1. پۇرچاق سۈتى كۆكسىنى چوڭايتىدۇ دېيىش يالغان.
ئېرسىيەت ئامىلىدىن باشقا، ئانىلىق ھورمون سەۋىيىسى ھەمىشە سۈت بېزىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە تولۇش دەرىجىسىنى بىۋاسىتە بەلگىلەيدۇ. لېكىن پۇرچاق سۈتى تەركىبىدىكى ئۆسۈملۈك ئانىلىق ھورمون بىلەن ئادەم تېنىدىكى ئانىلىق ھورمون پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل مەۋقە. ئۆسۈملۈك ئانىلىق ھورموننىڭ بەدەندىكى رولى قوش يۆنىلىشلىك بولۇپ، ئادەم تېنىدە ئانىلىق ھورمون مىقدارى تۆۋەن بولغاندا، ئانىلىق ھورموننى تولۇقلاش رولىنى ئوينايدۇ؛ لېكىن، بەدەندە ئانىلىق ھورمون مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولغاندا ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ، ئانىلىق ھورمون سەۋىيىسىنىڭ رولىنى تۆۋەنلىتىدۇ. شۇڭا، پۇرچاق سۈتى ئىچىپ ياكى ئۆسۈملۈك ئانىلىق ھورمونىنى تولۇقلاش ئارقىلىق ئانىلىق ھورموننى تولۇقلاپ، ئورگانىزملىق ئانىلىق ھورمون سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق سۈت بېزىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئېرىشكىلى بولمايدۇ.
2. تېتىتقۇ راك پەيدا قىلىدۇ دېيىش يالغان.
تېتىتقۇ زەھەر ئەمەس، ئۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ناترىي گلۇتامات بولۇپ، ئۇ كاربون-سۇ بىرىكمىلىرىنى (كراخمال، قىزىلچا قاتارلىقلار) خام ئەشيا قىلىپ، مىكرو ئورگانىزمنى ئېچىتىشتىن كېيىن تاۋلاپ پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ، خىمىيەلىك خام ئەشيا ئەمەس. يەنە كېلىپ، ناترىي گلۇتامات ئۆزىمۇ ئۈزۈم، پەمىدۇر قاتارلىقلاردا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. شۇڭا تېتىتقۇ تەركىبىدە زەھەرلىك تەركىب بار دېيىش تەبىئىيلا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.
3. قىزىل ھاراققا چىلانغان پىياز دىئابېتنى داۋالايدۇ دېيىش يالغان.
قىزىل ھاراققا پىيازنى چىلاشنىڭ مەيلى قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىشتە بولسۇن، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش ياكى يەللىك بوغۇم ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىش قاتارلىق ئېيتىشلارنىڭ نۆۋەتتە تېخى ئىشەنچلىك تەجرىبە ئىسپاتى يوق. لېكىن، قىزىل ھاراق تەركىبىدە ئىسپىرت بار بولۇپ، قانداقلا بولمىسۇن سالامەتلىككە زىيانلىق، قارىغۇلارچە ئىشلىتىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ. ئەگەر ئاللىقاچان كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولسا، پەقەتلا مۇشۇلارغا تايىنىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، يەنىلا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك، خۇراپاتلىق كېسەل داۋالىيالمايدۇ، ئەكسىچە كېسەللىكنىڭ ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ.
4. ****
بۇ ئىنتايىن چەك باسمىغان سۆز. ****
5. پۇرچاق سۈتى بىلەن تۇخۇمنى بىللە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ دېيىش يالغان.
