1. جىنسىي ئالاقە جەريانىدا ئەرلەرگە يېتەرلىك لەززەت بولمىسا، باھ ئاجىزلىقىنىڭ سەۋەبى مېڭە كېسەللىكلىرىنىڭ سەۋەبىدىن ياكى مېڭىدە بىرەر نۇقسان بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
2. جىنسىي ئالاقە جەريانىدا تىترەش، يۈرەك ئېغىشتەك ئالامەتلەر يۈز بەرسە، كېسەللىك سەۋەبى يۈرەكتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
3. جىنسىي ئالاقە باشلىنىشتا زەكەرنىڭ تىكلىنىشى يېتەرلىك بولماي، جىنسىي ئالاقە جەريانىدا كۈچەيسە، كېسەللىك ەۋەبى ئۇرۇقداندا بولۇپ، ئۇرۇقداننىڭ ھۆللۈكى ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
4. زەكەر تىكلىنىپ جىنسىي ئالاقە باشلانغاندا بوشاپ كەتسە، كېسەللىك سەۋەبى نېرۋا، روھىي ئامىللار ھەم جىگەردە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
5. كۆڭۈلدە جىنسىي ئىنتىلىش ۋە قوزغىلىش ۋە زەكەردە تىكلىنىش بولماي تۇرۇپ، جىنسىي ھېسسىياتنىڭ قوزغىلىشى دەۋرىدە مەنىي چىقىپ كەتسە، بۆرەك ئاجىزلىقى، بەدەن ئاجىزلىقى ۋە ئىلگىرى نۇرغۇن قېتىم جىنسىي ئالاقە مەغلۇپ بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى