كالا سۈتى بىلەن باققاندا

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

كالا سۈتى بىلەن باققان بوۋاقلارنىڭ ئىچىنىڭ قېتىشى كالا سۈتى تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىب بىلەن مۇناسىۋەتلىك

كالا سۈتىدە ئاقسىل كۆپ بولۇپ، ئاسانلا ئۇيۇشۇۋالىدۇ–دە، ئاسان ھەزىم بولمايدۇ. شۇڭا ھەزىم قىلىش ئۈچۈن كۆپ مىقداردىكى سۇغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ.

كالا سۈتىدىكى مىنېرال ماددىلارمۇ كۆپ، كالىينىڭ مىقدارى ئانا سۈتىنىڭ تەركىبىدىكىگە قارىغاندا ئىككى ھەسسە كۆپ. شۇڭا كالا سۈتى ئېمىدىغان بوۋاقنىڭ قېنىدا كالىي مىقدارى يۇقىرى، بۆرەك ئاقسىللىق ماددا ئالماشتۇرۇش ۋە كالىينى ئاجرىتىپ چىقارغاندا كۆپ مىقداردىكى سۇنىمۇ چىقىرىدۇ.

كالا سۈتىدىكى كالتسىي، فوسفورلار ئاقسىل بىلەن بىرىكىپ قېتىۋالىدۇ ۋە چوڭ تەرەتنى قۇرغاق قىلىۋېتىدۇ. ئىچى قېتىۋالغاندا كالا سۈتىگە گۈرۈچ شورپىسى قوشسا تەرەتنى بوشىتىدۇ، كالا سۈتىگە بەش پىرسەنتتىن سەككىز پىرسەنتكىچە شېكەر قوشسا تەرەتنى يۇمشىتىدۇ.

بەش پىرسەنتلىك ھەسەل سۈيىنى كۆپرەك بېرىش ياكى ئىككى قېتىم كالا سۈتى بەرگەندىن كېيىن بىر قېتىم قايناقسۇ بېرىۋېتىش كېرەك. بۇنىڭمۇ چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىشقا پايدىسى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆكتات شورپىسى، ھەرخىل مېۋە شىرنىلىرىنى بېرىش كېرەك.

ماش سۈيى، ئالما سۈيى، بانان سۈيى قاتارلىقلار تەركىبىدە ۋېتامىن مول بولغاچقا، بۇلارنى بالىغا بەرگەندە ئۈچەي ھەرىكىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىچى قېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-01-28

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-01-01 / 05:53:33

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