«ئىسترخا» ئەرەبچە سۆز بولۇپ ، «بوشاپ كېتىش»، ساڭگىلاپ كېتىش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ بەدەننىڭ سەزگۈ ۋە ھەرىكىتىنى ئىدارە قىلىدىغان مېڭە ياكى يۇلۇن ئەسەبلىرىنىڭ بىر ياكى بىر قانچە شاخچىسىغا زەخىم يېتىپ، بىر ياكى بىر قانچە ئەزانىڭ سېزىمى تامامەن يوقالغان ياكى سۇسلاشقان كېسەللىكىنى كۆرسىتىدۇ
كېسەللىك سەۋەبى: بۇ كېسەللىك ئومۇمەن ئىككى خىل چوڭ سەۋەبتىن بولىدۇ.
1) كېسىلىش، بېسىلىش، ئۇرۇلۇش، قاتارلىق سىرتقى زەخمىلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
2) ئەزالار خىزمىتى بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
كېسەللىك ئالامىتى: ئەگەر ئىستىرخا نېرۋىلار ئۈزۈلگەندىن بولغان بولسا، ئالامىتى يۇشۇرۇنراق بولىدۇ. لېكىن شۇ خىل ھادىسىدىن كېيىنلا ئەزا سۇسلىشىدۇ. ئەگەر ئۇرۇلۇش، سۇقۇلۇش ھادىسىسى سادىر بولۇپ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن يۈز بەرگەن بوشىشىش نېرۋىلاردا ئىششىش پەيدا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
نېرۋىلاردا ياللۇغلىنىش، ئىششىش سەۋەبىدىن بولغان ئىستىرخادا قىزىتما يۇقىرى، ئاغرىش كۈچلۈك بولىدۇ، سوغۇقتىن مىزاج بۇزۇلۇشتىن بولغان بولسا، ئاغرىق ۋە قىزتما تۆۋەنرەك بولىدۇ.