ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇقساغلام بالىلارنىڭ ئوزۇقلىنىشى

ساغلام بالىلارنىڭ ئوزۇقلىنىشى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئۈچىنچى بۆلۈم : ساغلام بالىلارنىڭ ئوزۇقلىنىشى

ئوزۇقلاندۇرۇش بالىلار كېسەللىك ئىلمىنىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر قىسمىدىن ئىبارەت بولۇپ، شۇنداقلا بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاشتىكى ئاساسلىق ھالقىدۇر. توغرا بېقىش يالغۇزلا بالىنىڭ سالامەت ئۆسۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپلا قالماستىن بەلكى ھەر خىل يۇقۇملىنىش خاراكتىرلىك كېسەللەرگە بولغان قارشىلىق كۈچىنى كۈچەيتىدۇ. يېشى قانچىكى كىچىك بولسا، ئۆسۈپ يېتىلىشى شۇنچە تېز بولىدۇ. ئوزۇقلۇققا بولغان تەلىپى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. لېكىن ھەزىم قىلىش خىزمىتى مۇكەممەل بولمىغاچقا مۇۋاپىق بېقىلمىسا ئوڭايلا ئىچى سۈرۈش ۋە ئوزۇقلىنىشنىڭ ناچارلىشىشى يۈز بېرىدۇ.

