ھامىلدارلىق ۋە تۇغۇت

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

تۆرەلمە يەنى بالىنىڭ پەيدا بولۇشى ئانىلىق تۇخۇمنىڭ ئاتىلىق ئۇرۇق بىلەن بىرىكىشىدىن پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭ قىسقىچە جەريانى مۇنداق:

ئانىلىق تۇخۇم:

ئايالنىڭ تۇخۇمىدا ناھايىتى كىچىك بىر خىل يۇمىلاق دانچە بولىدۇ، بۇ ئانىلىق تۇخۇم دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ ئەتراپىدا ھاياتلىق ماددىسى بولىدۇ. ئانىلى تۇخۇم غىلاۋىنىڭ ئىككى قەۋىت بولىدۇ. ئىچكى قەۋىتى ئازراق قېلىن سۈزۈك بولىدۇ. تاشقى قەۋىتى سۇيۇق بۇ تۇخۇم غىلاۋى دەپ ئاتىلىدۇ.

ئاتىلىق ئۇرۇقمۇ ناھايىتى كىچىك دانىچىدىن ئىبارەت بولۇپ ئۇنىڭ بىر بېشى ۋە بىر ھەرىكەتچان قۇيرۇقى بولدۇ. بېشى ياپىلاق لېكىن نەيزىگە ئوخشاش ئۇشلۇق بولىدۇ. ئۇ مۇشۇ ئۇشلۇق بېشى ئارقىلىق جىنسىي ئالاقىدىن كېيىن ئانىلىق تۇخۇم غىلاۋىنىڭ ئىنچىكە تۆشۈكچىلىرىدىن بۆسۈپ كىرەلەيدۇ ۋە ئۆزىنىڭ قۇيرۇقىغا تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ ۋە بىر نەچچە كۈنگىچە ھايات تۇرالايدۇ. تۇخۇم بىلەن ئۇرۇقنىڭ بىرىكىشىدىن تۈرلمە شەكىللىنىدۇ، بۇ ئىككىسىنىڭ ئۇچرىشىشى تۇخۇم بىلەن ئۇرۇقنىڭ بىرىكىشىدىن تۈرەلمە شەكىللىنىدۇ، بۇ ئىككىسىنىڭ ئۇچرىشىشى تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ بېشىغا يېقىن ئوۇندا بولىدۇ، بۇ يەردىن 12 كۈن ئىچىدە بالىياتقۇغا يېتىپ بارىدۇ. ئەگەر مەلۇم سەۋەبتىن مۇشۇ نەيچە ئېغىزىدا توختاپ قالسا مۇشۇ ئورۇندا ھامىلىدار بولۇپ ناھايىتى خەتەرلىك ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.

ئاتىلىق ئۇرق، ئانىلىق تۇخۇم غىلاۋىنىڭ ئىچكى قىسمىغا كىرگەندە ئانىلىق تۇخۇم چوڭىيىدۇ. ئاتىلىق ئۇرۇق ئانىلىق تۇخۇم ئىچىگە كىرىپ قالغاندا نېپىز بىر پەردە شەكىللىنىپ ئۇرۇق ئانىلىق تۇخۇم ئىچىگە كىرىپ قالغاندا نېپىز بىر پەردە شەكىللىنىپ ئۇرۇق تخۇم ئىچىگە كىرگەن ئېغىزلارنى ئىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تۆرەلمە شەكىلىنىدۇ.

ئەگەر ئانىلىق تۇخۇم بىلەن ئاتىلىق ئۇرۇق ئۇچراشسا بۇنىڭدىن نۇرغۇنلىغان ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ. مەسىلەن: تۇخۇم دەسلەپتە ئىككىدىن تۆتكە، تۆتتىن سەككىزگە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ساناقسىز زەرىچىلەرگە بۆلىنىدۇ.  بۇ زەرىچىلەر تۇخۇمنىڭ مەركىزى ئەتراپىغا تارقاپ تەنچىلەرنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇنىڭ سىرتقى تەنچىلەردىن بوۋاقنىڭ تېرىسى، يۇلۇن، بەش سەزگۈر ئەزا يەنى، كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، تىل ۋە باشقىلار شەكىللىنىدۇ. ئوتتۇرا تەنچىدىن مۇسكۇل، سۆڭەك، بۆرەك، يۈرەك ۋە نەسىل ئەزالىرى، ئىچكى  تەنچىدىن نەپەس ئەزالىرى ئۆپكە ئاشقازان، ئۈچەي ۋە باشقىلار شەكىللىنىدۇ. بوۋاقنىڭ ئۈستىدىن ئىككى پەردە ئوراپ بىر خالتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىگە بىر خىل سۇيۇقلۇق تۇلۇپ تۇرىدۇ. بۇ خىل پەردە بالا ھەمرىي دەپ ئاتىلىدۇ.

بۇ پەردە قېلىنلاپ بالىياتقۇنىڭ ئىچكى پەردىسىگە چاپلىشىپ قان تومۇرلارنى پەيدا قىلىدۇ. يىتىلگەن بالا ھەمرىيى تۇخۇمسىمان بۇلۇتتەك يۇمشاق، ئۇزۇنلۇقى سەككىز سانتىمېتىر، تەخمىنەن بىر جىڭ ئېغىرلىقتا بولىدۇ. بالا ھەمرىيىدىن ئۈچ قان تومۇر (يەنى بىر دانە كۆك قان تومۇر ئىكى دانە قىزىل قان تومۇر) ئورالغان ئارغامچا شەكلىدە بوۋاقنىڭ كىندىكتىن ئۈتۈپ ئۇنىڭ تېنىگە كىرىدۇ. بۇ كۆك تومۇر ئارقىلىق بوۋاقنىڭ ھاۋايى دۇخانىيە (كاربون ئوكسىد) ئارىلاشقان قېنى تازىلاش ئۈچۈن ئانىنىڭ قېنىغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ.

 

مەنبە:
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-24

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-24 / 02:18:00

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