ھامىلىدارلىقنىڭ بىرىنچى ئېيى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ھامىلىدارلىقنىڭ بىرىنچى ئايلىق كۆرسەتمىسى: بەدەندىكى ئۆزگىرىشلەر، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ۋە تەكلىپ پىكىرلەر

 

سۆيۈملۈك ئاتا-ئانىلار، ھاياتىڭلارنىڭ ئەڭ گۈزەل مىنۇتلىرىنى كۈتۈۋالغىنىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ھامىلىدارلىقنى تەكشۈرۈش تاياقچىسىدە كۆرسىتىلگەن ئىككى قىزىل سىزىقچىنى كۆرگىنىڭىزدە، قەلبىڭىز خۇشاللىق ۋە ئۈمىدكە تولغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ يېڭى ھاياتلىقنىڭ كېلىشى ئائىلىڭىزگە بىر سوۋغا بولۇپلا قالماستىن، بەلكى سىلەرنىڭ ئوتتۇرىڭلاردىكى مۇھەببەتنىڭ جەۋھىرى. كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بۇ پەيتتە، بىز بۇ يېڭى سەپەرنىڭ تۇنجى قەدىمى-ھامىلىدارلىقنىڭ تۇنجى ئېيىدىكى مۇھىم ئۇچۇرلارنى بىرلىكتە چۈشىنىپ باقايلى.

ھامىلىدارلىقنىڭ بىرىنچى ئېيى

مۇندەرىجە

  • ھامىلىدارلىقنىڭ تۇنجى ئېيىدىكى ئالاھىدىلىكلەر
  • ھامىلىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالى
  • ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ئۆزگىرىشلەر
  • دادىلار ئىخچام قوللانمىسى
  • دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىشلار
  • زۆرۈر بولغان تەكشۈرۈش تۈرلىرى
  • ئوزۇقلۇق يېمەك-ئىچمەك قوللانمىسى
  • كۆپ ئۇچرايدىغان سوئال جاۋابلىرى

 

ھامىلىدارلىقنىڭ تۇنجى ئېيىدىكى (1.ئاي) ئالاھىدىلىكلەر

ھەر بىر يېڭى ھاياتلىقنىڭ دۇنياغا كېلىشى بىر مۆجىزىنىڭ باشلىنىشى دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ تۇنجى ئېيىدا، بۇ كىچىككىنە ھاياتلىق ئۈن-تىنسىز يولغا چىقىپ، ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش سەپىرىنى باشلايدۇ. بۇ مەزگىلدە ھامىلە تېخى كىچىك بولسىمۇ، لېكىن بۇ ۋاقىت پۈتكۈل ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئەڭ ھالقىلىق باسقۇچلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى بارلىق مۇھىم ئەزالارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مۇھىم شەكلى مۇشۇ ۋاقىتتا شەكىللىنىشكە باشلايدۇ.

 

1. ۋاقىتنى ھېسابلاش

  • ھامىلىدارلىق ھەپتىلىكىنى ھېسابلاش: ئاخىرقى قېتىملىق ھەيز كەلگەن تۇنجى كۈندىن باشلىنىدۇ.
  • ئەمەلىي ھامىلىدار بولۇش ۋاقتى: ئادەتتە تۇخۇم چىقىرىش كۈنىنىڭ ئالدى-كەينىدە (ھەيز تۈگىگەندىن كېيىنكى 14-كۈنى ئەتراپىدا).
  • ھامىلىدارلىقنى تەكشۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى: ھەيزدىن ئەگەر 7-10 كۈن كېچىكسە تەكشۈرسە بولىدۇ.
  • تۇنجى قېتىملىق تۇغۇت تەكشۈرۈش تەۋسىيە قىلىنغان ۋاقىت: ھامىلىدار بولغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دوختۇرغا كۆرۈنۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

 

2. ھامىلىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالى

بۇ مەزگىلدە، پۈتۈنلەي يېڭى بىر ھاياتلىق ئۈن-تىنسىز شەكىللىنىۋاتىدۇ. ئەڭ دەسلەپكى ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن تارتىپ بالىياتقۇغا ئورۇنلاشقانغا قەدەر، ئاندىن تەرەققىي قىلىپ ھەقىقىي ھامىلىگە ئايلانغىچە بولغان ھەر بىر قەدەم ھاياتلىق مۆجىزىسىگە تولغان بولىدۇ. قېنى ئەمىسە، بىز بۇ باسقۇچتىكى ھامىلىنىڭ يېتىلىش جەريانىنى تەپسىلىي چۈشىنىپ باقايلى.

