ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرجىددىي قۇتقۇزۇشمېڭىگە قان چۈشسە قانداق جىددىي قۇتقۇزۇش كېرەك

مېڭىگە قان چۈشسە قانداق جىددىي قۇتقۇزۇش كېرەك

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

مېڭىگە قان چۈشۈشنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ، ئادەتتە بۇ كېسەلنىڭ يۈز بېرىشى تېز، داۋالاش ۋاقتى قىسقا بولىدۇ. ئەگەر بىماردا مېڭىگە قان چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلسە، دەرھال 120 جىددىي قۇتقۇزۇش نومۇرىغا تېلېفون قىلىش كېرەك، ئاندىن تۆۋەندىكىدەك جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللانسا بولىدۇ:

بىمارنىڭ بېشىنى بىر تەرەپكە يانتۇ قىلىپ، بەدىنىنى تۈز قىلىپ ياتقۇزۇش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا بەلغەم، قۇسۇقلارنىڭ كانايغا كىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

بىمارنىڭ ياقىسى ۋە تاسمىسىنى دەرھال بوشىتىش كېرەك، بۇنداق قىلىش بىمارنىڭ راۋان نەپەسلىنىشى ۋە ھاۋا ئۆتۈشۈشىگە پايدىلىق، ھاۋارايى ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىسسىق ساقلاشقا ياكى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك.

ئەگەر بىمار ھوشسىزلانسا ھەمدە كۈچلۈك پۇشۇلدىغان ئاۋاز چىقارسا، بۇ تىل تۈۋىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ چاغدا قولياغلىق بىلەن بىمارنىڭ تىلىنى سىرتقا تارتىپ چىقىرىش كېرەك.

سوغۇق لۆڭگە بىلەن بىمارنىڭ بېشىنى ئوراپ قويۇشقا بولىدۇ، قان تومۇرلىرى سوغۇق بىلەن ئۇچراشقاندا تارىيىدۇ، بۇنىڭدا چۈشۈۋاتقان قان مىقدارىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

بىمار چوڭ-كىچىك تەرىتىنى تۇتالمايدىغان بولۇپ قالسا، جايىدىلا تازىلاش كېرەك، بىمارنى خالىغانچە يۆتكەشكە بولمايدۇ، بولمىسا مېڭىگە قان چۈشۈش ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.

قۇتقۇزۇش ماشىنىسى كېلىشتىن بۇرۇن بىمار بوغۇلۇپ قالسا، ئېغىز بوشلۇقىنى تازىلاپ، سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش كېرەك.

مېڭىگە قان چۈشۈش ئالامەتلىرىنى دەسلەپكى مەزگىلىدە بايقاش ئىنتايىن مۇھىم. مېڭىگە قان چۈشۈش ئالامەتلىرىگە دىققەت قىلغاندا، كېسەللىكنى بالدۇر بايقاشقا بولىدۇ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىمار ئۈستىدە داۋالاش ئېلىپ بارغاندا، كېسەللىك ئەھۋالىنى ۋاقتىدا كونترول قىلغىلى، مېڭىگە قان چۈشۈش سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىش ياكى مېيىپ بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

كوئىنلون تورى

مەسئۇل تەھرىر: گۈلمىرە

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-04-15

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-04-01 / 08:36:28

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