پۇرچاق سۈتى بىلەن تۇخۇمنى بىللە ئىستىمال قىلغاندا ئوزۇقلۇق قىممىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتەمدۇ؟ «تۇخۇمنىڭ تەركىبىدە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل بار، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردە ئوزۇقلۇق فاكتورى، يەنى ئاشقازان ئاستى بېزى ئېنزىمىنى تىزگىنلىگۈچى (تىرىپسىن) بار بولۇپ، ئۇ ئاقسىلنىڭ ھەزىم قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.» لېكىن ئەمەلىيەتتە، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدىكى تىرىپسىن ئۇزاققىچە قىزدۇرۇشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. 10 مىنۇتتىن ئۇزۇن قاينىتىلسىلا ئادەم بەدىنىدىكى ئاقسىلنىڭ سۈمۈرۈلىشىگە كاشىلا قىلمايدۇ. مەيلى بازاردىن سېتىۋالغان پۇرچاق سۈتى بولسۇن ياكى ئائىلىدە قاينىتىلغان پۇرچاق سۈتى بولسۇن، ھەممىسى بىر تەرەپتىن ئېزىلىپ، بىر تەرەپتىن قاينىتىپ تەييار قىلىنغان بولغاچقا، ھەممىسىگىلا 15~20 مىنۇتقىچە ۋاقىت كېتىدۇ. شۇڭا پۇرچاق سۈتى بىلەن تۇخۇمنى بىللە ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.
6. زەنجىۋىل بىلەن كولا زۇكامنى داۋالايدۇ دېيىش يالغان.
سوغۇقتىن بولغان زۇكامغا زەنجىۋىل قەلەمچىسى بىلەن كولانىڭ بەلكىم بىرئاز رولى بار بولۇشى مۇمكىن، لېكىن يەنىلا زەنجىۋىل بىلەن قارا شېكەر سۈيىگە يەتمەيدۇ. زەنجىۋىل تاش بەدەندىكى ئىللەتلەرنى تارقىتىپ تەرلىتىدۇ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قىزدۇرۇلغان ئىچىملىك بولغاچقا، سوغاقتىن بولغان زۇكامنى ياندۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئەمما كولا ۋە زەنجىۋىل بىلەن ماسلاشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلمايمىز، بۇنى كۆپ ئىچكەندە پەقەت قەنتنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن كۆرە، زەنجىۋىلنى قايناق سۇغا دەملەپ ئىچكەن ئەۋزەل، بۇنداق بولسا تېخىمۇ ساغلام بولغان بولىدۇ.
7. يۇقىرى كالتسىيلىق سۈتنىڭ كالتسىي تولۇقلاش ئۈنۈمى ياخشى دېيىش يالغان.
سۈت ۋە قېتىقنىڭ تەركىبىدىكى كالتسىي مىقدارى مول، ئاتالمىش يۇقىرى كالتسىيلىق سۈتنىڭ مىقدارىدىكى كالتسىينىڭ ئادەتتىكى سۈتتىن يۇقىرى بولۇپ كېتىشى ناتايىن. «ئورالما ئالاھىدە يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق بەلگىسى ئومۇمىي قائىدىسى»دە، كالتسىي مىقدارى 120 مىللىگرام/100 مىللىلىتىردىن چوڭ ياكى باراۋەر بولغاندىلا ئاندىن «يۇقىرى كالتسىيلىق» بولغان بولىدۇ. بازاردىكى بىر قىسىم ئەلا سۈپەتلىك ئادەتتىكى كالا سۈتىدىكى كالتىسي مىقدارى ئادەتتە 102~107 مىللىگرام/ 100 مىللىلىتىر بولۇپ، سېلىشتۇرمىسى ناھايىتى روشەن بولغان بولىدۇ.
8. بىر ئايدىلا تىرناق تەمرەتكىسىنى سەللىمازا ساقايتقىلى بولىدۇ دېيىش يالغان.
