ئاۋسترالىيەدە ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھامىلىدارلاردا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ۋىتامىن D كەمچىل بولسا بالا چوڭ بولغاندا تىل قابىلىيىتىدە مەسىلە كۆرۈلىدىكەن
ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا، ھامىلىدارلاردا ۋىتامىن D كەمچىل بولسا، بالىنىڭ سۆڭەك يېتىلىشى ئاستا بولۇش، زىققا كېسىلىگە ئوڭاي گىرىپتار بولۇش ياكى بەدىنىنىڭ يېتىلىشى ناچار بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ دەپ كۆرسىتىلگەنىدى.
![ھامىلدارلار ۋىتامىن D تولۇقلاش ئۈچۈن نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟](https://dohturlar.com/wp-content/uploads/2020/10/hamildarlar-witamin-d-toluqlash-uchun-nimilerge-diqqet-qilish-kerek.jpg)
ھامىلىدارلار سەمىگە
غەربىي ئاۋسترالىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئامېرىكا ‹‹بالىلار كېسەللىرى›› ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلار 20 يىل بۇرۇن 700دىن كۆپرەك ھامىلىدارنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ۋىتامىن D مىقدارىنى تەكشۈرگەن. تەتقىقاتچىلار بەش يىلدىن ئون يىلغىچە ۋاقىتتىن كېيىن، بالىلارنىڭ ھەرىكەت، ھېسسىيات ۋە تىل قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ۋىتامىن D مىقدارى تۆۋەنرەك ئاياللارنىڭ بالىلىرى قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ۋىتامىن D مىقدارى يۇقىرىراق ئاياللارنىڭ بالىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا تىل قابىلىيىتى جەھەتتە ئوڭاي توسالغۇغا ئۇچرىغان. ھەر لىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە 72 – 154 نانومول ۋىتامىن D بار ئانىلار ۋىتامىن D مىقدارى يۇقىرىراق ئانىلار ھېسابلىنىدىكەن، ھەر لىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە15–46 نانومول ۋىتامىن D بار ئانىلار ۋىتامىن D مىقدارى تۆۋەنرەك ئانىلار ھېسابلىنىدىكەن.
تەتقىقات يېتەكچىسى ئاندرېۋ ۋىتخوس: ھامىلىدارلاردا ۋىتامىن D كەمچىل بولسا، بالا مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ، بالىنىڭ تىل قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىگە توسالغۇ بولىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
ـــ ماتېرىيالدىن