ئۇيقۇ مۇتەخەسسىسلىرى يېقىندا مۇنداق بىر تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى:«ئادەم سائەتنىڭ قۇڭغۇراق ئاۋازى بىلەن ئويغىنىشقا ئادەتلىنىپ قالسا، ئۇنداقتا ئۇلاردا يۈرەك رىتىمى بۇزۇلۇش، كەيپىيات تۆۋەنلەش، قېنىپ ئۇخلىيالمىغاندەك بولۇپ قېلىش ۋە كاللىسى گاراڭلىشىش ئالامىتى كۆرۈلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، سائەت قۇڭغۇرىقىنىڭ ئاۋازى بەدەننىڭ قوغدىنىش كۈچىدە كۈچلۈك ئەكس تەسىر پەيدا قىلىپ، بەدەندىكى بۆرەك ئۈستى بېزى سۇيۇقلۇقىنى ئۆرلىتىۋېتىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن ئادەم يۇقىرى قان بېسىم، ئۇيقۇ مەسىلىلىرى ۋە دېۋەڭلىك كېسەللىكلىرىگە يېقىنلىشىپ قالىدىكەن».
مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى:«ئەگەر قاتتىق ئۇخلاۋاتقان ئادەم نېرۋىنى كۈچلۈك غىدىقلايدىغان ئاۋازنىڭ تۈرتكىسىدە چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتسە، ئۇنداقتا ئادەمنىڭ قىسقا ۋاقىتتا ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى، بىلىش كۈچى ۋە ھېسابلاش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرايدۇ، بۇ خىل سەلبىي تەسىر ئەڭ كۆپ بولغاندا %65 كە يېتىپ، دائىم مەست يۈرىدىغان ئادەملەر تارتىدىغان زىيانغا تەڭلىشىپ قالىدۇ».