توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
تاتلىق يېمەكلىكلەرنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ.
1. كىچىك بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگەندە، بالىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر يېتىدۇ. قەنت قان شېكىرىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كۆپ مىقداردىكى B تۈردىكى ۋىتامىنلارنى خورىتىدۇ، بۇ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.
2. كىچىك بالىلار تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېسە بوي ئېگىزلىكىنىڭ تەبىئىي ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. چۈنكى قەنت كالتسىينىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تېزلىتىپ، بالىلاردا كالتسىي كەملىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كالتسىي كەم بولسا بالىنىڭ سۆڭىكىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئوخشاشلا ياشانغانلارنىڭ تاتلىق يېمەكلىك يېيىشىمۇ كالتسىي كەملىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سۆڭەك شالاڭلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تاتلىق يېمەكلىكلەر ئاياللارنىڭ تېرىسىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. قوبۇل قىلغان قەنت مىقدارى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، تېرە ئېلاستىكلىقى ۋە پارقىراقلىقىنى يوقىتىپ، ئاسانلا قورۇق چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قەنت تاشلاش پەقەت قەنت-گېزەكنى يېمەسلىككىلا قارىتىلغان ئەمەس، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە قەنت بولىدۇ، مەسىلەن ناۋات نەشپۈت ئىچىملىكى، تاتلىق تەملىك مۇز تالقىنى، يەنە قەنت تەركىبى ناھايىتى يۇقىرى بولغان مېۋىلەر. ھەسەل، چىلان، ئەتكەن چاي، ماروژنى، ئىچىملىك قاتارلىق قەنت مىقدارى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ياكى ئاز ئىستېمال قىلىڭ.