سىنك
锌
Zinc (Zn)
Çinko
سىنكنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى رولى ئىنتايىن چوڭ. ئادەم بەدىنىدىكى 70نەچچە خىل فېرمېنت سىنك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، سىنك ئاقسىل ۋە نوكلېن كىسلاتاسىنىڭ رولى ئارقىلىق ھۈجەيرىنىڭ ئايرىلىشى، ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە قايتا ئۆسۈشىنى تېزلىتىپ، يېتىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بالىلارغا مۇھىم ئوزۇقلۇق بولالايدۇ. سىنك يەنە مېڭە ئاستى بېزى ئاجرالمىلىرىنىڭ ئۆسۈش ھورمۇنى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، سىنك تولۇقلانغاندا بالىلارنىڭ بوي ئۆسۈشىنى تېزلىتىدۇ.
سىنك ئىشتىھا ۋە تېتىش سېزىمىنى نورماللاشتۇرىدۇ. ئادەملەر تىلنىڭ تەم سەزگۈسى ئارقىلىق ھەر خىل تەملەرنى تېتالايدۇ. بەدەندە سىنىك كەمچىل بولغاندا، ھۈجەيرىلەر تۆكۈلۈپ، تەم سەزگۈنى ئېتىۋېلىپ، تىلنىڭ تەم سېزەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
سىنك يۇتۇش ھۈجەيرىلىرىنىڭ مىكروبلارنى ئۆلتۈرۈشىنى تېزلىتىدۇ. سىنك كەم بولغاندا، تال ۋە كۆكرەك بېزى قاتارلىق ئىممۇنېتىت ئەزالىرىنىڭ ئېغىرلىقى %20تىن %40كىچە كېمىيىپ، ئىممۇنېتىت كۈچى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ. سىنكنىڭ يەنە يارا ئېغىزلىرىنى ساقايتىش رولىمۇ بار. بەزى ئېغىز يەللىكى، تىل يەللىكى بولۇپ قالغان بوۋاقلارغا سىنك تولۇقلىغاندا، يەللىكلەنگەن جاي تېزلا ساقىيىپ كېتىدۇ.