ئومۇمەن قىسقا مۇددەت ئىچىدە تىرناق تەمرەتكىسىنى داۋالىغىلى بولىدۇ دەپ قاراشنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىشكە بولمايدۇ. تىرناق تەمرەتكىسىنى داۋالاش ۋاقتى تىرناقنىڭ ئۆسۈش دەۋرىگە باغلىق، تىرناقنىڭ پۈتۈنلەي بىر يېڭىلىنىشى ئۈچۈن 3~4 ئاي ۋاقىت كېتىدۇ، پۇت تىرنىقىنىڭ ئۆسۈش دەۋرى نىسبەتەن ئاستا بولۇپ، 4~6 ئايغىچە ۋاقىت كېتىدۇ، شۇڭا، ئومۇمەن بىر ئاي ئىچىدە تىرناق تەمرەتكىسىنى داۋالىغىلى بولىدۇ دەپ تەشۋىق قىلغاننىڭ ھەممىسىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك، سۈرئىتى ئالاھىدە تېز بولغان دورىلار يەنە تىرناق ۋە تىرناق ئەتراپىدىكى تېرىنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ.
9. ئۆيدە ئاچچىقسۇ قاينىتىپ پۇرىتىش زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ دېيىش يالغان.
ئورۇنسىز ئاۋارە بولماڭ. سىركە كىسلاتاسىنىڭ ھەقىقەتەن مەلۇم دەرىجىدە باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولى بار. لېكىن ئۇنىڭ قويۇقلۇق تەلىپى يېمەكلىك ئاچچىقسۈيىگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ. يەنە كېلىپ، زۇكام پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى باكتېرىيەدىن باشقا يەنە بىر خىل ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان. يېمەكلىك ئاچچىقسۈيى ۋىرۇس قۇرۇلمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش رولىنى ئوينىيالمايدۇ. شۇڭا ئۆيدە ئاچچىقسۇ قاينىتىپ، ئاچچىقسۇ پۇرىتىش زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ، ئەكسىچە ئادەمنىڭ نەپەس يوللىرىنى غىدىقلاش تەسىرىگە ئىگە، بولۇپمۇ بىر قىسىم ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى، سوزۇلما توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە ۋە كانايچە، زىققا كېسىلى بار بىمارلارغا نىسبەتەن كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن .
10. بۇرۇن ئۇچىنى قىسىپ بېرىش بۇرۇننى تېخىمۇ قاڭشارلىق رولىغا ئىگە دېيىش يالغان.
بىر ئاددىغىينە سۇلياۋدىن ياسالغان قىسقۇچ ئارقىلىق بۇرۇننىڭ ئۇچىنى قىسىپ قويۇپ، بۇنى كۈنىگە 10~15 مىنۇت داۋاملاشتۇرسىلا بۇرنىنى تېخىمۇ قاڭشارلىق قىلىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولامدىكەن؟ بۇرۇننىڭ چىرايلىق بولۇش-بولماسلىقى ئاساسەن قاڭشار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، خۇددى ئۆينىڭ لىمىغا ئوخشاش، بۇمۇ بۇرۇننىڭ ئەسلىدىكى قۇرۇلما شەكلىگە تەسىر قىلغان بولىدۇ. بۇرۇن قىسقۇچىنىڭ قىسىپ قويىدىغىنى پەقەت بۇرۇننىڭ ئۇچى يەنى بۇرۇننىڭ ئۇچىدىكى تالالىق بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما، ھەرگىزمۇ بۇرۇننى قاڭشارلىق قىلىش رولى يوق. ئەكسىچە، بۇ خىل مېخانىكىلىق بېسىم قىلىش ئۇسۇلى بۇرۇننىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تېرە ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
11. بۆرەك يېيىش ئارقىلىق باھنى قۇۋۋەتلىگىلى بولىدۇ دېيىش يالغان.