بالىلارنىڭ ئوزۇقلىنىشقا بولغان تەلىپى

  • ئاساسىي ماددا ئالمىشىش: بۇ بالىلارنىڭ بەدەن خىزمىتىنى ساقلاش ئۈچۈن تەلەپ قىلىدىغان ئەڭ تۆۋەن ئىسسىقلىق مىقتارى بولۇپ، ئۇ بەدەن تېمپىراتۇرىسىنى ساقلاش، مۇسكۇللارنىڭ كۆپۈش كۈچى ۋە ھەرقايسى ئەزالارنىڭ ھەرىكىتى قاتارلىقلار ئۈچۈن تەلەپ قىلىدىغان ئەڭ تۆۋەن ئېنىرگىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ تەلەپ قىلىدىغان مىقتارى نىسبەتەن تۆۋەن بولۇپ، تەدرىجىي ئاشىدۇ. 1 ياش ئىچىدە ھەر كىلوگرام بەدەن ئېغىرلىقى ئۈچۈن تەخمىنەن ھەركۈنى 55 كالورىيە تەلەپ قىلىپ، كېيىن تۆۋەنلەيدۇ. 12-13 ياشلىق ۋاقتىدا ھەركۈنى ھەر كىلوگرام بەدەن ئېغىرلىقىغا تەخمىنەن 30 كالورىيە، تەخمىنەن چوڭلار بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. بوۋاق گۆدەكلىك مەزگىلىدە ئاساسىىي ماددا ئالمىشىش ئۈچۈن تەلەپ قىلىدىغان ئېنىرگىيە تەخمىنەن ئومۇمىي ئېنىرگىيىنىڭ 60% نى ئىگەللەيدۇ.
  • يېمەكلىكلەرنىڭ ئالاھىدە ھەرىكەتلىك رولى: تاماق يىگەندىن كېيىن ئورگانىزىمنىڭ ئىسسىقلىق پەيدا قىلىش مىقتارى، تاماق يىيىشتىن ئىلگىرىكىگە نىسبەتەن ئاز تولا ئاشىدۇ. يېمەكلىكنىڭ ئورگانىمىزدا پەيدا قىلىدىغان نورمىدىن سىرتقى بۇ خىل ئىسسىقلىق پەيدا قىلىش رولى ئالاھىدە ھەرىكەتلىك رولى دەپ ئاتىلىدۇ. 3 خىل ئاساسلىق ئوزۇقلۇق ماددا ئىچىدە ئاقسىلنىڭ ئالاھىدە ھەرىكەتلىك رولى ئەڭ چوڭ بولۇپ، ئۇنى مىستىمال قىلغاندىن كېيىن ئورگانىزىمدا ئىسسىقلىقنىڭ ئېشىشى تەخمىنەن كىرگەن ئاقسىل تەركىبىدىكى ئىسسىقلىقنىڭ تەخمىنەن 30% گە، قەنت تۈرى بىلەن ماي پەقەت ھەرقايسىسىلا تەخمىنەن 4-6% گە تەڭ قىلىدۇ.
  • ھەرىكەت ئۈچۈن تەلىپى: مۇسكۇللارنىڭ ھەرىكىتى ئۈچۈن كېتىدىغان ئىسسىقلىق، ھەرىكەت مىقتارىنىڭ چوڭ-كىچىكلىگە قاراپ چوڭ پەرق قىلىدۇ. بوۋاقلارنىڭ ھەر كىلوگرام بەدەن ئېغىلىقى ئۈچۈن ھەركۈنى تەخمىنەن 15-20 كالورىيە ئىسسىق تەلەپ قىلىدۇ. يېشىنىڭ ئېشىشىغا ئەگەىشىپ ئىسسىقلىققا بولغان تەلىپىمۇ تەدرىجىي ئېشىپ بارىدۇ. 12-13 ياشقا بارغاندا ھەركۈنى ھەر كلوگرام بەدەن ئېغىرلىقى ئۈچۈن تەخمىنەن 30 كالورىيە تەلەپ قىلىدۇ.
  • ئۆسۈش ئىھتىياجىغا تەلەپ قىلىدىغان ئىسسىقلىق: ئۆسۈش سۈرئىتى قانچىكى تېز بولسا، ئىسسىقلىققا بولغان تەلىپىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. يېمەكلىكلەردىكى يېتىشمىگەندە، ئۆسۈپ يېتىلىش تەسىرگە ئۇچرايدۇ. تۇغۇلۇپ بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ھەر كىلوگرام بەدەن ئېغىرلىقىغا ھەركۈنى تەخمىنەن 15-20 كالورىيە تەلەپ قىلىدۇ. 1 ياشقا بارغاندا 5-15 كالورىيە، كېيىن تەدرىجىي تۆۋەنلەپ ياشلىق باھار مەزگىلىدە يەنە يۇقىرىلايدۇ. بۇخىلدىكى تەلەپ قىلىدىغان ئىسسىقلىق ئومومىي ئېنىرگىيىنىڭ 25-30% نى ئىگەللەيدۇ.
  • چىقىرىشتىكى سەرپىيات: ھەركۈنى ئىستىمال قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى تولۇق شۈمۈرۈلۈپ پايدىلىنالمايدۇ. يېمەكلىكلەرنىڭ بىر قىسمى ھەزىم بولماي بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ. ئارىلاش يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلغان بوۋاقلاردا بۇ خىلدىكى يوقىتىش 10% دىن ئاشمايدۇ.

يۇقارىدا بايان قىلغان 5 جەھەتتىكى تەلەپ قىلىدىغان ئىسسىقلىقنىڭ ئومومىي يىغىندىسى بوۋاقلىق دەۋرىدە چوڭلارغا، نىسبەتەن نىسپىي ھالدا كۆپ بولىدۇ. چۈنكى بالىلاردا ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ ئىھتىياجى بولىدۇ. بوۋاقلىق مەزگىلىدە ھەر كىلوگرام بەدەن ئېغىرلىقىغا ھەر كۈنى 100-120 كالورىيە، مەكتەپ يېشىدىكى ئۆسمۈرلە تەخمىنەن 50-80 كالورىيە تەلەپ قىلىدۇ.

بالىلار كېسەللىكلىرى
(مەملىكەتلىك ئالىي تىببىي تېخنىكوملار ئۈچۈن سىناق دەرسلىكى)

تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدىسوپۇر ئابدۇرېھىم
تەرجىمە تەھرىرى:غوپۇر ئىمىن
مەسئۇل كوررېكتورى: ئابلەت مۇسا
شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى
1986-يىلى 4-ئاي

كىرگۈزگۈچى: نۇرمەمەت دانىش

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-09-01

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-09-02 / 10:58:56

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