توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
كىشىلەر دائىم دەيدىغان ئىممۇنىتېت كۈچى ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆزىنى قوغداش مېخانىزمىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ ئادەم بەدىنى سىرتتىن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن بارلىق كېسەللىك قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزملارنى پەرقلەندۈرىدۇ ۋە يوقىتىدۇ.
ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرنى قىلىپ بەرسە بولىدۇ:
1. يېتەرلىك ئۇيقۇنى ساقلاش
ئۇزۇن مۇددەت تۈنەش ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئاسانلا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېتەرلىك ئۇخلاش جىسمانىي قۇۋۋەتنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، پۈتۈن بەدەننىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنى ئۇرغۇتىدۇ.
2. سامساق، لىموننى كۆپ يېيىش
مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، سامساقنى كۆپ ئىستېمال قىلىش بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق ئىكەن، يەنە يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن، چۈنكى سامساقنىڭ تەركىبىدە ۋىرۇسقا قارشى ۋە مىكروب ئۆلتۈرگۈچى بىرىكمىلەر بولۇپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ياردىمى بار ئىكەن، لىموننىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ئىممۇنىتېتنى تەڭشىگۈچى دورا بولالايدىكەن.
3. ھەرىكەت قىلىش
بىر تۈرلۈك دوكلاتىدا بايقىلىشىچە ھەرىكەت ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئايلىنىشىنى تېخىمۇ تېزلىتىپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ كېسەللىكنى بايقاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن، ھەرىكەت يەنە ئادەم بەدىنىدىكى مۇسكۇللارنىڭ كۆپەيتىدىكەن. بەدەن ساغلام بولۇش شەرتى ئاستىدا، بىز ھەر ھەپتىدە بەش كۈن، ھەر قېتىمدا يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە ھەرىكەت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
4. ئاپتاپقا قاقلىنىش
ئاپتاپقا كۆپ قاقلانسا دائىم كۆرۈلىدىغان نەپەس يولى كېسەللىكلىرى ۋە تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنىڭ زىيىنىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00دا ياكى چۈشتىن كېيىن سائەت 16:00دە ئاپتاپقا قاقلىنىش كېرەك، ھەر قېتىم ئاپتاپقا قاقلىنىش ۋاقتى 30 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، بۇ ۋاقىتتا كۈن نۇرىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇر بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، تېرىنى زەخىملەندۈرۈشتىن ساقلايدۇ ھەمدە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم قىلىدۇ.
5. كۈلۈمسىرەپ تۇرۇش
تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، كۈلۈمسىرەش شۆلگەي ۋە قاندىكى ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسى ۋە ئانتىتېلانىڭ سانىنى ئاشۇرۇپ، پاراسىمپاتىك نېرۋىنى قوزغىتىپ، ئادرېنالىن (ئادەم بەدىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان بىر خىل ھورمۇن) سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىپ، ھارغىنلىقنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىدىكەن، بۇ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاكتىپ، ئۈمىدۋار روھىي ھالەت يەنە بېسىمنى يېنىكلىتىپ، ئۇيقۇنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تۇرمۇشتا بىز ئاكتىپلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئىدىيەلەرنى كۆپرەك ئۆزىمىزگە ھەمراھ قىلىپ، پاراڭلىشىش، كىتاب كۆرۈش ۋە ھەرىكەت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشىسەك بولىدۇ.
ئەگەر كىشىدە ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئۆزىنىڭ ناچار تۇرمۇش ئادىتىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، ئامال قىلىپ ئۆزىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/18018355.shtml