ئىككى جىنس ئوتتۇرىسىدا سۆز ، ھەركەت – قىلىق ۋە پائالىيەت دائىرىسى قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار پەرھىزلىك چەكلىمىلەرنىڭ تۇرغۇزۇلىشى ئەر -ئايال ئىككى جىنسىنىڭ بىر – بىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش بولۇپلا قالماستىن ، مۇھىمى ئەرلەر بىلەن ئاياللا
ناۋادا ئەرلەرنىڭ بارلىق ئەرلىك بەلگىلىرى ئېنىق بولسا ، ئاياللارنىڭمۇ بارلىق ئاياللىق ئىپادىلىرى ئېنىق بولسا بۇ خىل ھالەت مەدەنىيەت مۇھىتى ئىچىدە ئالقىشلاشقا تىگىشلىك ئىش سانالغاندىن باشقا يەنە ئەمەلىيەتتە ئاشۇنداق بەلگە ئالامەتلەرنىڭ ئوچۇق بولۇشى ، ئېنىق بولۇشى دەل ئەر – ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى پەرققە ئائىت پەرھىزلەر نىشانىدىن ئىبارەت . نىمە ئۈچۈن ئەر – ئاياللارنىڭ پەرقى شۇنچە كۆپ تەكىتلىنىدۇ ؟ بۇنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى دەل ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى جىنسىي ۋەسۋەسە ۋە ئېزىقتۇرۇشنى توسۇش ۋە چەكلەشتىن ئىبارەت .
بەدەننى يالىڭاچ قويۇشنى چەكلەش پەرھىزلىرى تامامەن دىگۈدەك جىنسىي ئېزىقىش – ئېزىقتۇرۇشنى توسۇش مەقسىتىدە بارلىققا كەلگەن .
ئۇنىڭدىن باشقا يۈرۈش – تۇرۇش ، سۆز – ھەرىكەت ، سەۋەبىدىن يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىقى بولغان جىنسىي ئېزىقىشنى توسۇش مەقسىتىدە بارلىققا كەلگەن پەرھىزلەرمۇ بار .
مىسال ئالساق ، ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن نۇرغۇن پائالىيەتلەردە ئەر – ئاياللارنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىنى چەكلىگەن . مەشرەپ قاتارلىق كئكڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا ئەر – ئاياللارنىڭ ئارىلاش ئىشتىراك قىلىشىنى ھىسابقا ئالمىغاندا ئادەتتىكى مېھماندارچىلىق، نەزىر ، ئۆلۈم مەرىكىلىرى …دە ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئايرىم خانىلەردە ئولتۇرىدۇ . ئالاھىدە زۈرۈرىيەتنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئەرلەر بىلەن ئاياللار بىر خانىدە ئولتۇرمايدۇ . ئىسلامىيەت شارائىتىدىكى پۈتۈن مەدرىسە ۋە خۇسۇسىي مەكتەپلەردىمۇ ئۇغۇل – قىزلار ئايرىۋېتىلىپ ، ئايرىم ئورۇندا دەرس ئالغان . قىزلار بلىەن ئوغۇللارنى ئايرىپ ئوقۇتۇش تاكى 20 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر داۋاملىشىپ كەلگەن . بۇنداق بولۇشنىڭ تۈپ سەۋەبى ئىككى جىنسنىڭ بىر – بىرىگە ئېزىقىشتا بولۇپ قېلىشىنى چەكلەشتىن ئىبارەت ئىدى .
ئۇيغۇرلار بىۋاسىتە تۇققان ھېسابلانمايدىغان ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ باشقا كىشىلەر بولمىغان ئەھۋاللاردا يالغۇز تۇرۇشى پەرھىزلىك ئىش ھېسابلىنىدۇ . بۇ ھەقتە << بىر ئەر بىلەن بىر ئايال يالغۇز تۇرغاندا ئۈچىنچىسى چوقۇم شەيتان بولىدۇ >> دېگەن گەپ بار ( پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى-تورغا يوللىغۇچىدىن ) . بۇ ئەرلەر بىلەن ئاياللار يالغۇز تۇرغاندا ئۇلار شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى بىلەن ناتوغرا جىنسىي پائالىيەتتىن ساقلىنالمايدۇ دېگەنلىكتۇر .
شۇڭلاشقا ئاياللارنىڭ باشقا ئەرلەر بىلەن پىنھاندا ئۇچرىشىشى، يالغۇز سەپەرگە چىقىشى ( سەپەر جەريانىدا ئۇنىڭ باشقا ئەرلەرگە سەپەرداش بولۇپ قالىدىغانلىقى سەۋەبىدىن ) چەكلەنگەن ئىشلار ھېسابلىنىدۇ . ئادەتتە توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ قويغان ياكى كۆڭۈل رىشتىلىرى بىر – بىرىگە چېتىلىپ قالغان يىگىت – قىزلارنىڭ پىنھاندا ئۇچرىشىشى ئوخشاشلا قاتتىق پەرھىز بولۇپ، بىز تارىخىمىزدىكى مۇشۇنداق چەكلىمە ۋە ئۇنى بۇزۇپ تاشلاش ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن كۈرەش ۋە تېراگىدىيەلىك ئاقىۋەتلەردىن ئۇيغۇرلارنىڭ جىنسىي ۋەسۋەسە پەيدا قىلىدىغان ھەر قانداق بىر ئۇچرىشىش ، بىللە تۇرۇشنى چەكلەپ كەلگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز .
جىنسىي ئېزىقتۇرۇشنى چەكلەش پەرھىزلىرىنىڭ بىر قىسمى ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئىشلىتىدىغان خاس بويۇملار ۋە كىيىم – كېچەكلەرگە قارىتىلغان . ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاياللار ئىشلىتىدىغان ھەر خىل پەرداز بۇيۇملىرى ، جۈملىدىن تۈرلۈك بەدەن ئاسقۇلىرى ، ئۇپا – ئەڭلىك ، خېنىلەر … گە ئەرلەر ئادەتتە تېگىشتىن پەرھىز قىلىدۇ . بۇ نەرسىلەر ئەگەر يات ئاياللارنىڭ بولسا مۇنداق چەكلىمە تېخىمۇ قاتتىق بولىدۇ . ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ كىيىمى بىر يەرگە قويۇلمايدۇ . يۇيۇلغاندىن كېيىن بىر يەرگە ئېسىلمايدۇ . بۇنىڭدا كىيىم – كېچەكنىڭ بىر – بىرىگە تېگىپ كېتىشى بەدەننىڭ بىر – بىرىگە تىگىپ كېتىشىگە تەققاسلانغان بولسا كېرەك .
شۇڭلاشقا ئايالالرنىڭ ئىچ كىيىملىرى بىلەن ئەرلەرنىڭ ئىچ كىيىملىرىنىڭ يېقىن تۇرۇشى ياكى تېگىشىپ تۇرۇشى تېخىمۇ چەكلىنىشكە تېگىشلىك ئىش بولۇپ ھېسابلانغان .
ھازىرقى دەۋردە نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاياللىرى قاتناش قوراللىرىغا چىقىپ يول يۈرگەندە ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۆز كىيىمىنىڭ يات ئەرلەر كىيىمىگە تېگىپ كېتىشىدىن پەرھىز قىلىدۇ . ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىلگىرىكى دەۋرلەردە سىرتقا چىققاندا مەستۇرە ھالەتتە يۈرگەچكە ، ئۇلارنىڭ كىيىم – كېچىكىگە چېقىلىش ئىنتايىن ھاقارەتلىك ۋە ئەخلاقسىز ئىش ھېسابلىنىپ جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىنىشىگە ئۇچراپ تۇرغان . مەستۇرە ھالەتتە تۇرۇشنىڭ بىر رولى شۇكى ، ئەرلەر مەستۇرە ئايالنىڭ چىراي – تۇرقىنى ، قەددى – قامىتىنى ئېنىق كۆرەلمىگەچكە ، ئۇلارغا بولغان جىنسىي ئىستەك ۋە ئېزىقىشتىن ئاساسەن خالىي بولالايدۇ .
