ئەيدىز: قانداق قىلىش كېرەك

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

 

ئادىلنىڭ نەچچە كۈنگىچە ئىچى سۈرۈپ توختىمىغاچقا، ئۆيىگە يېقىنراق كېلىدىغان بىر دوختۇرخانىغا بارغان ئىدى دوختۇر ئۇنىڭ ئەھۋالىنى بىرەر قۇر ئىگەللەپ چىقىپ، قان تەكشۈرتۈپ چىقىشقا بۇيرىدى

ئادىل «ئىچى سۈرۈپ قالغانغىمۇ قان تەكشۈرۈش كېتەمدۇ!» دەپ ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما دوختۇرنىڭ ئالدىغا سالامەتلىكىدىكى مەسىلىسىنى دەپ ياردەم سوراپ ئۆزى كەلگەندىكىن، بىرنېمە دېگۈسى بولسىمۇ دەمەللىققا نېمە دىيىشنى ئۇقمىغاندەك ئاغزىنى ئۆمەللەپ نەچچە سىكۇنىت تۇرۇپ قېلىپ، دوختۇرنىڭ يېزىپ بەرگەن قەغىزىنى ئېلىپ قان تەكشۈرتۈپ كېلىشكە ماڭدى.

ئادىل قان تەكشۈرتۈپ بولۇپ، تەكشۈرۈش قەغىزىزىدىكى يېزىق-ئۆلچەم، سان-سىفىرلاردىن ئۆزى ھېچنېمىنى بىلەلمەي، تەكشۈرۈش قەغىزىنى ئېلىپ كېلىپ دوختۇرغا بەردى. دوختۇر تەكشۈرۈش قەغىزىگە مانداقلا قاراپ بېقىپ، تۇيۇقسىز جىددى ھالدا ئىنچىكىلىق بىلەن قارىۋەتكەندىن كىيىن، ئادىلغا خۇددى كۆرۈپ باقمىغان باشقىچە ئادەمنى كۆرگەندەك بېشىدىن-ئايىقىغىچە قاراپ چىقىپ، ئاغزىنى يىمىرىپ بىردەم تۇرۇپ قالدى. ئاندىن دەرھاللا ئەھۋالىنى ئېيتىپ بېرىۋاتقان ئالدىدىكى يەنە بىر بىمارغا قاراپ قۇيۇپ، ئاندىن ئادىلغا مۇنداق دېدى:

