ئەيدىز ۋە كەمسىتىش

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئۆزىنى ئالاھىدە چوڭ چاغلايدىغان ئادەم باشقىلانى ياراتماي كەمسىتىدۇ، ساپاسىز ئادەملەر باشقىلارنى كۆزگە ئىلماي كەمسىتىدۇ ئادەمنىڭ باشقىلارغا قىلغان مۇئامىلىسىدىن قانچىلىك تەربىيە كۆرگەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدۇ كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىنى قىلماي كەمسىتىدىغانلار ئۆزىنىڭ ئوبرازىغا زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ

ئۆزىنى كۆرسۈتۈشكە ئامراق كىشىلەر باشقىلارنى سۇندۇرۇش، چۆكۈرۈشكە ئۇستا كېلىدۇ. باشقىلارنى تولا كەمسىتىدىغان ئادەم باشقىلارنى ئۆزىگە ئۆچ قىلىۋالىدۇ. كەمسىتىلگەن ئادەم كەمسىتكۈچىگە ئىشەنمەس بولۇپ قالىدۇ. باشقىلارنى كەمسىتىدىغان ئادەم باشقىلاردىن پايدىلىنىشنىلا ئويلاپ، ھەمكارلىشىنى بىلمەيدىغان، ئاخىرى يالغۇز قالىدىغان ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. قىسقىسى، كەمسىتىش ئادەملەر ئارىسىدىكى مەدەنىيەتسىزلىكنىڭ ئىپادىلىنىشى بولۇپ، باشقىلارنى چۈشەنمەيدىغان ئادەم ئۆزگىلەرنى كەمسىتىشكە تەييارلا تۇرىدۇ. كەمسىتىش-ساپانىڭ كەم قېلىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان بولغاچقا، ساپالىق بولۇش كەمسىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

جەمئىيىتىمىزدە ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش سەۋەپلىك، خىزمەتتىن ھەيدىلىدىغان، خىزمەتكە قۇبۇل قىلىنالمايدىغان، دوختۇرخانىدا داۋالىنىشى قىيىنچىلىققا ئۇچرايدىغان، يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئىدارە-خىزمەتداشلىرىغا خەۋەر قىلىنىۋېتىلىدىغان، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقى كەنت-مەھەللە كىشىلىرىگە ئاشكارىلىۋېتىلىدىغان، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ توي قىلىشى قىيىنلىشىدىغان، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغاندىن كىيىن نىكاھتىن ئاجرىشىپ كېتىدىغان، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ھەم ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بالىلارنى مەكتەپكە ئوقۇشقا ئالمايدىغان، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتىن چېكىندۈرىۋېتىدىغان… دېگەندەك، ھەر خىل كەمسىتىش ئەھۋاللىرى مەۋجۇت بولىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارغا بۇنچىۋالا چەكتىن ئاشۇرىۋەتكەن ھالەتتە، مۇئامىلە قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتىمۇ يوق ئىدى. مانا بۇ جەمئىيەتتىكى ئەيدىزنى چۈشەنمەسلىكتىن، كىشىلەرنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان ئەھۋاللار بولۇپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلىماسلىق كەمسىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. جەمئىيەتتە ئەيدىزنى چۈشەنمەي، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارغا خۇددى “ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك” قىلغاندەك، كەمسىتىش ئېلىپ بېرىش ھادىسىلىرى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ “ئىشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر تۇقۇمنى” دېگەندەك ئىدىيە-تەدبىر بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ دېگىلىمۇ بولمايدۇ. ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنى كەمسىتىش نەپرەت، ئۆچمەنلىك، دۈشمەنلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ كەمسىتىشكە ئۇچرىشى ئۇلارنىڭ چۈشكۈنلىشىنى، ئۆزىنى تاشلىۋېتىشىنى، ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىشنى خالىماسلىقنى پەيدا قىلىدۇ. ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ كەمسىتىشكە ئۇچراش ئەھۋالى يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى ئائىلىسىدىكىلەردىنمۇ يۇشۇرىدىغان، ئۆيىدىكىلەردىن سىر تۇتۇپ باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قۇيۇشنىڭ ئالدىنى ئالالمايدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قۇيۇشى مۇمكىن. ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ كەمسىتىشكە ئۇچرىشى بىلەن ئۇلار “ئوتنىڭ ئىچىدىمۇ كۆيىدىغان،تېشىدىمۇ كۆيىدىغان” تەغدىرگە دۇچار بولۇپ قالىدۇ. ئەسلىدە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كەمسىتىلىش گۇناھى يوق ئىدى. دېمىسىمۇ، ئادەمنىڭ بېشىغا ھەر خىل كۈنلەر كېلىدۇ. ئادەم ھەر خىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. ئەيدىزمۇ بىر ئاستا خارەكتېرلىق ئۇزۇنغا سۇزۇلىدىغان كېسەل. ئادەمنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشىغا قارىتا ھەر خىل قاراشلار بولغان بىلەن، ئەمما بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ باشقىلارغا قىلىۋاتقان ناچار قىلىق-قىلمىشلىرى بەزىلەرنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشىدىنمۇ ئېغىر-رەزىل ھالەتكە يەتكەن بولۇپ، ئادەملەرنىڭ بىر-بىرسىگە قىلىۋاتقان بەزىبىر زىيانكەنكەشلىكى ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنى نەچچە ھەسسە قاتلاپ كەتكەندەك بىلىنىدۇ.