ئۇيغۇرلاردىكى مەزكۇر پەرھىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى تۇرالغۇ ئۆيلەردە ھويلىنى ئىككىگە بۆلۈش ياكى قىز – ئاياللار ئۈچۈن خاس خانە تەييارلاش بولغان . مۇشۇنداق قىلغاندا سىرتتىن كىرگەن يات ئەرلەر شۇ ئائىلىدىكى ئاياللارنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىرىشەلمەيدۇ . ئوخشاشلا سىرتتىن كىرگەن يات ئاياللارمۇ شۇ ئائىلىدىكى ئەرلەرنى كۆرەلمەيدۇ . بۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئەقەللىي دەرىجىدىكى جىنسىي قوزغىلىش ياكى خىيالدىن خالىي بولالايدۇ . ئۇيغۇرلاردا يەنە << قىزلار خورازنىڭ ئالدىدىن ئۆتسىمۇ بولمايدۇ >> دېگەن پەرھىز بار . گەرچە ئادەم بىلەن توخۇ ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى چوڭ پەرق بولسىمۇ ، بېراق خوراز ئەركەك جىنس بولغانلىقى سەۋەبىدىن ، قىزلاردا ئەركەك جىنسقا نىسبەتەن مەلۇم تۇنۇشنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ مۇشۇنداق كۈلكىلىك پەرھىزلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان .
ئىسلام دىنى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلاردىكى جىنسىي ئېزىقتۇرۇشقا ئائىت پەرھىزلەر تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى . ئۇمۇمەن ئەر – ئاياللار ئوتتۇرىسىدا جىنسىي ئىستەك پەيدا قىلىدىغان ھەر قانداق يۈرۈش – تۇرۇش ، گەپ – سۆز بىردەك چەكلىمىگە ئۇچرىدى . ئەر – ئاياللار ئوتتۇرىسىدا ئۆز – ئارا تىكىلىپ قارىشىش كۆزنىڭ زىناسى ، بەتقىلىق سۆزلەرنى قىلىش ئېغىزنىڭ زىناسى ، شۇنداق سۆزلەرنى ئاڭلاش قۇلاقنىڭ زىناسى ، سىيلاش ، تۇتۇش قولنىڭ زىناسى ، جىسنىي ئىستەك ئۈچۈن مېڭىش پۇتنىڭ زىناسى ، شۇنداق تۇيغۇدا بولۇش( ئەسلى كىتاپتا يات ئاياللارغا قارىتا جىنسىي تۇيغۇدا بولۇش دەپ يېزىلغان بولۇپ بىر تەرەپلىمە دەپ قارالغانلىقى ئۈچۈن <شۇنداق تۇيغۇدا بولۇش >دەپ ئېلىندى. ئەمەلىيەتتە ئەر-ئايال ھەر ئىككىلا جىنس شۇ خىل تۇيغۇدىن خالىي بولالمايدۇ – تورغا يوللىغۇچىدىن) كۆڭۈلنىڭ زىناسى دەپ قارىلىپ ، ئاشۇنداق ھەرىكەتلەرمۇ قاتتىق چەكلىنىدىغان بولدى . ئەر – ئاياللار ئوتتۇرىسىدا يۇقىرىقىدەك جىنسىي ھەرىكەتلەرنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەب بولىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەت پەرھىزلىك ھەرىكەت سانىلىپ ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھازىرغا قەدەر رول ئويناپ كەلمەكتە .
ئاپتۇرى:ئەنۋەر سەمەت قورغانى. مەنبە: ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر ناملىق كىتاب
80خالتا بلوگى ئۈچۈن كۆكيال يوللىغان