ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ھەققىدە ھىكايە ۋە ئىبرەتلەرئەيدىز بىمارىنىڭ ھېكايىسى: گۈزەل تۇرمۇشتىن ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچە

ئەيدىز بىمارىنىڭ ھېكايىسى: گۈزەل تۇرمۇشتىن ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچە

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

مەن بىر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئېلىپ بېرىۋاتقىنىمغا بىر يىل بولاي دېدى، ھازىر سالامەتلىكىم ياخشى. كۆپچىلىك بىلەن ئۆزۈمنىڭ سەرگۈزەشتىسىنى ئورتاقلاشقۇم بار، مەن ئاۋۋال ئېنىق دىياگنوز قويۇشنىڭ ئالدى-كەينىدىن باشلاپ سۆزلەي.

2020-يىلى ئاپەت كۆپ بولغان بىر يىل بولدى، مەكتەپ تۇرمۇشىدىن ئايرىلىپ جەمئىيەتكە قەدەم قويىدىغان شۇ يىلى مەن بۇرۇنقى لايىقىم بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. بىز ئ‍ۆز-ئ‍ارا ياخشى كۆرۈشكەن، سوقۇشقان، ئەپۇ قىلىشقان ھەمدە پۇشايمانمۇ قىلغان، تېخىمۇ «شەرەپلىك» بولغىنى بىز ئ‍ىككىلىمىز ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر. ئەگەر مىنىڭ بۇرۇنقى لايىقىم بۇ ماقالىنى كۆرسە، مەيلى كەلگۈسىدە قانداق ئەھۋال يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، مەن ئۇنىڭ ياخشى ياشىشىنى، شۇنداقلا مېنىڭ ئايرىلىش قارارىمنى توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

2020-يىلى 5-ئايدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، مەمۇرلۇق خىزمەتكە قوبۇل قىلىندىم. مەن قاتمۇقات ئۆتكەللەرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا رازى بولغۇدەك نەتىجىگە ئېرىشتىم، مېنىڭچە ئالىي مەكتەپتىكى بۇ بىر نەچچە يىللىق تىرىشچانلىقىم بىكارغا كەتمىگەن ئىدى. ئەمدىلا ئوقۇش پۈتكۈزگەن ھەر بىر ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش، مەنمۇ خىزمەتكە بولغان قىزغىنلىقىم ۋە تەلپۈنۈشۈم بىلەن خىزمەتكە قوبۇل قىلىنىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۆتكىلى سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئۆتكىلىگە كىردىم. ئەينى ۋاقىتتىكى بارلىق ئىشلار مەن ئۈچۈن ناھايىتى گۈزەل ئىدى.

2020-يىلى 6-ئايدا بۇرۇنقى لايىقىم بىلەن قېيدىشىپ قېلىپ، ئۆزۈم يالغۇز باشقا شەھەرگە كۆڭۈل ئاچقىلى باردىم. مەلۇم بىر كۈنى مەن خىزمەتكە كىرگەن ئورۇندىكى خىزمەتچى خادىمدىن «سىزنىڭ خىزمەتكە چىقىش سالامەتلىك تەكشۈرۈش دوكلاتىڭىزنىڭ بىر تۈرىدە مەسىلە كۆرۈلدى، تېزدىن قايتا تەكشۈرۈشكە ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇڭ» دېگەن خەۋەرنى تاپشۇرۇۋالدىم. شۇ چاغدا مەن گاڭگىراپ قالدىم، كۆڭلۈمدە: «زادى نېمە مەسىلە كۆرۈلگەندۇ؟» دەپ ئويلىدىم، كاللامدا نۇرغۇن سوئاللار بار ئىدى.

ئىككى كۈندىن كېيىن مەن قايتىپ كېلىپ بۇرۇنقى لايىقىمنىڭ ھەمراھلىقىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ قايتا تەكشۈرتتۈم. داۋالاش ئۆيىدە مەن ئىسمىمنى مەلۇم قىلغان ئاشۇ دەقىقىدە، سېسترا سەل ئىككىلىنىپ، مېنى سىرتتا ساقلاپ تۇرۇشقا، بەزى ئىشلارنى يەنە بىر قېتىم ئېنىقلاشقا بۇيرۇدى. مېنىڭ كۆڭلۈمدە بىر خىل ياخشى بولمىغان تۇيغۇلار شەكىللىنىشكە باشلىدى، ئارىدىن بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، سېسترا بىلەن سېسترالار باشلىقى مېنى يالغۇز كىشىلىك ياتاققا باشلاپ كىردى، ئۇ ئالدى بىلەن مەندىن ئىلگىرى سالامەتلىك تەكشۈرتكەن-تەكشۈرمىگەنلىكىمنى، يېقىندا بىخەتەر بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن-ئۆتكۈزمىگەنلىكىمنى، مېنىڭ ھەمجىنىس ياكى ئەمەسلىكىم قاتارلىقلارنى سورىدى. بۇنى ئاڭلاپلا كۆڭلۈمدە «مەن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالغان ئوخشايمەن» دېگەن پەرەز پەيدا بولدى.