شۇڭا، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلار يۇقۇملىنىپ بولدى. ئۇلارنى كەمسىتكەن بىلەن ھېچنېمە ئورنىغا كەلمەيدۇ. شۇنداقلا، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانغۇچىلارنى كەمسىتكەن بىلەنمۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنى تۇسۇۋالغىلى بولمايدۇ. يەنى، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلانى كەمسىتىش بىلەن ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ دەردى كەمسىتىشتىن نەچچە ھەسسە ئېغىر بولىدۇ. جەمئيەتتە ھەر خىل سەۋەپلەردىن كەمسىتىلىدىغان كىشىلەر بولىدۇ، شۇنداقلا ئەيدىزدىن يۇقۇلانمىسىمۇ كەمسىتىلىدىغان كىشىلەر يەنىلا مەۋجۇت. دېمەك، يالغۇز ئەيدىزلا كەمسىتىشكە سەۋەپ بولالمايدۇ. شۇڭا، كەمسىتىش كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەممىسىلا كەمسىتىشكەتىگىشلىك كىشىلەر بولۇشى ناتايىن. ئاز بولمىغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ئۆزى خەتەرلىك قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانمىغان بولسىمۇ، ئەمما باشقىلارنىڭ خەتەرلىك قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانغانلىقى سەۋەپلىك ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالىدۇ. بۇنداق يۇقۇملانغۇچىلارنى كەمسىتىش ناھەقچىلىقنى، ئۇۋال قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى كەمسىتىشتىشتىن ئىبارەت بىر تاياقتا ھەيدىگىلى بولمايدۇ.

ئەمما، جەمئيەتتە نۆۋەتتە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى قانداق يۇقۇملانغان بولۇشىدىن قەتئىنەزەر كەمسىتىشتىن ئىبارەت ئەھۋال مەۋجۇت بولىۋاتىدۇ. كەمسىتىش-كىشىلەرنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغانلىقى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ. كەمسىتىش-كىشىلەرنىڭ خاتالىقىنى بىلىپ تۇرۇپ شۇغۇللانغان ئىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ.

ھاياتلىقتا ھەرقانداق ئادەم باشقىلار تەرىپىدىن كەمسىتىلىشنى خالىمايدۇ. بولۇپمۇ، ھەر خىل سەۋەپلەردىن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغانلار تېخىمۇ كەمسىتىلىشنى خالىمايدۇ. ئەمما، جەمئيەتتە ، ئەيدىز سەۋەپلىك ھەر خىل كەمسىتىلىشكە ئۇچراۋاتقان كىشىلەر تۈگۈمەيۋاتىدۇ. ھەرقانداق كىشىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن كەمسىتىلىشى ئۇنىڭغا بېسىم، ھاقارەت، ئازاپ-ئوقۇبەت، دەرت-ئەلەم ئېلىپ كېلىدۇ. شۇنداقلا، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارمۇ چەتكە قېقىش، ئارىغا ئالماسلىق، يېقىن كەلمەسلىك دېگەندەك ھالەتتە كەمسىتىلىشكە ئۇچراپ تۇرىۋاتىدۇ.

ئۇنداقتا، كىشىلەر ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنى كەمسىتىپ نېمىگە ئېرىشمەكچى؟ ياق! ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاشۇ يۇقۇملىنىپ قالغۇچىلار تەرىپىدىن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغانلارغا ناھەق مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ. ئەيدىزنىنىڭ قانداق يۇقىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلار، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ دەرت-ئەلىمىنى چۈشەنمەيدىغانلار، ئەيدىزنى پەقەتلا ناتوغرا يوللاردىن يۇقىدۇ دەپ قارايدىغانلار، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ئېڭى جەھەتتە بىلىمسىز ھالدا تۇرىۋاتقانلار دېگەندەك كىشىلەر ھەم ئەخلاقسىزلىق ھەم “ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك” قىلىپ، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنى مۇھەببەت-نەپرەتنى بىلمەيدىغان ھالەتتە چەتكە قېقىپ كەمسىتىۋاتىدۇ.

ئەسلىدە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كەمسىتىلىتىلىشكە ئۇچراش گۇناھى يوق ئىدى. ئۆزى خالاپ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىۋالمايدىغان كىشىلەرنىڭ بۇنداق يۇقۇملىنىش تەغدىرى ئاز كېلىپ قالغاندەك، كەمسىتىلىش يەنە ئۇلارغا خۇددى تاغدەك بېسىم ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ناھەق بېسىم ناتوغرا ئۇسۇلدا ئۆچ ئېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. ئاقىۋەت ئۆچ ئېلىش ئەيدىزنى مەجبۇرى تارقىتىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ. دېمەك، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنى كەمسىتىشنىڭ ئاقىۋىتى ئېغىر بولۇپ، كەمسىتىشنى تۈگىتىشمۇ ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ. شۇڭا، ئۆزىمىزنى ھەرقانداق كەمسىتىلىشنى خالىمايدىغان ئادەملەر دەپ قارىساق، باشقىلارنىمۇ ھەر قانداق سەۋەپ بىلەن كەمسىتمەيلى، بەلكى چۈشۈنەيلى.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-30

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-01 / 03:33:25

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