ئاچا-سىڭىلنى خوتۇن قىلغان ئەيدىز ئەر

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ناھايىتى قاملاشقان بىر ئەر بولۇپ، بۇ ئەرنىڭ ئايالىنىڭ تېخى توي قىلمىغان سىڭلىسى مانا مۇشۇ قاملاشقان كۈيئاكىسىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولۇپ، بۇ ئەر ئاچا-سىڭىللارنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى خوتۇن قىلىپ يۈرىۋەرگەن

ئاچا-سىڭىلنى خوتۇن قىلغان ئەيدىز ئەر

ئويلىمىغان يەردىن بىر قېتىملىق كېسەللىك تەكشۈرۈشتە، ئاچىسىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقى مەلۇم بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئېرىمۇ ئايالىنىڭ دەۋىتى بىلەن تەكشۈرتۈپ چىقىپ، ئۇنىڭمۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقى مەلۇم بولغان. بۇ ئايال ئۇيۇنچى ئېرى تەرىپىدىن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ يىتىپ، ئېرىنىڭ قانداق يوللار بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغانلىقىنى چىڭ تۇرۇپ سورىغاندا، ئېرى خوتۇنىنىڭ سىڭلىسى بىلەنمۇ بىللە بولغانلىقىنى ئېيتىپ سالغان. ھەتتا، مەلۇم بازاردىكى بىر پاختا زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغان نۇرغۇن قىزلار بىلەن بىللە بولۇپ چىققانلىقىنىمۇ يۇشۇرۇپ قالماي ئاشكارىلىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن، ئاچىسى جىگەر كېسىلىنى تەكشۈرتۈش بانىسى بىلەن سىڭلىسىنىمۇ تەكشۈرتۈپ چىقىپ ئۇنىڭمۇ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلىپ يەتكەن.

دوختۇرخانىنىڭ ئەيدىز تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش-تىزىملاش جەريانىدا، بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش خاتىرىسىدىن خەۋەر تاپقان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش مەركىزى ئەيدىز بۆلۈمىدىكىلەر ئۇلارنىڭ ۋىرۇسقا قارشى دورا يىيىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئىممۇنت ھۈجەيرىسىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكچى بولغاندا، بۇ ئاچا-سىڭىللار تەكشۈرۈشنى قەتئىي قۇبۇل قىلمىغان. ھەتتا، سىڭلىسىنىڭ ئىشلەۋاتقان ئورنىغا بارغاندا، ئەيدىزنى تىزگىنلەش خىزمەتچىلىرىگە قولىغا چىققان نەرسىلەرنى ئېتىپ، ئۇلارنىڭ ھەرقانداق تەكلىپ-تەكشۈرۈشلىرىگە ھەرگىزمۇ ماسلاشمىغان. ھېلىقى قاملاشقان ئەر خوتۇنىنىڭ تەلىۋى بىلەن نىكاھتىن ئاجرىشىپ نەگە يوقالغانلىقىنى باشقىلارغا بىلدۈرمىگەن.

ئارىدىن يەتتە-سەككىز يىللار ئۆتۈپ، سىڭلىسى ئۆلۈپ كەتكەن. ئورۇقلاپ ماڭالمىغىدەك ھالغا چۈشۈپ قالغان ئاچىسى سىڭلىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن كىيىن، ئەيدىزنى تىزگىنلەش خىزمەتچىلىرىنى ئىزدەپ كېلىپ، ۋىرۇسقا قارشى دورا يىيىشنى باشلاپ، ئاستا-ئاستا نۇرمال ھالەتكە كېلىپ، ھازىر ساغلام ياشاۋېتىپتۇ.

ئىگەللىگەن ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشى ئاچا-سىڭىلنى خۇتۇن قىلىپ يۈرگەن ئاچىسىنىڭ كېلىشكەن ئېرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەيدىزنى ئۆزىگە قانداق يۇقتۇرۋالغانلىقى بىلەن كارى بولماي يۈرگەن ئاتالمىش «كېلىشكەن ئەر» ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىپ، خوتۇنىغا، خۇتۇنىنىڭ سىڭلىسىغا ئەيدىزنى يۇقتۇرۇپ قۇيۇپ ئۆزى خۇددى «ئالتىنچى ئاينىڭ پاقىسىدەك» يۇقاپ كەتكەن.

