ھامىلدار ئاياللار تاماكا چەكسە بالىلارغا قاتتىق زىيىنى بار

0
1465
ھامىلدار ئاياللار تاماكا چەكسە بالىلارغا قاتتىق زىيىنى بار

ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا ، تۇغۇت مەزگىلىدىكى ئاياللار تاماكا چەكسە ، تەن سالامەتلىكىگە زىيان بولۇپلا قالماستىن يەنە قوساقتىكى بالىنىڭ كېيىنكى ھەركىتىگە زور يامان تەسىرى بولىدىكەن

نيورىك Mount Sinai مىدىتسىنا ئىنىستىتوتىدىكى دوكتۇر جۇدى-بۇرك(ئاھاڭ تەرجىمىسى)نىڭ تەشكىللىشى ئاستىدا بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى . ئۇ مۇنۇلارنى دېدى : بۇ تەكشۈرۈش بۇرۇنقى بەزى كۆز قاراشلارنىڭ ئىسپاتلىدى ، ئۇ بولسىمۇ ھامىلدار ئانىلار ھامىلدار مەزگىلىدە تاماكا چەكسە ، بالا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغاندىن كېيىن مىجەزى ئوسال ، ئاسانلا تىرىكىپ قالىدىغان ، ھەتتا زوراۋانلىق ئىپادىسى كۆرۈنىدىكەن .

تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ئەزالار بىر قىسىم 2 ياش ئەتراپىدىكى ئۆسمۈرلەرگە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان جەريانىدا ، بالىلارنىڭ پاسسپ ھەرىكەت ئىپادىسى بار يوقلىقى ئانىسىنىڭ ھامىلدار مەزگىلىدە تاماكا چىكىش چەكمەسلىكى ، ھەم ئاز كۆپلىكى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىكىنى بايقىغان . ئانا ھامىلدار مەزگىلىدە قانچە كۆپ تاماكا چەكسە ، ئۇلارنىڭ بالىلىرى شۇنچە ئاسان جىددىيلىشىدىغان ، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان ، ھەمدە باشقىلارنىڭ تەسەللىسى ، تەربىيىسىگە بويسۇنمايدىغان بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بايقىغان .

تەكشۈرگۈچىلەر ئاخىرىدا ئانىلارغا مۇنداق ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ، بالا ھەم ئۆزى ئۈچۈن تۇغۇت مەزگىلىدە ئامال بار تاماكا چەكمەسلىك كېرەك .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here