتتە كۆتۈرەڭگۈ يۇرسە، بۇ دەۋرنى ئۇزارتقىلى، ھەتتا يوشۇرۇن دەۋرىگە قايتۇرۇپ ئەكەلگىلى بولىدۇ.

قوشۇمچە: ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى بىر يىلدا تەخمىنەن 50 دانە 4 CD ھۈجەيرىنى يوقىتىدۇ. شۇڭا، ئەگەر بىر يۇقۇمدارنىڭ مىڭ دانە 4 CD ھۈجەيرىسى بار دېسەك، 12 ئايدىن كېيىن 950 دانىسى قالىدۇ. يەنە 12 ئايدىن كېيىن 900 دانىسى قالىدۇ. 500 دانەCD4 ھۈجەيرىسى قالغاندا بۇ ئادەمنىڭ ئىممۇنتېت سىستېمىسى ئوتتۇرا ھال دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولىدۇ. 200 دانە 4 CD ھۈجەيرىسى قالغاندا بولسا، بۇ ئادەم تۈرلۈك پۇرسەت خاراكتېرلىك كېسەللىكلەردىن ئاسانلا يۇقۇملىنىدۇ. بىراق يۇقۇمدارلار ئارىسىدىكى پەرق بىرقەدەر زور بولغاچقا، بىرى 200 دانە 4 CD ھۈجەيرىسى قالغاندا كېسەل بولسا، يەنە بىرى 20 دانە 4 CD ھۈجەيرىسى قالغاندىمۇ كېسەل قوزغالماسلىقى مۇمكىن.

5. ئەيدىزنى بالدۇر بايقاشنىڭ ئالامەتلىرى

ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزالىرىغا بۆسۈپ كىرىپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدىكى مۇھىم ھۈجەيرە ( 4 CD يەنە 4 T دەپمۇ ئاتىلىدۇ)نى زور مىقداردا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ.بۇ ۋىرۇس ئادەم بەدىنىنى ئۆمۈرلۈك يۇقۇملاندۇرۇپ، ئىممۇنىتېت تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ، تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ بەدەندە پەيدا بولۇشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەيدىز ۋىرۇسى ھېچقانداق كېسەللىك پەيدا قىلمايدۇ، ئۇ پەقەت ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، باشقا كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغاشارائىت يارىتىش ئارقىلىق ئادەمنى ئەجەلگە سورەپ بارىدۇ.

ئەيدىز ۋىرۇسى ئىنساننىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى چەكلەش ئارقىلىق قاپارتما، سۆگەل ۋە زەمبۇرۇغ خاراكتېرلىك تېرە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، بىماردا ئورۇقلاش، ھارغىنلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشتىن نەچچە ئاي ئىلگىرى، تېرىدە كېسەللىك كۆرىلىدىكەن.

ئىلگىرىلەپ كۆزىتىشلەر ئارقىلىق، تەتقىقاتچىلار كۆپلىگەن ئېغىر ۋە جاھىل تېرە كېسەللىكلىرى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى بولالايدىغانلىقىنى بايقىدى. ئەيدىزدىن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئادەمنىڭ بەدىنىدە مۇناسىۋەتلىك ئانتىتېلا پەيدا بولىدۇ. تەتقىقاتلاردىن كۆرسىتىلىشىچە، بەدىنىدە بۇ خىل ئانتىتېلا پەيدا بولغان كىشىلەردە تۆۋەندىكىدەك بىر ياكى نەچچە خىل تېرە كېسەللىكلىرى كۆرۈلىدىكەن:

1) تېرە ياللۇغلىنىدۇ، قىزىرىپ ئىششىيدۇ، تېرىگە سۇلۇق ۋە يىرىڭلىق قاپارتمىلار چىقىدۇ، تىپىك بولغانلارنىڭ ئېغىز ۋە بۇرۇن ئەتراپىغا چاچما ھالەتتىكى ئۇششاق سۇلۇق قاپارتمىلار چىقىدۇ.

2) تەپچىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى كۆرۈلىدۇ: يۈز، باش ۋە بەدەن تېرىلىرىدە ئېغىر بولغان مايلىق قاسراقلىق كېپەكلەر پەيدا بولىدۇ.

3) يۈز – كۆز تېرىلىرى ئېغىر دەرىجىدە قۇرغاقلىشىدۇ ياكى ياشلارنىڭ يۈز-كۆز تېرىلىرى تۇيۇقسىزلا قېرىپ كېتىدۇ.

4) قولتۇق قاتارلىق ئورۇنلاردا تۈك خالتىسى ياللۇغى پەيدا بولىدۇ.

5) تۈز ئۈچەي ۋە مەقەت ئەتراپىدا ئاددىي سۇلۇق قاپارتما، قول، پۇت ۋە ساقال- بۇرۇت تېرىلىرىدە سۆگەل پەيدا بولىدۇ.

6) پۇت قىسىمى ئېغىر دەرىجىدە زەمبۇرۇغدىن يۇقۇملىنىدۇ.

ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يېرى شۇكى، مۇتەخەسسىسلەر كۆرسىتىپ ئۆتكەن يۇقىرىقى ئالامەتلەر گەرچە ئەيدىزنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى دەپ قارالغان بولسىمۇ، لېكىن شۇ ئادەم چوقۇم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئۇچراشقان بولۇشى، يەنى يېقىندا گۇمانلىق قان سالدۇرغان، ئەيدىز يۇقۇمدارى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغان دېگەندەك. ئەگەر تۇيۇقسىز يۇقىرىقىدەك تېرە ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، چوقۇم يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ئاساستا تەكشۈرۈپ، دىياگنوزنى ئېنىق قىلىش كېرەك.

ساقلىقنى ساقلاش ژورنىلى 2015 -يىل10-سانىدىن ئېلىندى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-12-28

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-28 / 08:40:58

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