ئانا سەھىپەخانىم قىزلارھەپتە ھەپتە ھامىلىدارلىقھامىلىدارلىقنىڭ 2-ھەپتىسى: تۇخۇم چىقىرىش ھەپتىسى

ھامىلىدارلىقنىڭ 2-ھەپتىسى: تۇخۇم چىقىرىش ھەپتىسى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ھامىلىدارلىقنىڭ 2-ھەپتىسى: تۇخۇم چىقىرىش ھەپتىسى

2-ھەپتە، بۇ ھەپتە ھامىلە بولۇش ئەمەس، بەلكى پىشقان تۇخۇمنىڭ ئۇرۇقلىنىشقا تەييارلىقى پۈتكەن دەۋرى ھىساپلىنىدۇ. ئادەت باشلىنىپ 14-كۈندە (بەزىلەردە 13 ۋەيا 15 كۈندە) تۇخۇم پۈۋىكى يېرىلىپ، ئىچىدىن پىشقان تۇخۇم چىقىدۇ. تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنى بويلاپ بالىياتقۇغا قاراپ ئىلگىرلەيدۇ. ئەمما بالىياتقۇ ئىچىگە كىرمەيدۇ. مۇشۇ تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ئىچىدە ئەرلەردىن كەلگەن ئۇرۇقنى ساقلايدۇ.

بۇ جەرياندا ئاياللىق ھورمون ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىپ پۈۋۋەكچە يېرىلغاندىن كېيىن، ئاستا ئاستا تۆۋەنلەيدۇ. ئاندىن ھامىلدارلىق ھورمون ئاستا ئاستا يۇقىرىلايدۇ.

ئەگەر يېرىلىپ چىققان پىشقان تۇخۇم ئۇرۇق بىلەن بىرلىشەلىسە، ئۇرۇقلىنىش مۇۋەپپەقىيەتلىك يۈزبەرگەن ھىساپلىنىدۇ. ئەگەر ئۇرۇق بىلەن بىرلىشەلمىسە، بۇ تۇخۇم ئاستا ئاستا يىگىلەپ كېتىدۇ ۋە كېلەركى ئايدىكى ئادەت ھەيز قېنى بىلەن بەدەندىن ئېقىپ چىقىپ كېتىدۇ. بۇ بەدەنگە ناچار تەسىر قىلمايدۇ.

كۆپىنچە ھامىلدار ئانىلار ئۆزىنىڭ ھامىلىدارلىقىنى بىلمەيدۇ. ئەمما بۇ جەرياندا بەدەندە ئۈنسىز ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ ۋە بۇ ئۆزگىرىشلەر بارا بارا روشەنلىشىشكە باشلايدۇ.

 

ھامىلدار بولۇپ 2 ھەپتە بولغاندا نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ؟

بوۋىقىڭىزنىڭ قورسقىڭىزدا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن، بالىياتقۇڭىزدا ئۇنىڭغا سەھنە ھازىرلاپ بەردىڭىز.

ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە قېنىڭىزدا ئېستروگېن ۋە پروگېستىننىڭ كۆپىيىشى ئارقىلىق بالىياتقۇنى غىدىقلاپ، ئىچكى دىۋارىنى قان تومۇر بىلەن مول، ساغلام، يېڭى بىر كارىۋات قىلىپ تەييارلىدى.

تۇخۇم پۈۋىكىدىن يېرىلىپ چىققان تۇخۇم، تۇخۇم نەيچىسىگە يىتىپ بارىدۇ.

كەلگۈسى 12-24 سائەت ئىچىدە ، يولدىشىڭىزنىڭ 250 مىليون ئىسپېرمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنى سۇيۇقلۇقى جىنسىي يولىغا كىرىپ ئاندىن بالىياتقۇ بوينىغا، ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ بالىياتقۇغىچە ئۈزۈپ بارىدۇ. بۇ يەردىن يەنە ئۈستىگىراق ئۈزۈپ مېڭىپ تۇخۇم نەيچىسىگە بېرىپ شۇ يەردىكى تۇخۇم بىلەن ئۇرۇقلىنىشقا تىرىشىدۇ. ئەگەر بۇ كۈچلۈك ئىسپېرما مۇۋەپپەقىيەت قازانسا ، بۇ تۇخۇم ئۇرۇقلىنىدۇ. بۇ سەپەر جەريانىدا ، ئەڭ باشتىكى 250 مىليون ئىسپېرمىدىن تەخمىنەن پەقەت 400 تانە ئىسپېرما ھايات قالىدۇ ، ۋە بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك جانلىقى تۇخۇمغا سىڭىپ كىرەلەيدۇ.

