ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرقۇلاق، بۇرۇن، بوغاز كېسەللىكلىرىھەر خىل تىپتىكى بۇرۇن ياللۇغى ۋە ئۇنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى

ھەر خىل تىپتىكى بۇرۇن ياللۇغى ۋە ئۇنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

1. جىددىي (ئۆتكۈر) خاراكتېرلىق بۇرۇن ياللۇغى

دەسلەپكى 1~2 كۈندە:

بىماردا پۈتۈن بەدەن بىئارامسىزلىنىش، تېنى شۈركىنىش، قىزىش، ئىشتىھاسى ياخشى بولماسلىق، باش ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇرۇن بوشلۇقى ۋە بۇرۇن-يۇتقۇنچاق قىسمى قورغاقلىشىپ، قىزىشىش تۇيغۇسى بولىدۇ، بۇرۇن ئىچى قىچىشىدۇ، كۆپ چۈشكۈرىدۇ؛

ئۆتكۈر (جىددىي) مەزگىلى 2~5 كۈندە:

ئەسلىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى ئېغىرلاپ كېتىدۇ. قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ بەدەن تىمپېراتورىسى 38 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بو لىدۇ، بالىلارنىڭ بەدەن تىمپېراتورىسى 39 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولىدۇ.

دائىم قىزىپ قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، باش قېيىش ھەتتا تارتىشىش (پۇت، قول، يۈزلەرنىڭ تارتىشىشى) قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

2. ئاستا (سوزۇلما) خاراكتېرلىق بۇرۇن ياللۇغى

ئۇزاق مۇددەتلىك ئارىلاپ-ئارىلاپ تۇتۇش ياكى ئالمىشىش خاراكتېرلىق بۇرۇن ئىتىلىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، باش قېيىپ، شىلىمشىق قويۇق سويۇقلۇقسىمان ماڭقا دائىم يۇتقۇنچاققا كىرىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، يۆتەل، بەلغەم پەيدا بولىدۇ.

 

3. سەزگۈر خاراكتېرلىق بۇرۇن ياللۇغى

ئاساسلىق كېسەللىك ئەھۋالى قوزغىلىشچان ئۈشكۈرۈش، سۈزۈك ماڭقا ئېقىش، بۇرۇن تۇتۇلۇپ قېلىش ۋە بۇرۇن قىچىشىش قاتارلىقلار. قىسمەن بىمارلاردا پۇراش سېزىمى چېكىنىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

 

4. ئاستا خاراكتېرلىق قېلىنلاش خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى

ئىككى بۇرۇن داۋاملىشىشچانلىق تۇتۇلۇپ قېلىش؛ پۇراش سەزگۈسى چېكىنىش؛ ماڭقا ئاز ئەمما چىقىرىۋېتىش قىيىن بولۇش؛ قۇلاق غوڭۇلداش، باش ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

 

5. قورغاقلىشىش خاراكتېرلىق بۇرۇن ياللۇشى

بۇرۇن ئىچى قورغاقلىشىپ، بۇرۇن بوشلۇقى ئاجراتمىلىرى ئازلايدۇ، بۇرۇن ئىچىدە قىچىشىش تۇيغۇسى بولىدۇ ياكى غەيرىي ماددىلار پەيدا بولۇپ قالىدۇ. دائىم ئۈشكۈرىدۇ، قىزىش تۇيغۇسى بولىدۇ، دائىم بىماردا بۇرنىنى كولاش قىلمىشى كۆرۈلىدۇ، ئاز مىقداردا بۇرۇندىن قان چىقىدۇ، پۇراش سەزگۈسى نورمال ئەمما چېكىنمەيدۇ.

 

6. يىگىلەش خاراكتېرلىق بۇرۇن ياللۇغى

نەپەس سېسىق بولۇش، بۇرۇن بوشلۇقىدىكى ئاجراتمىلار موللەكلىشىش، نەيچىسىمان يىرىڭ قاقىچى پەيدا بولۇپ، چىقىرىۋېتىش قىيىن بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر كۈچەپ چىقىرىۋەتكەندە، قان چىقىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

 

7. پىشلاقسىمان (ئېرىمچىكسىمان) بۇرۇن ياللۇغى

بۇ بىر خىل ئاز كۆرۈلىدىغان بۇرۇن ياللۇغى كېسەللىكى بولۇپ، كىلىنىكىلىق ئالامىتى بۇرۇن ئىچىدە ئېرىمچىكسىمان ماددىلا يىغىلىپ قالىدۇ، سېسىق پۇراق بولىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ يۇمشاق توقۇلمىلارنى ۋە سۆڭەك ماددىسىنى چىرىتىپ، بۇرۇن ئىچى ۋە سىرتىدە غەيرىيلىك پەيدا بولىدۇ. ئېرىمچىكسىمان ماددا تەركىبىدە بىر خىل چۈشۈپ كەتكەن ئېپىتېلىيە، بۇزغۇلغان ياكى ئۆلگەن توقۇلمىلار، يىرىڭسىمان ھۈجەيرە، خولېستېرىن جەۋھىرى ۋە زەمبۇرۇغسىمان مىكرو جانلىقلار بولىدۇ.

 

8. دورا خاراكتېرلىق بۇرۇن ياللۇغى

ئۇزاق مۇددە ھەر خىل بۇرۇن شىلىمشىق پەردىسىگە زەخمە يەتكۈزىدىغان بۇرۇن ياللۇغى دورىلىرىنى ياكى لازىر نۇر ئىشلەتكەندە، ئوپېراتسىيە قىلغاندا، بۇرۇن باشلۇقىنىڭ داۋاملىشىشچانلىق توسۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دائىم بۇرۇندىن قان چىقىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

 

مەنبە: لوقمان ھەكىم مىكروبلوگى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-05-06

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-05-06 / 09:04:00

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