بۆرەك باھنى قۇۋۋەتلەمدۇ ياكى قۇۋۋەتلىيەلمەمدۇ، ئاساسلىقى سىنك مىقدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مىكرو ئېلېمېنتلاردىن سىنك ئەرلەرنىڭ جىنسىي يېتىلىشى ۋە كۆپىيىش ھۈجەيرىسىنى ھاسىل قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. تەتقىق قىلىنىشىچە، قوي بۆرىكىدىكى سىنك مىقدارى پەقەت 2.74 مىللىگرام بولۇپ، باھنى قۇۋۋەتلەشتە ھەرگىزمۇ يېتەرلىك ئەمەس. بۇنىڭدا يەنە خولېستېرىننىمۇ ئويلىنىش كېرەك. ئادەم بەدىنىنىڭ ھەر كۈنى 300 مىللىگىرام خولېستېرىننى قوبۇل قىلىشى مۇۋاپىق ئەمەس، ھەر 100 گىرام ھايۋانات بۆرىكى تەركىبىدە 354 مىللىگىرام خولېستېرىن بولۇپ، بۇ ئاللىقاچان نورمال چەكتىن ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ.
12. تۇخۇمداننى ئاسراش قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ دېيىش يالغان.
ھەر بىر ئەزانىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارى باشقا بارلىق ئەزالارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، پەقەت تۇخۇمداننىلا ئاسراش ئارقىلىق باشقا ئىچكى ئاجراتما بەزلىرىنىڭ ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىشنى ياخشىلاش ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش.
13. يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بولغاندا زور كۈچ بىلەن يۆتەلگەندە جاننى قۇتۇلدۇرغىلى بولىدۇ دېيىش يالغان.
يۆتەل جىسمانىي كۈچ سەرپىياتىنى كۆرۈنەرلىك ھالدا ئاشۇرۇپ، ئوكسىگېن سەرپىياتىنىڭ خوراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق يۈرەكنىڭ قان يېتىشمەسلىك ۋە نېكروزلىنىش، شۇنداقلا يۈرەك سوقۇشىنىڭ تۇيۇقسىز توختاپ قېلىش خەۋپىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. شۇڭا، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بولغاندا ھەرگىزمۇ كۈچەپ يۆتەلمەڭ! يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزۇش چارىسى: تىل ئاستىغا نىتروگلىتسېرىننى سالغاندىن كېيىن تۈز يېتىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە جىددىي ياردەم تەلەپ قىلىش.
14. ئېزىق چىشنى سۈركەشنىڭ سەۋەبى قورساق ئىچىدە سازاڭ مەددىسى بولغانلىقتىن دېيىش يالغان.
ئېزىق چىشنى سۈركەشنىڭ سەۋەبى ھەرخىل، مەددە قۇرۇت پەقەت نۇرغۇن سەۋەبلەرنىڭ ئارىسىدىكى بىر خىللا بولالايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بالىلارنىڭ جىددىيلىشىش (تەشۋىشلىنىش، بېسىم ھېس قىلىش، كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش)، چىشلىشىش توسالغۇغا ئۇچراش، ھەتتا بىر قىسىم كېسەللىك (ئوزۇقلۇق يېتىشمەشلىك، ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىش، ھالەت ئۆزگىرىش رېئاكسىيىسى قاتارلىقلارمۇ ئېزىق چىشنى سۈركەشنىڭ سەۋەبى بولالايدۇ.
15. سودا سېلىنغان پىرەنىك ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ دېيىش يالغان.
سودا سېلىنغان پىرەنىكنىڭ نېيتراللاشتۇرۇش رولى ئادەتتىكى موما، بولكا بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ، ھەتتا قاقلانغان ھور ناننىڭ ۋە بولكا پارچىسىغا يەتمەيدۇ، چۈنكى ئوتقا قاقلاپ پىشۇرۇلغاندىن كېيىن شەكىللەندۈرىدىغان نېيتراللىشىش قەۋىتى ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى تىزگىنلەپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇندىن باشقا، چۈرۈك سودا سېلىنغان پىرەنىكنىڭ ماي مىقدارى %20~%30 بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە سودا يەنى ناترىي ھىدروكاربونات قوشۇلغان، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ناترىي تۇزى ناھايىتى يۇقىرى. يەنىلا ئاز ئىستېمال قىلغان ياخشى.
مەنبە: نۇر تورى
تەھرىر: ئەكبەر ئۆمەر