كەلگۈسى 30 سائەت ئىچىدە ، ئىسپېرما ۋە تۇخۇمنىڭ ھۈجەيرە يادروسى بىرىكىپ گېن ماتېرىيالىمۇ بىرلىشىدۇ. ئەگەر ئىسپېرما Y خروموسومىنى ئېلىپ يۈرسە، بالىڭىز ئوغۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۇ X خروموسومىنى ئېلىپ يۈرسە ، سىزدە بىر قىز بولىدۇ. يەنى سىزنىڭ كەلگۈسىدىكى بالىڭىزنىڭ جىنسىي، جىنسىي مۇناسىۋەت بولغاندىن كېيىن، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھامىلدار بولسا، 30 سائەت ئىچىدە مۇقىملىشىپ كېتىدۇ.

تۇخۇمداندىن بالىياتقۇغىچە بولغان 3-4 كۈنلۈك مۇساپىسىدە ، ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ، يەنى زىگوت 16 ئوخشاش ھۈجەيرىگە بۆلىنىدۇ. بالىياتقۇ ئىچىگە كەلگەندىن كېيىن ، زىگوت مورۇلا (16-32 ھۈجەيرە ھالىتى) دەپ ئاتىلىدۇ. 1-2 كۈندىن كېيىن ، ئۇ بالىياتقۇدا شەكىللەنگەن قەۋەتكە ئورۇنلىشىدۇ، بۇنى بەزىدە كارىۋتقا جايلىشىشمۇ دەپ قويىمىز.

بۇ باسقۇچتا ، سىزنىڭ يېتىلىۋاتقان بالىڭىز پەقەت كىچىككىنە بىر ھۈجەيرە توپى بولۇپ ، تىببىي تىلدا خالتىلىق تۆرەلمە دەپ ئاتايدۇ.

خالتىلىق تۆرەلمىنىڭ ئىچى سۇيۇقلۇق بىلەن تولغان كاۋاك شەكىلدە بولۇپ ، بىر ئىنچىكە پەردە بىلەن ئىككىگە بۆلۈنۈپ، كېيىنكى ھەپتىلەردە بالا ھەمرىيى ۋە تۆرەلمىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەمما بۇ ھەپتىدە تۆرەلمە تېخى شەكىللەنمەيدۇ.

 

بەدىنىڭىزدە قەدەممۇ-قەدەم قانداق ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ؟

ھامىلىدار بولۇش ئەمەلىيەتتە 38 ھەپتە بولىدۇ، ئەمما دوختۇرلار تۇخۇم بىلەن ئىسپېرمىنىڭ بىرلىشىشنىڭ ئېنىق ۋاقتىنى بىلەلمىگەچكە ، ئاخىرقى ئادىتىڭىزنىڭ بىرىنجى كۈنىدىن باشلاپ تۇغقانغا قەدەر، ھامىلدارلىق مەزگىلىنى 40 ھەپتە دەپ ھىساپلايدۇ. شۇڭلاشقا ، ئۇرۇقلىنىش يۈز بەرگەندە، تىببىي نۇقتىسىدىن قارىغاندا سىز ھامىلدارلىقنىڭ 2-ھەپتىسىدە دەپ قارىلىدۇ.

ھامىلدار بولۇش ئۈچۈن توغرا ۋاقىتتا توغرا جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇش ئىنتايىن مۇھىم. تۇخۇم چىقىرىشتىن 72 سائەت بۇرۇن ۋە تۇخۇم چىقارغاندىن كېيىنكى 24-48 سائەتكىچە جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولسىڭىز، ھامىلدار قىلىش ئىھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. بۇ ئادەتتە ئادەت باشلىنىپ 13-16 كۈنلىرى ئارىسىغا توغرا كېلىدۇ.

جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھامىلدار قالسىڭىز، 7-10 كۈندىن كېيىن قاندا ھەم كىچىك تەرەتتە ھامىلدارلىق ھورمونى (بېتا خ ج گ Beta-HCG) يۇقىرىلاشقا باشلايدۇ. شۇڭا، قان ۋەيا كىچىك تەرەت تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھامىلدار چىقسا، سىز بۇ چاغدا ئەڭ ئاز دىگەندە 3 ھەپتىلىك ھامىلدار ھىساپلىنىسىز.

