ھامىلىدارلىقنىڭ يەتتىنچى ئايلىق كۆرسەتمىسى: بەدەندىكى ئۆزگىرىشلەر، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ۋە تەكلىپ پىكىرلەر
ھامىلىدارلىقنىڭ يەتتىنچى ئېيىنىڭ باشلىنىشى سىزنىڭ ھامىلىدارلىقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەزگىلگە يەنى ئۈچىنچى ھامىلىدارلىق (Third Trimester) مەزگىلىگە ئوڭۇشلۇق كىرگەنلىكىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ مەزگىل ھامىلىنىڭ تېز يېتىلىشىدىكى مۇھىم باسقۇچ بولۇپلا قالماي، يەنە تۇغۇشقا تەييارلىق قىلىدىغان ھالقىلىق مەزگىل. بىز بۇ ئايدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ھەر قايسى تەرەپلەرنى تەپسىلىي چۈشىنىپ باقايلى.
مۇندەرىجە
1. ھامىلىدارلىقنىڭ 7-ئاي ھەققىدە ئومۇمىي تونۇشتۇرۇلۇش
2. ھامىلىنىڭ يېتىلىش تەپسىلاتى
3. ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ئۆزگىرىشلەر
4. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىشلار
5. ئوزۇقلۇق يېمەك-ئىچمەك قوللانمىسى
6. تەكشۈرۈش تۈرلىرى
7. تۇغۇت تەييارلىقى
8. جىددىي ئەھۋاللار ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرى
9. تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە رىتىمىنى تەڭشەش تەۋسىيىلىرى
10. پىسخىكا ساغلاملىقىنىڭ مۇھىملىقى
11. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەۋسىيىلىرى
12. ھامىلە تەربىيىسى پىلانى
13. بولغۇسى دادىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى
14. خىزمەت تەڭشەش تەكلىپى
15. 7-ئايغا بولغان ئاخىرقى گۈزەل تېلەكلىرىمىز
ھامىلىدارلىقنىڭ 7-ئاي ھەققىدە ئومۇمىي تونۇشتۇرۇلۇش
ھامىلىدارلىقنىڭ 7-ئىيى تەخمىنەن 28-ھەپتىدىن 31-ھەپتىگىچە داۋاملىشىدۇ، بۇ 3-ھامىلىدارلىق مەزگىلىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ مەزگىلدە ھامىلىنىڭ تۈرلۈك فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارى كۈندىن-كۈنگە پىشىپ يېتىلىدۇ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى كۆرۈنەرلىك تېزلىشىدۇ. بولغۇسى ئانىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، قورساق قىسمىنىڭ داۋاملىق چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بەزى يېڭى بىئاراملىق تۇيغۇسى پەيدا بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە بەدەن جەھەتتىن تېخىمۇ كۆپ تەڭشەش ۋە ماسلىشىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇمۇ تۇغۇت ئۈچۈن تەييارلىق قىلىدىغان مۇھىم مەزگىل.
ۋاقىتنى ھېسابلاش
كالېندار ۋاقتى : ھامىلىدار بولغاندىن كېيىنكى 7-ئاي.
ھامىلىدار بولۇش ھەپتىسىنىڭ دائىرىسى : 28-ھەپتىدىن 31-ھەپتىگىچە.
مۇھىم بەلگە : ھامىلىدارلىقنىڭ ئۈچىنچى مەزگىلنىڭ (Third Trimester) نىڭ باشلىنىش دەۋرى.
