ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاق بالىلار ساغلاملىقىبالىلارنىڭ نېرۋا، روھىي تەرەققىياتى

بالىلارنىڭ نېرۋا، روھىي تەرەققىياتى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

1. بالىلار مېڭە يۇلۇنىنىڭ فىزىئولوگىيە-ئاناتومىيىلىك ئالاھىدىلىكى:

بالىلار مېڭە يۇلۇنىنىڭ ئۆسۈشى نىسبەتەن تېز بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بالىلار مېڭە ئېغىرلىقى تەخمىنەن 350g بولۇپ ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنەن 1/8 – 1/9 گە، 9 ئايلىقىدا يېڭى تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى مېڭە ئېغىرلىقىنىڭ 2 ھەسسىگە، 3 يېشىدا 3 ھەسسىگە تەڭ كېلىدۇ. يېڭى تۇغۇلغاندا مېڭىنىڭ يۈزىدە ئاساسلىق ئېرىقچە ۋە بۈدرە بولىدۇ. لېكىن تولۇق تەرەققىي قىلىپ بولالمايدۇ. پوستىلاق قەۋىتى نېپىزرەك، بۆلۈنىشى ناھايىتى ئاز بولىدۇ. كۈلرەڭ ماددا بىلەن ئاق ماددىنىڭ پەرقى روشەن بولمايدۇ. تۇغۇلۇپ ئەڭ دەسلەپكى 3 ئايدا پوستىلاق قەۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئالاھىدە جۇشقۇن بولۇپ، 6 ئايلىق بولغاندا چوڭلارغا يېقىنلىشىشقا باشلايدۇ. 3 يېشىدا ھۈجەيرىلەرنىڭ بۆلۈنۈشى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىدۇ. ئاز بولغاندا 8 ياشقا بارغاندا تەرەققىي قىلىشى، ئاندىن ئاساسىي جەھەتتىن چوڭلارغا ئوخشاش بولۇپ، كېيىنكى ئۆزگىرىشى ئاساسلىقى ھۈجەيرىلەر خىزمىتىنىڭ كۈنسىرى يېتىلىشى ۋە مۇرەككەپلىشىشدىن ئىبارەت بولىدۇ.

يىلىك غىلاپىنىڭ تەرەققىي قىلىشى يېڭى تۇغۇلغاندا مۇكەممەل بولمايدۇ. نېرۋا ئۆتكۈزۈش يوللىرىدىكى نېرۋا تالالىرىنىڭ سىرتقى قەۋىتىدىكى يىلىك غىلاپىنىڭ شەكىللىنىش، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ پائالىيىتىگە قارىتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. يىلىك غىلاپىنىڭ شەكىللىنىشى ئالدى بىلەن مەركەزگە كىرگۈچى نېرۋىدا شەكىللىنىپ، كېيىن مەركەزدىن چىققۇچى نېرۋىدا پەيدا بولىدۇ. ئوخشاش فىزىئولوگىيىلىك خىزمەتكە ئىگە نېرۋىلاردا تەخمىنەن ئوخشاشلا ۋاقىت ئىچىدە يىلىك غىلاپى شەكىللىنىدۇ. بوۋاقلىق مەزگىلىدە نېرۋا يىلىك غىلاپىنىڭ ھاسىل بولۇشى تولۇق بولمىغانلىقتىن، سىرتقى مۇھىتتىكى غىدىقلار نېرۋىغا تەسىر قىلىپ چوڭ مېڭىگە يېتىپ بارغاندا يىلىك غىلاپىنىڭ ئايرىپ تۇرۇشى بولمىغانلىقتىن قوزغىلىش خوشنا نېرۋا تالالىرىغا تارقىلىپ، چوڭ مېڭە پوستىلاق ئىچىدە، ئېنىق قوزغىلىش ئوچىقىنى شەكىللەندۈرەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا غىدىقنىڭ غىلاپسىز نېرۋا ئىچىدىكى يەتكۈزۈلۈشى بىر قەدەر ئاستا بولىدۇ. بۇ ھالدىن بالىلاردا نىمە سەۋەپتىن ، سىرتتىن كەلگەن غىدىقلاشلارغا قارىتا بىر قەدەر ئاستا رىئاكسىيە بېرىدىغانلىقىنى ۋە ئوڭايلا كېڭىيىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. يىلىك غىلاپىنىڭ ھاسىل بولۇشى مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىدا ئوخشاش بولمايدۇ. يۇلۇن نېرۋىلىرى تۆرەلمىنىڭ 4-ئېيىدىن باشلىنىدۇ. پىرامىدا باغلىمى تۆرەلمىنىڭ 5-ئېيىدىن باشلاپ تاكى تۇغۇلغاندىن كېيىن 2 يېشىدا تاماملىنىدۇ. لېكىن پىرامىدا باغلىمىنىڭ ئۆزى ياشلىق باھار مەزگىلىگە قەدەر داۋاملىق تەرەققىي قىلىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ يۇلۇن ئاستى ئۇچىنىڭ ئورنى 2-بەل ئومۇرتقىسىنىڭ ئاستى قېرىغا، كېيىن بەل ئومۇرتقىسىنىڭ تەرەققىياتى تېزلەشكەنلىكتىن 4 ياشقا بارغاندا يۇلۇننىڭ ئاستى ئۇچى، ئاندىن 1- ۋە 2- بەل ئومۇرتقىسى ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بالىلار ۋە بوۋاقلاردا يۇلۇننى زەخىملەندۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن بالىلارنىڭ بەل ئومۇرتقىسى پۇنكسىيە قىلىش ئورنى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