ئەخلاقسىز ئادەمدە مۇشۇنداق مەسئۇلىيەت بولمايدۇ. مەسئۇلىيەتسىز ئادەم باشقىلارنىڭ نېمە بولۇشى بىلكەن كارى بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ نېمە بولۇشى بىلەن كارى بولمايدىغان ئادەمنىڭ ئۆزىمۇ قەدىرسىز ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ.

ئەركىشى بۇ دۇنياغا پاھىشىۋازلىق قىلىش ئۈچۈنلا كەلمەيدۇ. ئەركىشى دېگەن ئۇچرىغانلا قىز-ئاياللار بىلەن بىللە بولۇپ جىنسى ھەۋىسىنى قاندۇرىدىغان يە بىر ئىشەك ئەمەس.

مۇشۇنداق ئەخلاقسىز ئادەملەر ئاسان ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇنداقلا، باشقىلارنىڭ سىرتقى قىياپىتىنى، ساختىپەزلەرچە تاتلىق پاراڭلىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدىغان ئادەملەرمۇ باشقىلاردىن پايدىلىنىشنىڭ غەرىزىدە بولۇپ، ئاقىۋەتتە ئۆزلىرىنى ھاماقەتلەرچە قۇربانلىق بەرگۈچىگە ئايلاندۇرۇپ قۇيۇشى مۇمكىن.

قىلغان ئىش-قىلمىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بلىپ تۇرۇپ شۇغۇللىنىدىغانلار ھەم داۋاملاشتۇرىدىغانلار، ئاقىۋەتتە ئورنىغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغان جازاغا ئۇچرىماي قالمايدۇ. دېمىسىمۇ، يۇقىرىقى ئەر-خوتۇنلار ۋە ئاچا-سىڭىللارنىڭ پاجىئەسىدىمۇ، ئەر بىلەن سىڭىل قىلمىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ شۇغۇللانغان. ئاتالمىش «قاملاشقان» تەربىيە كۆرمىگەن ئەر ئۆز نىكاھىنىڭ ھۆرمىتنى قىلماي، نىكاھ سىرتىدا خوتۇنىنىڭ سىڭلىسى ۋە باشقا قىز-ئاياللار بىلەن نىكاھسىز بىللە بولغان. ئاقىۋەت، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت تۈپەيلىدىن ئۆزى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ قالمايلا، يەنە خوتۇنى، خوتۇنىنىڭ سىڭلىسىنىمۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملاندۇرغان، شۇنداقلا يەنە باشقا ئاز بولمىغان ئاياللارنىمۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملاندۇرغان بولۇشى مۇمكىن.

دېمەك، ئەخلاقسىزلىق ئەيدىزگە يانتاياق بولىۋاتقان بولۇپ، سىڭىل ئاچىسىنىڭ ئېرى بىلەن بىللە بولۇشنىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان. ئەرمۇ پاھىشىۋازلىقنىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان. پەقەت گۇناھسىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان خوتۇنلا ئاخىرى باشقىلارنىڭ قىلمىشىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى تۇنۇپ يېتىپ، ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى داۋالىنىشنى قۇبۇل قىلىپ، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ يەتتە-سەككىز يىلدىن كىيىن، ھاياتىدىكى ساغلام ھالەتتىكى تۇرمۇشىغا قايتقان. ئەمما، خاتا قىلمىشىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان سىڭلىسى جازانى قۇبۇل قىلالماي، ئەيدىزنىمۇ ئېتىراپ قىلالماي، داۋالىنىشقىمۇ ماسلاشماي، تويمۇ قىلالماي، ئەۋلاتمۇ قالدۇرالماي، ئەيدىز سەۋەپلىك ياشلا ئۆلۈپ كەتكەن.

سەۋەپسىز ئىش بولمايدۇ. بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشىدا قىلىشقا تىگىشلىك بولمىغان ئىش بىلەن شۇغۇللىنىش ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشنى ھەم باشقىلارنى يۇقۇملاندۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بولمىسا، ئەيدىزنىڭ قانداق يۇقۇدىغانلىقىنى بىلىدىغان ئادەم ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىۋالغان بولاتتى. (ئەلۋەتتە، خاتالىق قىلمىشى بولمىغان تەسادىپىيلىقنىڭ سىرتىدا.)

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-12-28

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-28 / 08:41:16

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