تۆۋەندىكى ئادرىستىنمۇ ھامىلىدارلىق كۈن، ھەپتىسى ۋە ئايلارنى ، تۇغۇت ۋاقتىڭىزنى ھېساپلاپ مۆلچەرلىيەلەيسىز:
https://dohturlar.com/sinaq/tughut.php
ھامىلىنىڭ يېتىلىش تەپسىلاتى
1) ھامىلە بەدەننىڭ تەرەققىي قىلىشى
يەتتىنچى ئايدا ھامىلىنىڭ يېتىلىشىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھامىلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 35-36 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 900-1000 گىرام ئەتراپىدا بولىدۇ. تېرە ئاستى مېيى داۋاملىق يىغىلىپ، بەدەننى تېخىمۇ تولغان، تېرىنى قىزىل ۋە پارقىراق قىلىدۇ. چاچ داۋاملىق ئۆسۈپ، تىرناق ئۇچ قىسىمىغىچە سوزۇلىدۇ. بۇ مەزگىلدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان تەرەققىيات ئۆزگىرىشى ھەرقايسى ئەزالار سىستېمىسىنىڭ يەنىمۇ پىشىپ يېتىلىشىدۇر.
2) نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشى
چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشى ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا قەدەم قويۇپ، مېڭىنىڭ قايتىش ئېرىقچىسى داۋاملىق كۆپىيىپ، نېۋرون (نېرۋا ھۈجەيرىلىرى) لار ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىدۇ. بۇ مەزگىلدىكى ھامىلە تېخىمۇ كۆپ چىراي ئىپادىسى چىقىرالايدىغان بولۇپ، سىرتقى غىدىقلاشقا بولغان ئىنكاسى تېخىمۇ روشەن بولىدۇ. كۈندۈز-كېچە رىتىمى شەكىللىنىشكە باشلاپ، بىر قەدەر قانۇنىيەتلىك بولغان ئۇيقۇ-ئويغىنىش دەۋرى پەيدا بولىدۇ.
3) نەپەس سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشى
ئۆپكىنىڭ يېتىلىشى مۇھىم باسقۇچقا يېتىپ، ئۆپكە يۈزى ئاكتىپ ماددا (Surfactant) ھاسىل قىلىپ، تۇغۇلغاندىن كېيىن مۇستەقىل نەپەس ئېلىشقا تەييارلىق قىلىدۇ. ھامىلە نەپەس ئېلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارىدۇ، باش سۈيىنى سۈمۈرىدۇ ۋە چىقىرىدۇ، بۇ خىل مەشىق ئۆپكىنىڭ يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم.
4) ھەزىملىنىش سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشى
ھەزىم قىلىش سىستېمىسى يەنىمۇ پىشىپ يېتىلىپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى تېخىمۇ كۈچىيىپ، بىر قىسىم ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ھەزىم قىلالايدىغان بولىدۇ. جىگەر داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ، بەلگىلىك مېتابولىزم ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ. ھامىلە تۆمۈر ۋە باشقا مىنېرال ماددىلارنى ساقلاشقا باشلاپ، تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىدۇ.
ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ئۆزگىرىشلەر
1) بەدەن شەكلى ئۆزگىرىشى
ھامىلىدارلارنىڭ يەتتىنچى ئايدىكى بەدەن شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشى تېخىمۇ روشەن بولۇپ، بالىياتقۇنىڭ ئاستى قىسمى قوۋۇرغىنىڭ تۆۋەنكى گىرۋىكىگە يېتىپ، قورساق ئايلانمىسى داۋاملىق چوڭىيىدۇ. بۇ ئايدىكى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشىنى 3-3.5 كىلوگىرام ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق بولغان بولىدۇ. قورساق قىسمى يوغىناپ، ئېغىرلىق مەركىزى داۋاملىق يۇقىرىغا سۈرۈلگەنلىكتىن، تەڭپۇڭلۇققا تەسىر يېتىشى مۇمكىن، يول مېڭىش قىياپىتىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىشى مۇمكىن، بەزىدە بۇنى ئۆردەك مېڭىشمۇ دەپ قويىدۇ.
2) بىئارام بولۇش ئالامەتلىرى
بالىياتقۇنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ :
- نەپەس قىيىنلىشىش: بالىياتقۇ يوغىناپ ، ئۈستى ئۆپكە تەرەپكە بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ ۋە دىيافراگما مۇسكۇلىنى بېسىۋالغانلىقتىن نەپەس قىيلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
- بەل-دۈمبە ئاغرىقى: ئېغىرلىق مەركىزىنىڭ ئۆزگىرىشى ئومۇرتقىنىڭ تېخىمۇ چوڭ بېسىمغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
- ئۇخلاش قىيىن بولۇش: راھەت ئۇخلاش ھالىتىنى تېپىش تەس بولىدۇ.
- ئوشۇق ، پۇت قىسىم سۇلۇق ئىششىقى: بولۇپمۇ ئىسسىق ھاۋا ياكى ئۇزاق ئۆرە تۇرغاندىن كېيىن تېخىمۇ روشەن بولىدۇ.
- قەۋزىيەت: ھورمۇننىڭ ئۆزگىرىشى ۋە بالىياتقۇنىڭ تۆۋەن ئۈچەي يوللىرىنى بېسىۋېلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
- گېموروي: ئىلگىرى گېموروي كېسىلى بارلارنىڭ ھامىلىدار قالغاندىن كېيىنكى قەۋزىيەت سەۋەبىدىن ئېغىرلىشىشى مۇمكىن.
3) فىزىيولوگىيەلىك ئۆزگىرىش
بۇ مەزگىلدە ھامىلىدار ئانىلارنىڭ بەدىنىدە تۆۋەندىكىدەك بەزى يېڭى فىزىيولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلىدۇ :
- ئەمچەك بەلكىم تۇنجى ئانا سۈتىنى ئاجرىتىپ چىقىرىشقا باشلىشى مۇمكىن.
- ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئاستىلايدۇ.
- قان ئايلىنىش يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
- بوغۇم تارىمۇشى تېخىمۇ بوشىشىپ ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. بەزىدە چىڭ دەسسەپ ماڭمىغاندا پۇت قايرىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىشلار
1) بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇش
بۇ مەزگىلدىكى بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم :
- ھەر ھەپتىدە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشىنى 500 گرام ئەتراپىدا كونترول قىلىش كېرەك.
- يېمەك-ئىچمەكنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا دىققەت قىلىش، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك
- بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئۆزگىرىشىنى قەرەللىك خاتىرىلەشكە ئادەتلىنىش لازىم.
- ئەگەر بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى بەك تېز ياكى بەك ئاستا بولسا، ۋاقتىدا دوختۇردىن مەسلىھەت سوراش كېرەك.
2) تەنھەرىكەت يېتەكچىلىكى
بەدەن ئەھۋالىغا ئاساسەن ھەرىكەت ئۇسۇلىنى تەڭشەش كېرەك :
- داۋاملىق مۇۋاپىق سەيلە قىلىش، لېكىن ۋاقىتنى مۇۋاپىق دەرىجىدە كونترول قىلىش كېرەك.
- ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە يېنىك گىمناستىكا ئىشلەش ۋە پەي سوزۇش ھەرىكىتى ئىشلەش پايدىلىق.
- قاتتىق ھەرىكەت قىلىشتىن ۋە ئاسان يىقىلىپ چۈشىدىغان ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
- ھەرىكەت قىلغاندا تەڭپۇڭلۇق ۋە بىخەتەرلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
3) پىسخىكىلىق تەڭشەش
تۇغۇت ۋاقتىنىڭ تەدرىجىي يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، تۆۋەندىكى بەزى تەشۋىشلىنىش كەيپىياتلىرى پەيدا بولۇشى مۇمكىن :
- تۇغۇت جەريانىغا بولغان ئەندىشە.
- بالا بېقىش ئىقتىدارىغا بولغان گۇمان.
- بەدەن ئۆزگىرىشىگە ماسلىشالماسلىق.
- كەيپىياتىدىكى داۋالغۇش چوڭىيىدۇ.
ئوزۇقلۇق يېمەك-ئىچمەك قوللانمىسى
ھامىلىدارنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجى
- كۈنىگە تەخمىنەن 450-500 كالورىيە قوشۇمچە ئېنىرگىيە لازىم.
- يېمەكلىك تۈرلىرىنىڭ كۆپ خىللىقىغا دىققەت قىلىش لازىم.
- مىقتارى ئاز-ئازدىن ئەممە قېتىم سانى كۆپ غىزالىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك.
- تاتلىق يېمەكلىكلەر ۋە يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئازراق ئىستىمال قىلىش كېرەك.
نۇقتىلىق ئوزۇقلۇقلار
ئاقسىل
- كۈندىلىك ئېھتىياج مىقدارى: 85 گىرامدىن 100 گىرامغىچە بولىدۇ.
- ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل مەنبەلىرى: ئورۇق گۆش، بېلىق، تۇخۇم، سۈت مەھسۇلاتلىرى
- يېمەكلىك ماتېرىيالىنىڭ يېڭىلىق دەرىجىسىگە دىققەت قىلىش
- تاماق ئېتىش ئۇسۇلى دۈملەپ پىشۇرۇشنى ئاساس قىلىدۇ
تۆمۈر
- تۆمۈر ماددىسىنىڭ پايدىسى: قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
- كۈندىلىك ئېھتىياج: 27-30 مىللىگىرامغىچە بولىدۇ.
- تۆمۈر ماددىسى مەنبەسى: قىزىل گۆش، ھايۋانات جىگىرى، قېنىق يېشىل كۆكتاتلار
- ۋىتامىن C نى ماسلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلسا، تۆمۈر ماددىسىنىڭ ئۈنۈملۈك سۈمۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ
تەكشۈرۈش تۈرلىرى
يەتتىنچى ئايدىكى تۇغۇت تەكشۈرۈش تېخىمۇ كۆپ ۋە مۇھىم بولۇپ، ئادەتتە ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم تەكشۈرۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
دائىملىق تەكشۈرۈشتە، دوختۇر قان بېسىمىنىڭ ئۆزگىرىشىگە نۇقتىلىق دىققەت قىلىپ، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى يۇقىرى قان بېسىمنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەدەن ئېغىرلىقىنى خاتىرىلەش ۋە بالىياتقۇ تېگىنىڭ ئېگىزلىكىنى ئۆلچەش ئارقىلىق ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئەھۋالىنى چۈشىنىش كېرەك. ھامىلە يۈرىكىنى كۆزىتىش ۋە سۈيدۈك تەكشۈرۈش بۇ مەزگىلدە كەم بولسا بولمايدىغان تۈر بولۇپ، يوشۇرۇن ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا بايقىيالايدۇ.
ئالاھىدە تەكشۈرۈش جەھەتتە، بۇ ئاي ئاياللار تۇغۇت دوختۇرى تەۋسىيىسى ئاستىدا، گىلۇكوزىغا چىدامچانلىق سىنىقى ( OGTT test ) ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن.
تۇغۇت تەييارلىقى
يەتتىنچى ئاي كىرگەندىن بۇيان، تۇغۇت ئۈچۈن سىستېمىلىق تەييارلىق قىلىدىغان ۋاقىت كەلدى. ئالدى بىلەن تۇغۇتقا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، پۈتكۈل تۇغۇت جەريانىدا دۇچ كېلىش ئېھتىمالى بولغان ھەر خىل ئەھۋاللارنى چۈشىنىش كېرەك.
ئوخشاش بولمىغان تۇغۇت ئۇسۇلىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكىنى چۈشىنىش، ئاغرىقنى پەسەيتىدىغان ھەر خىل ئۇسۇللارنى ئۆگىنىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۇغۇتتىن كېيىنكى پەرۋىش توغرىسىدا ئاساسىي تونۇشقا ئىگە بولۇش كېرەك. بۇ بىلىملەرنىڭ زاپىسى سىزنىڭ تۇغۇلغاندا سوغۇققان بولۇشىڭىزغا ۋە ئىشەنچىڭىزنى ساقلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.
ماددىي تەييارلىق جەھەتتە، تۇغۇتنى كۈتۈپ تۇرۇش سومكىسى ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بۇيۇملىرىنى تەييارلاشقا بولىدۇ.
تۇغۇت خالتىسىدا بالنىتسىدا يېتىش مەزگىلىدە ئېھتىياجلىق بولغان شەخسىي بۇيۇملار، كىيىم-كېچەك ۋە زۆرۈر بولغان گۇۋاھنامە ماتېرىياللار بولۇشى كېرەك.
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بۇيۇملىرى كىيىم-كېچەك، زاكا، پەرۋىش بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ بۇيۇملارنى ئالدىن تەييارلاش سىزنى خاتىرجەم قىلىپلا قالماي، تۇغۇت ئالدىدا پايپېتەك بولۇپ قېلىشتىن ساقلايدۇ.
جىددىي ئەھۋاللار ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرى
يەتتىنچى ئايدا بەزى جىددىي ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئالاھىدە ھوشيار بولۇش كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە ھەر قانداق دەرىجىدىكى جىنسىي يولدىن قان چىقىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، بولۇپمۇ قورساق ئاغرىقى بىلەن قاناش ئوخشاش بىر ۋاقىتتا كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
ئەگەر سائىتىگە 4-5 قېتىمدىن ئارتۇق تولغاق كۆرۈلسە ياكى سىجىل خاراكتېرلىك قورساق چىڭقىلىش سېزىمى بولسا، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ تەكشۈرتۈش كېرەك.
قورساقتىكى ھامىلە ھەرىكىتىنىڭ بىنورمال ئۆزگىرىشىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك، مەيلى كۆرۈنەرلىك ئازايسۇن ياكى ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك بولسۇن، ھەممىسىگە دىققەت قىلىش كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە بەزى خەتەرلىك سىگناللارغا دىققەت قىلىش كېرەك، مەسىلەن، تۇيۇقسىز باش ئاغرىش، كۆرۈش قۇۋۋىتى غۇۋالىشىش، يۈز ياكى پۇت-قول تۇيۇقسىز ئىششىش، داۋاملىق قاتتىق قۇسۇش ياكى قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلگەن ھامان دەرھال مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىش كېرەك.
ئەگەر قان چىقسا، دەرھال تۈز يېتىپ ئارام ئېلىش، ئەڭ ياخشىسى سول تەرەپنى بېسىپ يېتىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قان چىقىش ۋاقتى، مىقدارى ۋە خاراكتېرىنى خاتىرىلەپ، جىنسىي يولدىن چىققان توقۇلمىلارنى ساقلاش ھەمدە ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
ئەگەر تولغاق كۆرۈلسە، قاتتىق ھەرىكەتتىن ساقلىنىش، ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىش، تولغاق قېتىم سانىنى خاتىرىلەش، زۆرۈر تېپىلغاندا دوختۇردىن ياردەم سوراش كېرەك.
تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە رىتىمىنى تەڭشەش تەۋسىيىلىرى
ئۇخلاش ئۇسۇلى ۋە رىتىمى: سول تەرەپنى بېسىپ يېتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، بۇ خىل قىياپەت قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، بالىياتقۇنىڭ چوڭ قان تومۇرلارغا بولغان بېسىمىنى ئازايتىدۇ. ھامىلىدار ياستۇقىنى ئىشلەتكەندە قورساق ۋە دۈمبىسىنى ياخشى تىرەپ، راھەت ئۇخلاش ھالىتىنى تېپىشقا ياردەم بېرىدۇ.