 

1) ھامىلىدارلىقنىڭ 1. ۋە 2. ھەپتىسى

  • ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ( تۆرەلمە ، ھامىلە ) نىڭ چوڭ-كىچىكلىكى : تەخمىنەن 0.1 مىللىمېتىر، يىڭنە ئۇچىدىن كىچىك بولىدۇ.
  • ھۈجەيرىنىڭ بۆلۈنۈشى : ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھۈجەيرىسى، ئىككىدىن تۆتكە، تۆتتىن سەككىزگە…. تېز سۈرئەتتە پارچىلىنىپ كۆپىيىدۇ.
  • توقۇلمىلارنىڭ شەكىللىنىشى : ئىچكى تۆرەلمە قەۋىتى، ئوتتۇرا تۆرەلمە قەۋىتى ۋە تاشقى تۆرەلمە قەۋىتى ھاسىل بولۇشقا باشلايدۇ.
  • مېدىتسىنا نامى : بۇ دەۋىرنىڭ ئىسمى تىببىي ساھەدە بىرىكمە مەزگىلى (Zygote Period) ۋە تۆرەلمە مەزگىلى (Blastocyst Period) دەپ ئاتىلىدۇ.

 

2) ھامىلىدارلىقنىڭ 3. ۋە 4. ھەپتىسى

  • تۆرەلمىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى : بۇ مەزگىلدە تۆرەلمە كۈنجۈت چوڭ-كىچىكلىكى (0.1 سانتىمېتىر) دىن يېشىل پۇرچاق چوڭ-كىچىكلىكى (0.2-0.4 سانتىمېتىر) گىچە تەرەققىي قىلغان بولىدۇ.
  • شەكىللەنگەن ئاساسىي ئەزالار : نېرۋا نەيچىسى (كەلگۈسىدىكى يۇلۇن ۋە چوڭ مېڭە) شەكىللىنىشكە باشلايدۇ.
  • بالا ھەمرىيىنىڭ يېتىلىشى : پەردە تىۋىتلىرى شەكىللىنىشكە باشلاپ، كەلگۈسىدىكى بالا ھەمرىيى ئۈچۈن ئاساس سالىدۇ.
  • يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسى : دەسلەپكى يۈرەك نەيچىسى شەكىللىنىپ قوزغىلىشقا باشلايدۇ (4-ھەپتە ئاخىرىدا جىنسىي يولنى B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا كۆزەتكىلى بولىدۇ).
  • تېببىي ئاتالغۇلار : تۆرەلمە بىخى مەزگىلى (Embryonic Period) باشلىنىدۇ.

 

تۆرەلمىنىڭ يېتىلىش ئابىدىسى

  • بىرلەمچى ئۈچەي تۆرەلمىسى شەكىللىنىدۇ. (3-ھەپتىسىدە)
  • نېرۋا قاتلىمى شەكىللىنىدۇ. (3-ھەپتىسى ئاخىرىدا)
  • يۈرەك نەيچىسىنى شەكىللىدۇ. (4-ھەپتىسىدە)
  • بەدەن بۆلىكى شەكىللىنىدۇ. (4-ھەپتىسىدە)

 

 

ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ئۆزگىرىشلەر

يېڭى ھاياتلىق بەدىنىڭىزدە پەيدا بولغاندا، بەدىنىڭىزمۇ بىر قاتار ئاجايىپ ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ. بۇ ئۆزگىرىشلەر گەرچە بەزى بىئاراملىقلارنى ئېلىپ كەلسىمۇ، لېكىن ھەر بىر ئۆزگىرىش يېڭى ھاياتلىق ئۈچۈن گۈزەل شاھىتى دەپ چۈشىنىش كېرەك.

 

ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئالامەتلەر

ئاساسىي ئالامەتلەر

  • ھەيز كېچىكىش.
  • كۆكسى چىڭقىلىش (ئېمىتىش ئۈچۈن تەييارلىقىنىڭ دەسلەپكى باشلىنىشى ھىساپلىنىدۇ.)
  • ھارغىنلىق تۇيغۇسىنىڭ كۆپىيىشى (پىروگېستېرون سەۋىيەسىنىڭ ئېشىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك).
  • كىچىك تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىش (ھورمون تەڭپۇڭسىزلىقى ۋە بالىياتقۇدىكى دەسلەپكى ئۆزگىرىشلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.)

