1. ۋاقتىدا كىچىك تەرەت قىلماسلىق . بالىلار ۋاقتىدا كىچىك تەرەت قىلمىسا ، ئاسانلا دوۋساق ياللۇغى بولۇپ قالىدۇ .
2. تىرنىقىنى چىشلەش . تىرناق تېگىدە نۇرغۇن مىكروب بولۇپ ، تىرناقنى چىشلىگەندە ، مىكروبلار ئېغىز ئارقىلىق بەدەنگە كىرىپ تۈرلۈك كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ .

3. كەچتە چىشىنى چوتكىلىماسلىق ، تاماق قالدۇقلىرى چىش ئارىلىقىغا ئۇزاق ۋاقىت تۇرۇپ قالسا ، چىشنى چىرىتىپ تۈرلۈك چىشكېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ .
4. تاماقنى بەك تۇزلۇق يېيىش . كىچىك بالىلار تۇزلۇق تاماقنى كۆپ ئىستېمال قىلسا ، بەدەنگە سۇ يىغىلىپ ، بۆرەكتە كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ ؛
5. دائىم كۆزنى ئۇۋۇلاش ؛ بۇنداق قىلغاندا قولدىكى مىكروبلار ئاسانلا كۆزگە كىرىپ كېتىپ ، كۆز كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ .
6 . تۈگۈلۈپ ئۇخلاش : بالىلاردىكى بۇ خىل يامان ئادەتئۇزاق داۋاملاشسا ، بەدەننىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ .
7 . چىشنى غۇچۇرلىتىش ، بالىلار چىشىنى دائىم غۇچۇرلاتسا ، ئۇلارنىڭ چىشى بوشىشىپ ،ئاسانلا چۈشۈپ كېتىدۇ ھەمدە باش ، بەل ، قۇلاق ئاغرىيدىغان بولۇپ قالىدۇ .