ئەيدىز كېسەللىكى ئېرىشمە ئىممۇنىت كەمچىل بولۇشنىڭ يىغىندى ئالامىتى بولۇپ، ئىنسانىيەتنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان يېڭى بىر خىل ۋىرۇسلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىك
بۇ كېسەللىك ئوتتۇرا ئافرىقىدا بىرلەمچى خاراكتېرلىك پەيدا بولغان بولۇپ،1981-يىلىدىن باشلاپ نۇرغۇن دۆلەتلەرگە تارقالغان.1985-يىلى بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە تۇنجى بايقالغان.يېقىنقى يىللاردا بارغانسېرى كۆپىيىشكە قاراپ يۈزلەندى.
ئەيدىز كېسىلى ئىنسانلاردىكى بىر خىل ئېرىشمە ئىممۇنىت كەمتۈكلۈك ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەللىك بولۇپ،بۇ خىل ۋىرۇس ئاساسلىق بىمارنىڭ قېنى،ئىسپېرمىسى، سۈتى، شۆلگەي سۇيۇقلۇقى،ياش سۇيۇقلۇقى ياكى باشقا بەدەن سۇيۇقلۇقىدا بولۇپ،ستاتىستىكا قىلىنىشىچە يۇقىرى ئەيدىز كېسلى بولغان بېمارلارنىڭ 50 پىرسەنتتىن كۆپىرەكىدە بۇرۇن،يۇتقۇنچاق،كېكىردەك قىسىمىدا كېسەللىك ئۆزگىرىشى كۆرۈلگەن.
.1ئەيدىز كېسىلنىڭ قۇلاق قىسمىدىكى ئىپادىسى:سىرتقى قۇلاقتا كابۇس ساركومىسى كۆرۈلۈپ، بۇنىڭدا قىزىل سۆسۈن رەڭلىك داغ پارچىسى ياكى تۈگۈنچە ئىپادىلىنىدۇ.
كېسەلنى تەكشۈرگەندە ۋىرۇس بايقىلىدۇ.بۇنىڭىدن باشقا،ناغرا پەردىسى ئىچىگە يىغىلغان سۇيۇقلۇقتا، ئوتتۇرا قۇلاق يىرىڭلىق سۇيۇقلۇقىدا بۇ خىل ۋىرۇسنى بايقىغىلى بولىدۇ.
ئەگەر ۋىرۇس ئاڭلاش نېرۋىغا تەسىر قىلسا، دەسلەپكى ۋاقتىدا ئاۋاز سەزگۈ نېرۋا خاراكتېرلىك گاسىلىق كېلىپ چىقىدۇ.
.2ئېغىز بوشلۇقى ۋە يۇتقۇنچاق،كېكىردەك قىسمىنىڭ تەۋىسىمان باكتېرىيىدىن يۇقۇملىنىشى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى ئىممۇنىت سىستېمىسى ئىنسانلاردىكى ئېرىشمە ئىممۇنىت كەمتۈكلۈك ۋىرۇسى تەرىپىدىن بۇزۇلۇپ،ئورگانىزىمنىڭ ئىممۇنىت ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ.شۇڭلاشقا،ئېغىز بوشلۇقى ۋە يۇتقۇنچاق،كېكىردەك قىسمىنىڭ زەمبۇرۇغىدىن يۇقۇملىنىشى جاھىل بولۇپ، يۇتقۇنچاق ۋە قىزىلئۆڭگەچ قىسىمدا كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بېرىپ،يۇتقاندا دەھشەتلىك ئاغرىيدۇ ۋە يۇتۇش قىينلىشىدۇ.
كابوس ساركومىسى كېكىردەكتە پەيدا بولۇپ، ئېغىز بوشلۇقىغا قاراپ ئۆسىدۇ،بۇ كېسەللىك ئۆزگىرىشى دېمى سىقىلش، ئاۋازى پۈتۈش ۋە كېكىردەك توسۇلۇش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
.3ۋىرۇستىن يۇقۇملانغانلىقتىن،بويۇن لىمفا تۈگۈنىنىڭ كەڭ دائىرىدە ئىششىپ يوغىنىشى قوشۇلۇپ كېلىدۇ.
كابوس ساركومىسى بويۇن قىسمىدىكى تېرىدە پەيدا بولىدۇ. لىمفا تۈگۈنىگە بۆسۈپ كىرگەندە لىمفا تۆگۈنىمۇ تېزلىكتە چوڭىيىدۇ.
ئەيدىز كېسىلى قۇلاق،بۇرۇن،يۇتقۇنچاق،كېكىردەك ۋە باش،بويۇن قىسمىدا پەيدا بولسا، ئادەم ھاياتىغا ئېغىر دەرىجىدە خەۋپ يەتكۈزىدۇ.دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا،ئەيدىز كېسىلى بولغان بىمارلاردا كابوس ساركومىسى پەيدا بولغاندىن كېيىن 18ئايدىن ئارتۇق ياشىيالمايدۇ.
بۇ كېسەلنىڭ يۇقۇملىنىش يوللىرى: ئاساسلىق جىنسي مۇناسىۋەت،قان ۋە ئانىدىن بالىغا تارقىلىش قاتارلىق ئۈچ خىل ئۇسۇلدا يۇقىدۇ. داۋالاشنىڭ ھازىرغىچە ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى يوق ئەڭ ئاساسلىقى ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرنى ياخشى ئىشلەش.
بەش ئەزا قىسمىدىكى ئەيدىز كېسلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش،ئالدى بىلەن يۇقۇملىنىش مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ،ھەر بىر ئادەم ئۆزىنى پاكىز تۇتۇش،ئاممىۋى ئەخلاققا قەتئىي رىئايە قىلىپ، زەھەر چەكمەسلىك،ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىسپېرما سۇيۇقلۇقى،قان شۆلگەي سۇيۇقلۇقى،ياش سۇيۇقلۇقى ۋە جىنىسي يول ئاجراتمىلىرى بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش، بىمار بىلەن چىش چوتكىسى،ساقال ئالغۇچىلارنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك، بىمار ئىشلەتكەن ئوكۇل يىڭنىسىنى ۋاقتىدا كۆيدۈرۈۋېتىش كېرەك. ئەڭ ئىلغار ئۇسۇل بىلەن ئەيدىز كېسىلىنڭ تارقىلىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلاش كېرەك.