بىئارام بولۇش ئالامەتلىرى

  • كۆڭلى ئېلىشىش ئەھۋاللىرى كۆۈلىدۇ. (ئەتىگەندە تېخىمۇ روشەن بولۇشى مۇمكىن)
  • مۈگدەش، ھېرىش. (ھورمۇننىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ)
  • كەيپىياتىدىكى داۋالغۇشلار كۆرۈلۈشكە باشلىنىدۇ.
  • بەزى پۇراقلارغا زىيادە سەزگۈر بولۇشقا باشلىنىدۇ.

بەدەن ئۆزگىرىشى

  • كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بەدەن تېمپېراتۇرىسى 37 گىرادۇستىن يۇقىرى بولىدۇ.
  • جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى كۆپىيىدۇ.
  • تېرە ھالىتى ئۆزگىرىشى مۇمكىن.
  • بەل قىسمى ئازراق سىرقىراپ ئاغرىش كۆرۈلىدۇ.

 

دادىلار قوللانمىسى

قەدىرلىك دادىلار، ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، سىزنىڭ ئائىلىدىكى رولىڭىز ۋە ھەر قايسى جەھەتتىكى قوللىشىڭىز ئايالىڭىز ۋە ھامىلىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم. بۇ باسقۇچتا، سىز جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىڭىز كېرەك. ئەمىسە سىز تەييار بولدىڭىزمۇ؟

1. پىسخىكىلىق تەييارلىقلار

1) دادىلىق رولىغا كىرىش

  • پات ئارىدا دادا بولىدىغان بۇ يېڭى سالاھىيەتنى قوبۇل قىلىشقا تەييارلىق قىلىڭ.
  • بالا بېقىش بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە باشلاڭ.
  • تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەييارلىققا ئاكتىپ قاتنىشىشقا باشلاش كېرەك.
  • ئائىلە تۇرمۇش پىلانىڭىزغا ئەمدى يېڭى ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش كېرەك.

2) ھېسسىيات جەھەتتىن قوللاش

  • ئايالىنىڭ كەيپىياتىدىكى داۋالغۇشنى چۈشىنىش ۋە كەڭ قورساق بولۇشنى ئۆگىنىش كېرەك.
  • كۈندىلىك تۇرمۇشتا ۋە ھەرقايسى نۇقتىلاردا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە مۇھەببەتنى كۆپرەك ئىپادىلەش كېرەك.
  • ئامال بار ھەر قېتىملىق دوختۇرخانىدىكى تۇغۇت تەكشۈرۈشىگە ھەمراھ بولسا بەك ياخشى بولىدۇ.
  • بىرلىكتە ھامىلىدارلىق جەريانىنى خاتىرىلەپ مېڭىش ئۇنتۇلغۇسىز بىر ئەسلىمە بولۇپ قالىدۇ.

 

2. ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن قوللاش

1) ئائىلىگە ۋە تۇرمۇشقا كۆڭۈل بۆلۈش

  • ئائىلە ئىشلىرىنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىشقا تىرىشىڭ. مەسىلەن قاچا قۇچا يۇيۇش، كۆرپە يوتقان يىغىش ، ئۆي تازىلاش ….
  • ئوزۇقلۇق يېمەكلىكىنى تەييارلىغاندا ياردەم قىلىڭ، ھەتتا سىز تەييارلاڭ.
  • ياخشى ئارام ئېلىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىڭ.
  • ھەرىكەت قىلىش ۋە سەيلە قىلىشتا ھەمراھ بولۇشقا تىرىشىڭ.

2) ساغلاملىق جەھەتتىن تەييارلىقلار

  • ئايالىڭىز ھامىلىدار بولغاندا، سىزنىڭ ھاراق تاماكا قاتارلىق يامان ئىللەتلەرنى تاشلاشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى ھېساپلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئايالىڭىزنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر قىلىشى مۇمكىن. (تاماكا ئىس تۈتەك ئايالىڭىزغا تەسىر قىلىدۇ، ھاراق ئىچىپ مەست بولسىڭىز، ئائىلىنىڭ ئىناقلىقىغا تەسىر يېتىدۇ.)
  • سىرتتىن بۇلغىما ياكى يۇقۇملىنىش مەنبەلەرنى ئېلىپ كېلىشتىن ساقلىنىڭ.
  • سىز ۋە ئايالىڭىزنىڭ ئارام ئېلىش رىتىمىغا دىققەت قىلىڭ. چۈنكى سىزگىمۇ ئاز تولا ئارام لازىم ، بولمىسا ئايالىڭىزغا ياخشى قارىيالمايسىز.
  • ئايالىڭىزنىڭ زىيانلىق ۋەيا خەتەرلىك مۇھىت بىلەن ئۇچرىشىش نىسبىتىنى ئازايتىشقا تىرىشىڭ.