_ سىز بىردەم ئۆلتۇرۇپ تۇرۇڭ، ماۋۇ بىمارنى كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن ئايرىم چۈشەندۈرۈپ قۇياي.
ئادىل «خەقنىڭ ئالدىدا دېگىلى بولمايدىغان قانداق كېسەلدۇ» دېگەننى غىل-پال ئويلىغاندەك قىلىپ، يەنە ئاۋال ئالدىدىكى بىمارنى كۆرۈپ بولمىسۇنمۇ، دەپ چۈشىنىپ بىر ياندا ساقلاپ تۇردى. دوختۇر ئالدىدىكى بىمارغا رېتسىپ يېزىپ بىرىپ يولغا سېلىۋەتكەندىن كىيىن، ئۆزى بېرىپ ئىشىكنى چىڭ يېپىۋەتكەندىن كىيىن جايىغا بېرىپ ئولتۇرۇپ ئادىلغا بۇرۇلدى.
_ نەچچە ياشقا كىردىڭىز؟
_ 35 ياشقا كىردىم.
_ خوتۇن-بالىلىرىڭىز بارمۇ؟
_ خوتۇنۇم بار، ئىككى بالاممۇ بار.
_ نېمە ئىش بىلەن شۇغۇللىنىسىز؟
_ ئەسلى دېھقانتىم، يەر بىلەن ئۆي شەھەرگە قېتىلىپ كەتكەچكە، سودا-تىجارەت قىلىپ يۈرۈيمەن.
_ يېقىندا داۋالىنىپ قان سالغان ئىشلار بولغانمۇ؟
_ دوختۇرخانىغا بىرەر كېسەل بىلەن كىرىپمۇ باقمىغان ئادەمتىم، بۈگۈن سىزنىڭ بۇيرىشىڭىز بىلەن چوڭ بولغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم قان تەكشۈرتۈپ بېقىشىمغۇ دەيمەن.
_ گەپنى ئۇچۇق قىلىپ سوراۋېرەي، زەھەر چېكەمتىڭىز؟ باشقىلار بىلەن ئىشپىرىسنى بىللە ئىشلىتىپ ئۇكۇل ئۇرغان ئىشىڭىز بارمۇ؟
_ ساراڭ بولمىسام مەن، شۇنداق ئىشنىمۇ قىلامدىم! ئاتا-ئانىسىنىڭ تۇغۇپ چوڭ قىلىپ قويغىنىغا دۈشمەنلىك قىلىپ زەھەر چېكىدىغانلارنى ئويلىساملا نەپرىتىم ئېشىپ-تېشىپ كىتىدىغان ئادەممەن!
_ئەمىسە خوتۇنىڭىزنى ئېلىپ كېلىپ قېنىنى تەكشۈرتۈپ چىقىڭ.
_ دوختۇر زادى مەندە نېمە كېسەل باركەن؟ ئىچىمنىڭ سۈرۈشىنىڭ خوتۇنۇمنىڭ قېنىنى تەكشۈرتۈش بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بولسۇن!
_ ئوچۇقىنى دەۋېرەي، سىز ئەيدىز ۋىروسىدىن يۇقۇملانغاندەك تۇرىسىز. بۇنى يەنە كېسەللىكلەرنى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىگە بېرىپ قايتا تەكشۈرتىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ. ئەيدىز ۋىروسى قاندىن، جىنسى مۇناسىۋەتتىن، ئانىدىن بالىغا يۇقۇشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل يولدىن يۇقىدۇ. سىزنى بۇ يېشىڭىزدا ئانىڭىزدىن ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان دېگەن نەزەردىن ساقىت قىلساق، قان بىرىش ھەم قان سېلىش ياكى جىنسى ئالاقىدىن يۇقۇملانغان دېمەي تۇرالمايمىز. ئۆزىڭىزنى قان سەۋەپلىك يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكى يوق دەپ قارىسىڭىز، ئۇنداقتا ئەگەر خوتۇنىڭىز قانداق سەۋەپلەر بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بولسۇن، سىزگە يۇقتۇرۇپ قۇيۇش ئېھتىماللىقى بولىدۇ. تەكشۈرتكەندىن كىيىن ناۋادا خوتۇنىڭىز يۇقۇملانمىغان بولسا، ئۆزىڭىزنىڭ خوتۇنىڭىزدىن باشقا ئاياللار بىلەن بىللە بولغان ئىشلىرىڭىزدىن يۇقۇملانغان بولۇشىڭىزمۇ مۇمكىن، شۇڭا، ئەگەر خوتۇنىڭىز تېخى يۇقۇملانمىغان بولسا سىز ئارقىلىق خوتۇنىڭىزنىڭ يۇقۇملىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالمىسىڭىز بولمايدۇ….