بۇ ھەپتىدە ئۇلترائاۋازلىق تەكشۈرۈشتە تۆرەلمىنى تېخى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئەڭ ئاز دىگەندە 5-6 ھەپتىسىگىچە ساقلاش كېرەك.

 

ھامىلدار بولۇپ 2 ھەپتە بولغاندا قانداق ئالامەتلەر بار؟

بۇ ھەپتىدە، كۆپىنچە ھامىلدار ئاياللار ھىچ بىر ئۆزگىرىشلەرنى ھىس قىلماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى ئۇرۇقلىنىشنىڭ باشلىنىش دەۋرىدە، ھورمون سەۋىيىسدە چوڭ بىر ئۆزگىرىشلەر بولمىغاچقا، بەدەندىمۇ ھىچ قانداق بىر كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەر ھىس قىلغىلى بولمايدۇ. پەقەت ناھايىتى ئاز بىر قىسىم ئاياللاردا تۆۋەندىكى ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن:

  1. جىنسىي يولىدا كىچىك پارچە شەكىلدە قاناش.
  2. بەل ئاغرىش ۋە تارتىشىش.
  3. قورساق قىسمى چىڭقىلىش.
  4. ئادەت ۋاقتىدا كەلمەسلىك.
  5. كەيپىياتتا داۋالغۇش.
  6. باش ئاغرىقى.
  7. كىچىك تەرەت كۆپىيىش.
  8. كۆڭلى ئاينىش.
  9. ئاجىزلىق ، ھارغىنلىق ، ئۇخلاش ئىستىكى كۆپىيىش.
  10. كۆكسىدە نازۇكلۇق، سېزىمچان بولۇش.
  11. پۇراققا بولغان سەزگۈرلۈك ئېشىش.
  12. ئېغىزدىكى ئوخشىمىغان تەم پەيدا بولۇش.

 

2 ھەپتىلىك تۆرەلمە قانداق شەكىلدە بولىدۇ؟

2-ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ئىچىدىكى ھۈجەيرە بۆلۈنۈپ كۆپىيىدۇ، ئەمما تۆرەلمە بوۋاق شەكلى تېخى بولمايدۇ. تۆرەلمە ھېلىھەم كىچىك، يۇمىلاق ھۈجەيرە شەكلىدە بولىدۇ. ئۇلترائاۋاز تەكشۈرۈشتە نەدە ئىكەنلىكى ئېنىق بىلگىلى بولمايدۇ. 2 ھەپتىلىك بوۋاقنىڭ ئېغىرلىقى ۋە بوي ئېگىزلىكىمۇ نامەلۇم بولىدۇ ئەلۋەتتە. جىنسى گېن جەھەتتىن بېكىتىلگەن بولسىمۇ ئەمما ھازىرچە بىلگىلى بولمايدۇ. بىر نەچچە ھەپتە ساقلىشىڭىز مۇمكىن.

 

ھامىلدار بولۇپ 2 ھەپتە بولغاندا ئاغرىق بارمۇ؟

بەزى ھامىلىدار ئانىلار ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى ھەپتىسىدە قورساق قىسمى ئاغرىش ۋە ئاغرىشنى ھېس قىلىشى مۇمكىن. بۇ ئاغرىقلار بەدەن ھامىلىدار بولۇشقا ئادەتلەنگەنلىكتىن ، تۇخۇم چىقىرىش يۈز بەرگەن قىسمىدا كۆرۈلىدۇ. ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدان تۇخۇمداندىن بالىياتقۇغا بارىدۇ. بۇ ئاغرىقلار ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ بالىياتقۇغا كۆچۈپ يەرلەشكىنىنىڭ بەلگىسى بولۇشى مۇمكىن. ھامىلىدارلىق ھورمۇنىنىڭ ئېشىپ كېتىشى سەۋەبىدىن بەدەننىڭ بۇ ئۆزگىرىشكە ماسلىشىش ئىقتىدارى ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئايلىرىدا ئاغرىق پەيدا قىلىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن ، باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاغرىق ھېس قىلىنىشى مۇمكىن. بۇنداق مەسىلە كۆرۈلگەندە ، ئاغرىقنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن دوختۇردىن مەسلىھەت سوراش كېرەك.