3) بىلىم زاپىسىنى كېڭەيتىش

  • ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ھەر قايسى باسقۇچلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىشقا تىرىشىڭ.
  • جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە باشلاڭ.
  • ئاساسىي ئوزۇقلۇق بىلىملىرىنى ئاز تولا ئۆگىنىڭ.
  • تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى بىلىۋېلىڭ.

 

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىشلار

ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى پۈتكۈل ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئىنچىكە ئاسراشقا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان باسقۇچلارنىڭ بىرى. بۇ ۋاقىتتا تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەڭشەپلا قالماي، يەنە ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بەزى ئامىللاردىن ساقلىنىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.

كۈندىلىك تۇرمۇش

1. دەم ئېلىش ۋاقتىنى تەڭشەش

  • ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش (8-9 سائەت ئۇخلاش تەۋسىيە قىلىنىدۇ)
  • چۈشلۈك دەم ئېلىشنى مۇۋاپىق ئۆتكۈزۈش (30 مىنۇتتىن 60 مىنۇتقىچە تەۋسىيە قىلىنىدۇ)
  • تۈنەشتىن ساقلىنىش
  • قائىدىلىك دەم ئېلىش

2. مۇھىتقا دىققەت قىلىش

  • سىر، خىمىيەلىك بۇيۇملار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك
  • تاماكا چېكىش مۇھىتىدىن يىراق تۇرۇش كېرەك
  • ئۆي ئىچىنىڭ ھاۋاسىنى ساقلاش كېرەك
  • مۇۋاپىق دەرىجىدە ئىسسىق تۇتۇش

3. ھەرىكەت تەكلىپى

  • ھەر كۈنى مۇۋاپىق ھالدا 20-30 مىنۇت سەيلە قىلىش كېرەك
  • ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە يېنىك يوگا ئىشلەش
  • قاتتىق ھەرىكەت قىلىش ۋە ئېغىر يۈك كۆتۈرۈشتىن ساقلىنىش كېرەك
  • ھەرىكەت سىجىللىقىغا دىققەت قىلىش

زۆرۈر تەكشۈرۈش تۈرلىرى

بىرىنچى قېتىملىق تۇغۇت تەكشۈرۈشى ئانا ۋە تۆرەلمىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى چۈشىنىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھامىلىدار بولغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، تۇنجى قېتىملىق تۇغۇت تەكشۈرۈشىنى تېزدىن ئېلىپ بېرىپ، ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىكى ساقلىقنى ساقلاشقا ياخشى ئاساس سېلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

تۇنجى قېتىملىق تۇغۇت تەكشۈرۈش تۈرى

1. ئاساسىي تەكشۈرۈش

  • قان تەكشۈرۈش (قان ئازلىق ئەھۋالىنى چۈشىنىش)
  • سۈيدۈك تەكشۈرۈش (سۈيدۈكتە ئاقسىل ۋەيا ياللۇغ بار يوقلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ)
  • قان تىپىنى تەكشۈرۈش (كەلگۈسىدە تۇغۇشقا تەييارلىق قىلىش)
  • جىگەرنىڭ ئىقتىدارى
  • قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى

 

2. ئالاھىدە تەكشۈرۈش

  • قان Beta HCG سەۋىيىسىنى ئۆلچەش (قان تەكشۈرۈش قىلغاندا بىللە ئېلىپ بېرىلىدۇ. )
  • B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا ھامىلدارلىقنى دەسلەپكى مەزگىلىدە تەكشۈرۈش، گەرچە بۇ ئايدا ئۇلترائاۋازلىق تەكشۈرۈشتە ئانچە ئېنىق شەكىللەرنى كۆرەلمىسىمۇ، ئەمما يەنىلا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىپ بالىياتقۇنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى باھالىنىدۇ.
  • B تىپلىق جىگەر ياللۇغى، سىفلىس، ئەيدىز كېسىلى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