قايتا تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىققاندا، ئىككى پۇتۇم ئۇيۇشۇپ، كاللام قۇپقۇرۇق بولۇپ قالدى. كېيىنكى ئىشلارنى ئەسلىگۈم كەلمىدى، بۇ ئەسلىمە مەن ئۈچۈن بەك ئازابلىق.

مەن بۇرۇنقى لايىقىمغا رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇ ئىزچىل ماڭا ھەمراھ بولدى، ئۇ ماڭا تەسەللىي بېرىپ: «بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ، تېخى نەتىجىسى ئېنىق ئەمەس» دېدى. لېكىن شۇ ۋاقىتتىكى ھېسسىياتىمنى پەقەت بىر ئۆزۈملا بىلىمەن، ئويلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى پەقەت بىر خىيال بولۇشىنى، ئۆزۈمنىڭ تەلەيلىك بولۇشىنى تىلىدىم، لېكىن مەن بىلىمەن، مەن ئەزەلدىن تەلەيلىك ئەمەس. ئىشقا چۈشۈش سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدە چاتاق چىقىش ماڭا ياردەم قىلغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويغانلىقىمدىن دېرەك بېرىدۇ، مەن ئائىلەمدىكىلەرنىڭ بۇ خىزمەت ئۈچۈن قانچىلىك كۈچ سەرپ قىلغانلىقىنى بىلىمەن، مەن ئۇلارنىڭ ئەجىرىگە يۈز كېلەلمەيمەن، مەن ئۇلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويدۇم. مېنىڭ ئ‍ۇ ۋاقىتتىكى كەيپىياتىمغا گەپ توغرا كەلمەيتتى، شۇ ۋاقىتتا ھەتتا ئۆيگىمۇ قايتقۇم، تاماقمۇ يېگۈم كەلمەيدىغان بولدى، يىراقلارغا قېچىپ كېتىشنىلا ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم.

كەيپىياتىم بىر ئاز تۇراقلاشقاندىن كېيىن، بۇرۇنقى لايىقىمنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىمۇ مۇسبەت بولۇپ چىقتى، كىمنىڭ كىمگە يۇقتۇرۇپ قويغانلىقىغا كەلسەك بۇ ئەمدى مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى دەرھال دورا ئىستېمال قىلىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلىش ئىدى.

ھازىر دورا يەۋاتقىنىمغا بىر يىل بولاي دەپ قالدى، داۋالانغاندىن كېيىن دوختۇرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، بالدۇر ئۇخلاپ، بالدۇر تۇرۇپ، ئوزۇقلۇقلارنى تەڭشەپ ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، بەدىنىممۇ بارغانسېرى ساغلام بولۇپ كەتتى. مەن ئىزچىل تۈردە ئەتراپىمدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى ناھايىتى ئاز، ھەتتا يوق دەپ قارايتتىم، لېكىن كېيىنكى چۈشەنچىلىرىمدىن شۇنى بىلدىمكى، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى مېنىڭ ئويلىغىنىمدىنمۇ ئېغىر ئىكەن. بەزى كىشىلەر تەكشۈرۈپ مۇسبەت چىققان بولسىمۇ، لېكىن ئىزچىل داۋالانماي، «سەتچىلىكنى سىرتقا ئاشكارىلىماسلىق» پوزىتسىيەسىدە بولۇپ، ئۆزىنى يوشۇرۇپ، داۋالاشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن. ھەتتا بەزىلەر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىق ئۆلۈمنى كۈتۈپ تۇرغانلىق، دورا يېيىش بىلەن دورا يېمەسلىكنىڭ ئاقىۋىتى ئوخشاشلا دەپ قاراپ، ۋىرۇسنىڭ بەدەندە تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشىگە يول قويۇپ، ئاخىرىدا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىدىكەن. ئەمەلىيەتتە ئەيدىز كېسىلى ئۇنچە قورقۇنچلۇق ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەت ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ھەقسىز تەمىنلەيدۇ، پەقەت بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالانسىلا، ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاش خىزمەت قىلغىلى ۋە ياشىغىلى بولىدۇ.

 

مەنبە:

https://m.nur.cn/news/2023/12/17618811.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-03-27

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-03-27 / 09:38:11

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