قائىدىلىك دەم ئېلىش: ۋاقتىنى ساقلاشمۇ ئىنتايىن مۇھىم، ئۇخلاش سۈپىتىگە تەسىر يېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇخلاشتىن بۇرۇن كۆپ سۇ ئىچىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
شەخسىي تازىلىقنى ساقلاش: بۇ مەزگىلدە ئىنتايىن مۇھىم. چات ئارىلىقىنىڭ پاكىزلىقى ۋە قۇرغاقلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، دائىم ئىچ كىيىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك. ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ، چۈنكى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئاسانلا چىش مىلىكىدە مەسىلە كۆرۈلىدۇ.
مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش بەدەننىڭ ئىقتىدارىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ، لېكىن سىجىللىقى مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك.
ئۆي مۇھىتى جەھەتتە، ئۆي ئىچىنىڭ شامال ئۆتۈشۈشى، تېمپېراتۇرا ۋە نەملىكى مۇۋاپىق بولۇشى، تېيىلىشتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا زىيانلىق ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
پىسخىكا ساغلاملىقىنىڭ مۇھىملىقى
تۇغۇت مۆلچەر ۋاقتىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ھامىلىدار ئانىلارنىڭ پىسخىكا بېسىمى تەدرىجىي ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتا بەزى ئارام ئېلىش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىۋېلىش ناھايىتى پايدىلىق، مەسىلەن، چوڭقۇر نەپەس ئېلىش مەشىقى ياكى مېڭىنى ئارام ئالدۇرىدىغان مۇزىكا ۋەيا لىكسىيە ئاڭلاش.
ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن ياخشى پىكىر ئالماشتۇرۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم، ئۆزىڭىزنىڭ غەم-ئەندىشىسى ۋە خۇشاللىقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولالايسىز.
ھامىلىدار ئاياللار ئۆزئارا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسىغا قاتناشسا، سىز باشقا ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغان ئاياللارنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كەچۈرمىشى بارلىقىنى تونۇپ يېتىسىز، بۇ خىل تەسەللى تۇيغۇسى پىسخىكا جەھەتتە ئورتاقلىق ئېلىپ كېلىدۇ. مۇۋاپىق كىشىلىك ئالاقە پائالىيىتىنى ساقلاشمۇ ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاشقا پايدىلىق.
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەۋسىيىلىرى
بۇ مەزگىلدە، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم.
- ھامىلىدارلىقتىكى دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يېمەك-ئىچمەكنى كونترول قىلىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، قانۇنىيەتلىك ھەرىكەت ئادىتىنى ساقلاش، قاندىكى قەنت مىقدارىنى قەرەللىك كۆزىتىش كېرەك.
- ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، تۇزنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى چەكلەشكە دىققەت قىلىش، قانۇنىيەتلىك دەم ئېلىش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، كەيپىياتنىڭ بەك چوڭ داۋالغۇشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
- قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئاساسلىقى تۆمۈر تەركىبى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى تولۇقلاش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ۋىتامىن C نى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇپ، تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك، زۆرۈر تېپىلغاندا دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە تۆمۈر دورىسى تولۇقلاش كېرەك.
ھامىلە تەربىيىسى پىلانى
يەتتىنچى ئايدىكى ھامىلە تەربىيەسى تېخىمۇ سىستېمىلىق ۋە مول بولىدۇ.
- ئاۋاز ئارقىلىق غىدىقلاش جەھەتتە، يۇمشاق پاراڭلىشىش، مۇڭلۇق مۇزىكا، ھېكايە سۆزلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھامىلە بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.
- تېگىش سېزىمى بىلەن غىدىقلىنىشنى قورساقنى يېنىك سىلاش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، قورساقنى ئۇۋۇلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.
- ھامىلىنىڭ ھەرىكەت ئىنكاسىنى كۆزىتىشكە دىققەت قىلىپ، ھامىلىنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى چۈشىنىش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىيات ئالاقىسىنى ياخشىلاپلا قالماي، يەنە بىنورمال ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا بايقىغىلى بولىدۇ.
بولغۇسى دادىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى
بۇ مەزگىلدە، دەل دادىنىڭ رولى بارغانسېرى مۇھىم بولۇشقا باشلايدۇ.