 

ئارخىپ تۇرغۇزۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ماتېرىيال تەييارلاش

  • كىملىك: كىملىكىڭىزنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ياكى كۆپەيتىلگەن نۇسىخىسىنى يېنىڭىزغا ئېلىۋېلىشقا كۆنۈڭ. پەيقۇلئادە دوختۇرخانىغا بارىدىغان چاغلاردا كېرەك بولۇپ قالىدۇ.
  • كېسەللىك تارىخى ماتېرىيالى: ئەگەر ھامىلىدار بولۇشتىن بۇرۇن بەزى كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بولسا، ۋەيا ھېلىھەم داۋالاش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسا، شۇ كېسەللىكنىڭ بارلىق ماتېرىياللىرىنى يىغىپ قويۇشنىڭ پايدىسى بولىدۇ.

 

دوختۇرخانا ۋە دوخۇر تاللاشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئەڭ ئاز دىگەندە 3-4 قېتىم بەزىدە ھەر ئاي ھەتتا ئاخىرقى ۋاقىتلاردا ھەر ھەپتىدە دوختۇرخانىغا بېرىشقا توغرا كېلىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بىر ياخشى شارائىتى بولغان، مۇنتىزىم نوپۇزلۇق ئاياللار تۇغۇت دوختۇرىدا ئىزچىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ھامىلىدارنىڭ ۋە ھامىلىنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا ھازىردىن باشلاپ ئەتراپىڭىزدىكى دوختۇرخانىلارنى ۋە ئاياللار دوختۇرىنى ياخشى ئىزدىنىشىڭىز كېرەك.

  • دوختۇرخانىنىڭ دەرىجىسىگە دىققەت قىلىڭ، ۋە دۆلەت خاراكتىرلىك ۋەيا شەخسىي خاراكتېرلىك نۇقتىسىدىنمۇ ئويلىشىڭ.
  • قاتناش قولايلىقلىقى جەھەتتىنمۇ دىققەت قىلىڭ قويۇڭ.
  • ئاياللار كېسەللىكلىرى ۋە تۇغۇت بۆلۈمىدىكى دوختۇر مۇتەخخەسىسلەر توغرىلىق ئىزدىنىپ بېقىڭ.

 

ئوزۇقلۇق قوللانمىسى

مۇۋاپىق ۋە يېتەرلىك ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ھامىلىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، بەزى ھالقىلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.

زۆرۈر ئوزۇقلۇق ماددىلار

1. فولىك كىسلاتاسى (يوپۇرماق كىسلاتاسى) folic acid

  • كۈندىلىك ئىھتىياج: 400 مىكروگىرام
  • مەنبە: قېنىق يېشىل كۆكتات، پۇرچاق، قاتتىق پوستلۇق مېۋە قاتارلىقلار.
  • تولۇقلاش تەكلىپى:ھامىلىدارلىققا تەييارلىق قىلىشتىن باشلاپ ھامىلىدار قېلىشتىن بىر ئاي بۇرۇن باشلاپ، ھامىلىدارلىقتىن كېيىنكى ئۈچ ئايغىچە داۋاملاشتۇرۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بۇ ۋىتامىن بوۋاقنىڭ مېڭە ۋە ئومۇرتقىسىنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە پايدىلىق.

 

2. ئاقسىل ماددىسى

  • كۈندىلىك ئېھتىياج:ھەر كىلوگرام بەدەن ئېغىرلىقى 1.5 گىرام.
  • مەنبە: گۆشلەر، بېلىق، تۇخۇم، سۈت مەھسۇلاتلىرى.
  • دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: يۇقارىدا تىلغا ئېلىنغان ئوزۇلۇقلارنىڭ يېڭى بولۇشىغا دىققەت قىلىڭ.

 

3. تۆمۈر ماددىسى

  • مەنبە: قىزىل گۆش، پالەك، يەر ياڭىقى
  • پايدىسى: قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
  • ۋىتامىن C نى ماسلاشتۇرۇپ قوللانغاندا تۆمۈر ماددىسىنىڭ ئۈنۈملۈك سۈمۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ.