 

ھامىلدار بولۇپ 2 ھەپتە بولغاندا قان قىممىتى قانداق بولۇشى كېرەك؟

ھامىلدار ئانىغا قىلىنغان قان تەكشۈرۈشىدە ، ھامىلدارلىق بار-يوقلۇقى Beta HCG ھورمۇنى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ھامىلدارلىق ھورمۇنى دەپ ئاتالغان Beta HCG ھورمۇنىنىڭ قىممىتى ھامىلىدار بولمىغان ئايالدا 0-10 مىللىمېتىر / مىللىمېتىر ئارىسىدا بولىدۇ. Beta HCG قىممىتى 10 مىللىلېتىردىن يۇقىرى بولسا، بۇ كىشى ھامىلىدار بولۇش ئىھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. ئۇرۇقلانغاندىن كېيىنكى 6-كۈندىن كېيىن ئۆرلەيدىغان Beta HCG ھورمۇنى ئالدى بىلەن قاندا ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن سۈيدۈكتە كۆپىيىدۇ. ھامىلىدار بولۇپ 2 ھەپتە بولغاندا ، Beta HGC قىممىتى 50-500 ئارىلىقىدا بولىدۇ.

 

2 ھەپتىلىك ھامىلىدارلارغا تەۋسىيە:

  1. دوختۇرىڭىز بىلەن كۆرۈشۈڭ: سىز يولدىشىڭىز بىلەن بىللە ھامىلدار قېلىشنى پىلانلىدىڭىز ۋە بىللە بولدىڭىز، ئەمما ھازىر ھېلىھەم ئۆزىڭىزنىڭ ھامىلدار بولۇپ بولمىغانلىقىنى بىلەلمەيسىز. شۇڭلاشقا ، بىرىنچى قەدەم دوختۇر بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى ھامىلدارلىق بولۇش ۋە جەريانىنىڭ ساغلام ئىلگىرىلىشى ۋە يوشۇرۇن خەۋىپلەرنى ئېنىقلاش ئۈچۈن قەرەللىك ھالدا دوختۇرنىڭ تەكشۈرتۈشىگە بېرىشقا سەل قارىماسلىق كېرەك.
  2. ساغلام غىزالىنىڭ: ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ساغلام ئوزۇقلىنىش ئىنتايىن مۇھىم. دەسلەپكى ھەپتىلەردە ، بوۋاق تېخى ئەمدى تۆرەلمە پۈۋەكچە شەكىل بولۇپ بالىياتقۇغا جايلىشىش ۋە چوڭىيىشىغا ئوزۇقلۇق لازىم بولىدۇ. شۇڭلاشقا ، يوپۇرماق كىسلاتاسى قاتارلىق مۇھىم ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېمەكلىكنى تاللاڭ. تەڭپۇڭ ۋە كۆپ خىل يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق بالىڭىزنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە تۆھپە قوشۇڭ.
  3. تاماكا چېكىش ۋە ھاراقنى تاشلاش: تاماكا چېكىش ۋە ھاراق ئىچىش ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ساقلىنىش كېرەك. بۇ مەزگىلدە بۇ زىيانلىق ماددىلارنىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشى بالىڭىزنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
  4. دائىملىق چېنىقىش: ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىمۇ رېتىملىق ، ھامىلدارلارغا پايدىلىق ۋە خاس بولغان چېنىقىش تۈرلىرىنى قىلغىلى بولىدۇ. ئەمما قانداقلا بولمىسۇن ، يېڭى چېنىقىش پروگراممىسىنى باشلاشتىن بۇرۇن دوختۇردىن مەسلىھەت سوراش كېرەك.
  5. بېسىمدىن ساقلىنىڭ: بېسىم ۋە تەشۋىش ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئانا ۋە بوۋاققا تەسىر كۆرسىتىدىغان سەلبىي ئامىللاردۇر. چۈنكى بۇ خىل كەيپىياتلار بەدەندىكى ھورمونلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھامىلدارلىققا تەسىر يېتىپ قېلىشى مۇمكىن.
  6. دورا ئىشلىتىش مەسىلىسىگە دىققەت قىلىڭ: ھامىلدارلىق قېلىشتىن بۇرۇن مۇنتىزىم دورا ئىشلىتىۋاتقانلار، ئادەت تەڭشەش دورىلىرى ئىشلىتىۋاتقانلار، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىشلىتىۋاتقانلار ۋە باشقا ھەرقانداق تۈردىكى دورا ئىشلىتىۋاتقانلار، مەيلى ھامىلدار قېلىشنى خالاڭ ياكى خالىماڭ، يولدىشىڭىز بىلەن بىللە بولغاندا چوقۇم دىققەت قىلىڭ. ئەگەر دورا ئىشلىتىش بىلەن بىرگە ھامىلدار قالغانلىقىڭىزدىن شۈبھىلەنسىڭىز، دوختۇرىڭىز بىلەن كۆرۈشۈپ يۈزتۇرانە مەسلىھەت ئېلىڭ. دوختۇر بىلەن كۆرۈشكەندە دورىلارنى يېنىڭىزغا ئېلىۋېلىڭ.
  7. ساغلام ئۇخلاش قىلىپى: يېتەرلىك ۋە سۈپەتلىك ئۇخلاش ھامىلىدارلىقىڭىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم. ئۇخلاش ھالىتىڭىزگە دىققەت قىلىڭ ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھارغىنلىق ھېس قىلغاندا ئارام ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
  8. سۇ سەرپىياتى: سۇنى كۆپ ئىچىش سىز ۋە تۆرەلمە بوۋىقىڭىزنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. كۈنىگە ئاز دېگەندە 8-10 ئىستاكان سۇ ئىچىشكە كاپالەتلىك قىلىڭ.
  9. يوپۇرماق كىسلاتاسى ئېلىش: دوختۇرىڭىزنىڭ تەۋسىيىسى بويىچە، يوپۇرماق كىسلاتاسىنى ھامىلدار قېلىشتىن بىر ئاي بۇرۇن باشلاپ، ھامىلدار قېلىپ 12-ھەپتىسى توشقىچە ئىشلىتىشى كېرەك. يەنى بۇ ئىككىنجى ھەپتىسىدىمۇ يوپۇرماق كىسلاتاسىنى ئىشلىتىۋاتقان بولۇشىڭىز كېرەك. ئەگەر ئىشلەتمىگەن بولسىڭىز ئىشلىتىشنى ھازىردىن باشلاڭ.

