ھامىلدار ئاياللار نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك ؟

0
1789
ھامىلدار ئاياللار نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك ؟

ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلدە تۆۋەندىكىدەك نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك :

ھامىلدار ئاياللار نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك ؟

1 – ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە ، بويىدىن ئاجراپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇلانماسلىق ، پۇتىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ يېتىش ، دەسلەپكى ئۈچ ئاي ئىچىدە جىنىس مۇناسىۋەت قىلماسلىق كېرەك .

2 – ئادەتتە ، دەم ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش ، كىيگەن كىيىم كەڭ ، ئازادە بولۇش ، لىپتىك تاقىماسلىق ، قورساقنى سىقىۋالىدىغان كىيىملەرنى كىيمەسلىك لازىم .

3 – ھامىلدار ئاياللار ئادەتتە كۆپرەك تەرلەيدىغان بولغاچقا ، پات – پات يۇيۇنىشى ، ئىچ كىيىملەرنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى ، ئالماشتۇرىدىغان كىيىملەر پاختا رەختتىن بولىشى كېرەك .

4 – زۇكام قاتارلىق ۋىرۇسلۇق كېسەللىكلەردىن يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ، ئەگەر زۇكام بولۇپ قالسا ، زۇكام دورىلىرىنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالىنىش كېرەك .

5 – تۇغۇتتىن ئىككى ئاي ئىلگىرى ، بولۇپمۇ تۇنجى قېتىم ھامىلدار بولغان ئاياللار بالا ئېمىتىش مەزگىلدە ،ئەمچەك توپچىسى يېرىلىپ يۇقۇملىنىش يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، ئەمچەك توپچىسىنى دائىم يۇيۇپ تۇرۇش كېرەك .

6 – بالىنىڭ تەربىيىلىنىشى ھامىلە تەربىيىسىدىن باشلانغان بولغاچقا ، ھامىلدارلىق مەزگىلدە ، دائىم مۇزىكا ئاڭلاش ، روھى كەيپىياتنى خوشال تۇتۇش كېرەك ، ئاچچىقلىنىش ، قايغۇرۇش ، ھەسرەت چېكىشتىن ساقلىنىش لازىم .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here