تۇرمۇشتا كۆيۈنۈش جەھەتتە، بولغۇسى ئانىلارنىڭ كۈندىلىك پائالىيەتلىرىنى تاماملىشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بېرىش، راھەت تۇرالغۇ مۇھىتى يارىتىش، تۇغۇت تەكشۈرۈشىگە ھەمراھ بولۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بالا بېقىش بىلىملىرىنى پائال ئۆگىنىش كېرەك.
پىسخىكا جەھەتتىن قوللاش جەھەتتە، ئاڭلاش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، بولغۇسى ئانىلارنىڭ تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىپ، يېڭى ھاياتلىقنى كۈتۈۋېلىشقا ئورتاق تەييارلىق قىلىش كېرەك. ھامىلە پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئەر-خوتۇنلۇق ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە دادىغا ئاتا بولۇش مەسئۇلىيىتى ۋە خۇشاللىقىنى ئالدىن ھېس قىلدۇرىدۇ.
خىزمەت تەڭشەش تەكلىپى
بۇ ئايدا يەنىلا خىزمەت قىلىۋاتقان ئانىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ مەزگىلدە خىزمەت تەڭشەش ئىنتايىن مۇھىم.
خىزمەت مۇھىتى جەھەتتە، ئۇزاق ئولتۇرۇشتىن ياكى ئۇزاق ئۆرە تۇرۇشتىن ساقلىنىش، توغرا بولغان خىزمەت قىياپىتىنى ساقلاشقا دىققەت قىلىش، مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىش، زىيانلىق مۇھىتتىن يىراق تۇرۇش كېرەك.
خىزمەت سىجىللىقىنىمۇ مۇۋاپىق تەڭشەش كېرەك، خىزمەت مىقدارىنى ئازايتىشنى، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشتىن ساقلىنىشنى، ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە دىققەت قىلىشنى ئويلاشسا بولىدۇ.
بۇ مەزگىل يەنە ئىدارە بىلەن تۇغۇت دەم ئېلىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋاپىق پەيتى، شۇڭا خىزمەتنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئۆتكۈزۈۋېلىش قاتارلىق ئىشلارنى ئويلىشىشقا بولىدۇ.
سىز تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ ھامىلىدار ئاياللارغا بېرىلىدىغان ئىمتىيازلاردىن تولۇق پايدىلىنىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
7-ئايغا بولغان ئاخىرقى گۈزەل تېلەكلىرىمىز
يەتتىنچى ئاي ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى، ئۆزى ۋە ھامىلىنىڭ سالامەتلىكىگە دىققەت قىلىپلا قالماي، يەنە يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان تۇغۇت ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق قىلىش كېرەك. گەرچە بۇ مەزگىلدە ھەر خىل بىئاراملىق ۋە ئۆتكەللەرگە دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن ئىلمىي تەڭشەش ۋە تولۇق تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق، چوقۇم ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كېتەلەيمىز.
يۇقارىدا تەييارلانغان تەپسىلىي مەزمۇنلار سىزنىڭ يەتتىنچى ئايدىكى ئۆزگىرىشنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىڭىزگە ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشىڭىزغا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئېسىڭىزدە بولسۇن، يالغۇز جەڭ قىلمايۋاتىسىز، ئائىلىڭىزدىكىلەر ۋە دوختۇرلار تور بېكىتىدىكى ھەربىر تىببىي خادىملار سىزنىڭ كۈچلۈك ئارقا تېرىكىڭىز. ھەر بىر بولغۇسى ئانىنىڭ ساغلام، تىنچ ھامىلىدارلىق مەزگىلىگە ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز!
ھامىلىدار جەريانىدىكى باشقا ئايلارنىڭ مەزمونلىرىنى تۆۋەندىكى ئادرىسلاردىن تاپالايسىز:
تۇغۇت ۋاقتى مۆلچەرلىگۈچ ماشىنىسى