ھامىلدارلىقتا يوپۇرماق كىسلاتاسى ئىشلىتىش ئۈچۈن تەپسىلىي بىر پارچە ماقالە تەييارلىدۇق. قىزىقسىڭىز دېققىتىڭىز بۇ يەردىن كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ: « يوپۇرماق كىسلاتاسى ۋە ھامىلدارلىق »

ھامىلدارلىقنىڭ بىرىنجى ھەپتىسىدە قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىدىغانلىقنى بىلمەكچى بولسىڭىز، «ھامىلدارلىقنىڭ بىرىنجى ھەپتىسى: ئادەت، ھەيز ھەپتىسى» ماقالىمىزنى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.

ھامىلدارلىقنىڭ 1-ھەپتىسى: ئادەت ھەيز ھەپتىسى

estrogen ئاياللىق ھورمون
progesteron ھامىلدارلىق ھورمون
ovarian cyst 卵巢囊肿تۇخۇمدان ئىششىقى

تەييارلىغۇچى:
نۇرمەمەت دوختۇر
مەرھابا دوختۇر

مەنبە: دوختۇرلار تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
2
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-06-18

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-07-27 / 04:42:48

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

2 باھالار

  1. بىز بالا ئلىشنى ئويلشقانتۇق ،بالىمىزنىڭ قىز بۇلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز ، بۇنىڭغا توغرا بولغان ئادەت ياكى سەۋەپنى تەۋسىيە قىلسىڭىز ،قالغىنىغائاللاھقا دۇئا قىلىمەن ،ئىنشائاللاھ سەۋەپنىمۇ قىپ باقاي دىمەكچى، ئاندىن يۇپۇرماق كىسلاتا سىنى قاندا تۇلۇقلايمەن ،دورىنىڭ ئىسمىنى دەپبەگەن بولسىڭىز

    • ياخشىمۇسىز، قىز ياكى ئوغۇل جىنسنى ئالدىن بەلگىلەش ھازىرقى غەرىپ مېدىتسىناسىدا بىرەر ئىشەنچلىك، تەجرىبىدىن ئۆتكەن ئۇسۇل يوق. ئەمما ساغلام ھامىلدار قېلىش، تۆرەلمىنىڭ ساغلام يېتىلىشى، ۋە تۇغۇلۇشى ئۈچۈن يوپۇرماق كىسلاتاسى ئىستىمال قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. «يوپۇرماق كىسلاتاسى ۋە ھامىلدارلىق» توغرىسىدا تەپسىلىي بىر پارچە ماقالە تەييارلىدۇق. كۆرۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. ساغلام ئوماق بوۋاق تۇغۇلۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلىمىز.

      «يوپۇرماق كىسلاتاسى ۋە ھامىلدارلىق»
      https://dohturlar.com/yopurmaq-kislatasi-we-hamildarliq/

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