ئادىل سالپايغىنىچە دوختۇرنىڭ يېنىدىن قايتىپ چىقىپ، دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدا گاڭگىرىغىنىچە قاياققا مېڭىشنى بىلمىگەندەك تۇرۇپ كەتتى. دوختۇرنىڭ «ئايالىڭىزنىمۇ باشلاپ بېرىپ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىدە چوقۇم تەكشۈرتۈڭلار! شۇ چاغدىلا كىمنىڭ كىمدىن يۇقۇملانغانلىقىنى ھەم تېخى خوتۇنىڭىزنىڭ يۇقۇملانغان-يۇقۇملانمىغانلىقىنى بىلەلەيسىز» دېگەن چۈشەندۈرۈشلىرى قۇلاق تۈۋىدىن كەتمەيتتى.
ئادىل ئۆزىنىڭ كىمدىن يۇقۇملانغالىقىنى پەرەز قىلغاندەك بولدى. ئۇ ئىچكىرىدە قېنى سىناپ باقاي دەپ بىر-ئىككى ئاي سودا-تىجارەت قىلىش جەريانىدا بىر نەچچە قېتىم باشقىلارغا ئەگىشىپ ئاياللار بىلەن بىللە بولىدىغان بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان ئورۇنغا بارغان ئىدى. ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ ھەپتە-ئون كۈن بولا-بولمايلا ئىچى سۈرۈشكە باشلاپ ئۆزىدە ماغدۇرسىزلىق ھېس قىلىشقا باشلىغان ئىدى. ئادىل ئۆيگە كەلگەن دەسلەپكى كۈنلەردە خوتۇنى مىجەزىم يوق، ئادەت كۆرۈپ قاپتىمەن دەپ ئۇنىڭغا يېقىن كەلمىگەن ئىدى. نەچچە كۈن ئۆتۈپ ئادىل ئۆزىنىڭ ئىچىنىڭ سۈرۈشىنىڭ دەردىدە خوتۇنىغا يېقىن كەلگىدەكمۇ بولمىغان ئىدى. دېمەك، ئادىل خوتۇنىدىن يۇقۇملانمىغان ھەم تېخى خوتۇنىغا يۇقتۇرمىغان ئىدى.

قانداق قىلىش كېرەك! ئادىل خوتۇنىنى نېمە دەپ دوختۇرخانىغا قېنىنى تەكشۈرتۈشكە ئەكىلىشى مۇمكىن، خوتۇنىغا مەن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغاندەك تۇرىمەن، سەن يۇقۇملاندىڭمۇ-يوق بىلىپ باقايلى دىيەلىسىنمۇ! ئەسلىدە ئادىل خوتۇن-بالىلىرى ئۈچۈن كۆپرەك پۇل تېپىشنى كۆزلەپ باشقىلارنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ ئىچىكىرىگە بېرىپ سودا-تىجارەتنىڭ ئېپىنى تېپىپ، پۇل تېپىشنىڭ بىرەر ئامالىنى قىلغىلى بارغان ئەمەسمىدى! يەل-يىمىش سودىسى قىلىپ ئانچە-مۇنچە پۇل تاپقاندەك قىلغان بىلەن، ئويلىمىغان يەردىن بۇنداق نەس باسقۇر كېسەلنىمۇ قۇشۇپ تېپىپ كەلگەندەك ئىش بولدىغۇ…