 

غىزالىنىش تەكلىپى

1. ھامىلىدارلارنىڭ غىزالىنىش پىرىنسىپى

  • ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم غىزالىنىش كېرەك.
  • سۇيۇق-سەلەڭ تاماقلار ئاسان ھەزىم بولىدۇ.
  • ئوزۇقلۇق يېمەكلىكلەرنىڭ يېڭى بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
  • تاق تۈردىكى يېمەكلىكنى كۆپ ئىستىمال قىلماستىن، بەلكى ئوزۇقلۇق تۈرىنىڭ مول ، سەرخىل، رەڭگارەڭ بولۇشىغا دىققەت قىلىڭ.

2. يېمەكلىك تاللاش

  • ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل: بېلىق، راك، ئورۇق گۆش، يېزا توخۇلىرى تۇخۇمى قاتارلىقلار.
  • يېڭى مېۋە-چېۋىلەر: قېنىق رەڭلىك كۆكتات، پەسىلگە ماس كېلىدىغان مېۋە-چېۋىلەر.
  • ئەلا سۈپەتلىك ياغ:  زەيتۇن مېيى ياخشى بىر تاللاشتۇر.

 

كۆپ ئۇچرايدىغان سوئال جاۋابلىرى

1. سوئال: قاچان بىرىنجى قېتىملىق B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز تەكشۈرۈشى قىلسا بولىدۇ؟

ھەيز توختاپ 6-7 ھەپتە بولغاندا تۇنجى قېتىم B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ھامىلىنىڭ يۈرىكىنى كۆزەتكىلى بولىدۇ. ئەگەر قان چىقىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ئالدىن دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

2. سوئال: دەسلەپكى مەزگىلدە يېنىك دەرىجىدە قان چىقسا نورمال بولامدۇ؟

بەزى ھامىلىدارلاردا ، ئادەت چېغىدىكى قان مىقتارىغا ئوخشىمىغان ئاز مىقداردىكى تامچىسىمان قاناش كۆرۈلۈشى مۇمكىن. گەرچە بۇ كۆپىنچە ھامىلىدارلارنىڭ باشلىنىش مەزگىلىدە نورمال بولسىمۇ، لېكىن ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ دىياگنوز قويۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئەگەر قورساق ئاغرىش ياكى كۆپ مىقداردا قان چىقىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

3. سوئال: ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە بولامدۇ؟

ئالدىنقى ئۈچ ئايدا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك تەۋسىيە قىلىنىدۇ، چۈنكى بۇ ھامىلە ئەزالىرىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ھالقىلىق مەزگىل، شۇنداقلا بويىدىن ئاجراپ كېتىش كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل.

4. سوئال:  خىزمەتنى تەڭشەش كېرەكمۇ، يوق؟

ھامىلىدار خانىملار داۋاملىق نورمال خىزمەت قىلىشقا بولىدۇ، لېكىن تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك :

  • زىيادە چارچاشتىن ساقلىنىش كېرەك.
  • ئېغىر نەرسىلەرنى يۆتكىمەسلىك كېرەك.
  • مۇۋاپىق ئارام ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
  • زىيانلىق مۇھىتتىن يىراق تۇرۇش كېرەك.

 

ئاخىرقى سۆز

قەدىرلىك ئاتا-ئانىلار، ھامىلىدار بولغان تۇنجى ئايلىق سەپەر بەلكىم سىلەرگە بىر ئاز ئەندىشە ۋە خاتىرجەمسىزلىك ھېس قىلدۇرۇشى مۇمكىن، لېكىن ئېسىڭىزدە بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى يېڭى ھاياتلىقنى بارلىققا كەلتۈرۈش جەريانىدىكى گۈزەل ئىزلار. بولغۇسى ئانىلارنىڭ ھەربىر ئۈلۈش بەرداشلىق بېرىشى ۋە دادىسىنىڭ ھەر بىر ئۈلۈش بەدەل تۆلىشى بوۋاقنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زور پايدىسى بولىدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك.

ھەربىر بولغۇسى ئاتا-ئانىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلىشىڭلار بىلەن، ھامىلىدارلىق مەزگىلىڭلارنى چوقۇم ساغلام، كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزىدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن. بارلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ، يېڭى ھاياتلىقنى كۈتۈۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

ھامىلىدار جەريانىدىكى باشقا ئايلارنىڭ مەزمۇلىرىنى تۆۋەندىكى ئادرىسلاردىن تاپالايسىز:

ئاي ئاي ھامىلىدارلىق سەھىپىسى

تۇغۇت ۋاقتى مۆلچەرلىگۈچ ماشىنىسى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
2
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