قارا قېرىنقۇلاق قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ

0
2412
قارا قېرىنقۇلاق قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ

بەدەن تەرلىگەندە قاننىڭ يېپىشقاقلىقى ئۆرلەيدۇ ، قان ئايلىنىش ئاستىلاپ بەدەندە ئاسانلا قان كەملىك ، ئوكسېگىن يېتىشمەسلىك ، ماغدۇرسىزلىنىش ، باش قېيىش، باش ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ

بۇنداق چاغلاردا مۇۋاپىق مىقداردا قارا قېرىنقۇلاق(مور) ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، قان پلازمىلىرىنىڭ توپلىنىۋېلىشى ۋە خولېستېرىننىڭ قان تومۇرلاردا ئويۇشۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ، ئارتېرىيە قېتىشىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىمۇ ئۈنۈمى ياخشى .

قارا قېرىنقۇلاق بىلەن ئۈچەيدە ئېرىيدىغان ئاسپىرىننىڭ داۋالاش ئۈنۈمى ئوخشاش بولمىغاچقا ، قارا قېرىنقۇلاقنى كىشلەر‹‹ ئوزۇقلۇق ئاسپرىن›› دەپمۇ ئاتايدۇ . يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى ئاغرىقلىرى دورا ئىچىش بىلەن بىللە مۇۋاپىق مىقداردا قارا قېرىنقۇلاق ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، قوشۇمچە داۋالاش ھەمدە 40 ياشتىن يۇقىرىلار ئۇزاق مەزگىل قارا قېرىنقۇلاق ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە سالامەتلىكنى ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ .

قارا قېرىنقۇلاقنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدىغان رولى بار . تەركىبىدىكى سېللۇلوزا بەدەندىكى كىسلاتالىق ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاپ ، سالامەتلىكنى ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ . ئادەتتە ھەر كۈنى 10 گرام ئەتراپىدا قارا قېرىنقۇلاق قوشۇلغان قورۇما ئىستېمال قىلسا ، قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ ھەمدە قان تولۇقلايدۇ ، ئۆپكىنى تازىلايدۇ ، سوغۇق قانلارنى ھەيدەيدۇ .

قارا قېرىنقۇلاق 黑木耳

ئەركىن ئابلەت تەرجىمىسى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here