ئادىلنىڭ قانداق قىلىشنى بىلمەي بېشى قاتتى. ئۆزىنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلىق خەۋىرىنى ئايالىغا ئۇقتۇرسا، دائىم كىتاپ كۆرۈپ ئەخلاق بىلەن سەمىمىلىكنى تولا تەكىتلەيدىغان بولۇپ قالغان ئايالىنىڭ، ئەخلاقسىزلىق قىلىپ كىملەر بىلەن بىللە بولۇپ بۇ كېسەلنى يۇقتۇردۇڭ دەپ كۆزىگە كىرىۋېلىپ، جاندىن ئۆتكىدەك گەپلەر بىلەن غورۇرىغا تېگىشى مۇمكىن. تېخى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىسا، ھەتتا ئاچچىقىدا ئىككى بالىسىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان دادىسى بىلەن بىللە ياشىشىغىمۇ يول قويماي، بالىلىرىنىڭ يىتىم بولۇشىنى پىسەنتگە ئالماسلىقى مۇمكىن. ئەگەر ئادىل ئۆزىنىڭ جىسمىدىكى يۇقۇملۇق ئەيدىز ۋىروسىنى ئايالىغا ئۇقتۇرمىسا، ئاقىۋەت ئايالىمۇ يۇقۇملۇنۇپ قالمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. بىر ئائىلىدە بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بولغان ئەر-ئايالنىڭ ئىككىلىسى ئەيدىزدىن يۇقۇملۇنۇپ قالسا، ئاقىۋەت بالىلارنى قانداق كۈنگە قالمايدۇ دېگىلى بولسۇن! مانا مۇشۇنداق ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئەھۋالدا، ئايالىدىن ئاجرىشىپ كەتسە قايتا ئۆيلىنەلىشىمۇ ناتايىن. ئەمما، ئايالىنى قايتا نىكاھلىنىپ ئىككى بالىسىغا ئۆگەي دادا تېپىپ بەرمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ. شۇنداقلا ئەيدىز سەۋەپلىك ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كەتسە، ئىككى بالىسىنىڭمۇ نەپرەت-ئۆچمەنلىكىگە ئۇچراپ كېتىشى مۇمكىن. ئاخىرىدا يەككە-يىگانە قېلىشى قالىدىغانلىقى ئېنىق. شۇڭا، ئەگەر ئائىلىدە بىرەيلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بولسا، چوقۇم ئاجرىشىپ كېتىشى كېرەكمىدۇ! ئاجراشماي ھەم قارشى تەرەپكە يۇقتۇرماي داۋاملىق بىللە ياشىغىلى بولماسمۇ! …

ئادىلنىڭ ئون يىللارچە بىللە ياشىغان ئايالى بىلەن مۇشۇ ئەيدىز سەۋەپلىك ئاجرىشىپ كېتىدىغانغا كۆڭلى ئۇنىمىدى، بالىلىرىنى يىتىم قىلىشقىمۇ ھەم ئۆگەينىڭ ئالدىغا تاشلاپ بېرىشكىمۇ يۈرىگى چىدىمىدى. ئەمىسە قانداق قىلىش كېرەك؟ ئايالىغا ئۇقتۇرسا ئاجراشماسلىقنىڭ ئامالى بارمىدۇ! …

ئادىل ئىچكىرىدە ئۆزىنىڭ سەمىمىيەتسىزلىك بىلەن پۇرسەتپەرەسلىك قىلغان قىلمىشىغا قاتتىق پۇشايمان قىلدى. خاتا ئىشنىڭ، ئەخلاقسىزلىقنىڭ ئېغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. مۇقەددەس نىكاھقا ساداقەتسىزلىك قىلىشنىڭ ئادەمنى قانداق جازالايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمىدى. شۇڭا ئايالىغا ئۆزىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغانلىق ئېھتىماللىقى بولغان راسىت گەپ قىلىشنى، ئىگىلگەن باشنى قىلىچ كەسمەپتۇ دېگەندەك خاتالىقىنى تۇنۇشنى، سەمىمىلىك بىلەن كەچۈرۈم سوراشنى ئويلىدى. ئەمما، ئايالىنىڭ بۇنداق نىكاھ سىرتىدا ئەخلاقسىزلىق قىلىپ يۇقۇملۇق ئەيدىز ۋىروسىنى ئۆزىگە يۇقتۇرۇپ كەلگەن ئېرىگە-ئۆزىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلمەيتتى.

تورداش دوستلار، سىلەرچە ئادىل «ئۆزەم تاپقان بالاغا، نەگە باراي داۋاغا» دەپ، ئەيدىز، نىكاھ، ئائىلە مۇناسىۋىتىدىكى مەسىلىسىنى مۇشۇنداق قىلسا بولامدۇ ياكى قانداق قىلىشى كېرەك؟ كېڭەشلىك ئىش بۇزۇلماس. كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ. بېشىغا مۇشۇنداق ئەيدىز سەۋەپلىك ئېغىر ئازاپلىق كۈن چۈشكەنلەرگە مەسلىھەت ھەم ئىبرەت ياردىمى بولۇپ قالار

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