 

2. سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى:

1) كۆرۈش سىزىمى تۇغۇلۇپلا نۇرغا سېزىمى بولىدۇ ھەمدە كۈچلۈك نۇرغا قارىتا كۆزىنى يۇمىدۇ ۋە باشنى تارتىش رېفلىكسى پەيدا بولىدۇ. لېكىن تەڭشەش خىزمىتى ياخشى بولمىغاچقا نەرسىلەرنى كۆرۈشى ئوچۇق بولمايدۇ. بىر مەزگخللىك ئالىغاي ياكى قوش كۆرۈش ئەھۋالى بولىدۇ. 2-ئېيىدىن باشلاپ نەرسىلەرگە تىكىلىپ قارايدۇ ۋە قوغدىنىش خىزمىتى پەيدا بولىدۇ. بىر نەرسىنى ناھايىتى تېز ككز ئالدىغا يېقىنلاشتۇرسا بالىدا كۆز يۇمۇش رىئاكسىيىسى پەيدا بولىدۇ. 3-ئايلىقتىن باشلاپ ئاڭلىق ھالدا نەرسىلەرنى كۆەلەيدۇ. 5-6 ئايلىقىدىن باشلاپ رەڭنى پەرق ئىتەلەيدۇ.

2) يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئاڭلاش سېزىمى: ناغرىخانا ئىچىدە بىر قسىم باش سۈيى يىغىلىپ ھاۋا تولمىغاچقا ئاڭلاش ئانچە سەزگۈر بولمايدۇ. لېكىن كۈچلۈك ئاۋازلارغا قارىتا كۆزىنى يۇمۇش، تىترەش قاتارلىق ئىنكاسلار بولىدۇ. 3-ئايلىق ۋاقتىدا نىشان بەلگىلەش ئىنكاسى بولىدۇ.

3) يېڭى تۇغۇلغان بالىلار تەم سېزىمىگە سەزگۈر بولىدۇ. تاتلىق، ئاچچىق ۋە چۈچۈمەل تەملەرنى پەرق ئىتەلەيدۇ. 4-5 ئايلىقىدىن باشلاپ تەم سېزىشى يەنىمۇ ئىلگخرلىگەن ھالدا تەرەققىي قىلىدۇ.

4) يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ پۇراش سېزىمىگە قارىتا ئىنكاسى بىر قەدەر سۇس بولىدۇ. سىلاش سېزىمىگە نىسبەتەن سەزگۈر بولىدۇ. ھارارەت سېزىمىنىڭ تەرەققىياتىمۇ ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. ئاغرىش سېزىمى: ھارارەت سېزىمىگە نىسبەتەن سەل ناچار بولىدۇ.

3. ھەرىكەت خىزمىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى: يېڭى تۇغۇلغان بالىلاردا پەقەت رېفلىكسىيىلىك ھەرىكەت ۋە ئىختىيارسىز ھەرىكەت بولىدۇ. لېكىن قانۇنىيەتسىز بولۇپ، ئۆزز ئارا ماسلاشمايدۇ. كېيىنكى ھەرىكەتلىرى تۆۋەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دەرىجىگە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىدۇ. بۇ ھەرىكەت پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مەزگىلى بولۇپ دۆڭ مېڭە تاتارغان شارچە تەرىپىدىن تەڭشەلگەنلىكتىن ھەرىكىتى ئاستا، مۇسكۇللىرىنىڭ كۆپۈش كۈچىمۇ يۇقىر بولىدۇ. سىزىقسىمان تەننىڭ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ يۇلۇن ۋە دۆڭ مېڭە تاتارغان شارچىنىڭ ھەرىكىتى تورمۇزلىنىپ ھەرىكەت تېنچلىنىش پائالىيىتىنىڭ رولى پەيدا بولىدۇ. ھەرىكەت تەرەققىياتى مۇقەررەر ھالدا نېرۋا ۋە مۇسكۇل تەرەققىياتىنىڭ تېزگىنلىشىگە ئۇچرىسىمۇ لېكىن چېنىقىش ناھايىتى چوڭ رول ئوينايدۇ. ئالدى بىلەن 2-4 ئايلىقىدا تۈز تۇرغاندا بېشىنى تىكلىيەلەيدۇ. 4-5 ئايلىقىدا نەرسىلەرنى تۇتالايدۇ. 6-7 ئايلىقىدا ئولتۇرالايدۇ. 8-9 ئايلىقىدا پۇتلىرىنىڭ ھەرىكىتى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ ، بىر نەرسىلەرگە ئېسىلىپ ئۆرە تۇرالايدۇ. 1 ياش ئەتراپىدا يېتىلىسە ماڭالايدۇ. چوڭ مېڭە پوستىلاق قەۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئۆتكۈزۈش يوللىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئالىي نېرۋا پائالىيەت مەركىزى كۈنسىرى مۇكەممەللىشىپ ، ھەرىكىتى ئىختىيارى غەرەزلىك ھەرىكەتكە ئايلىنىدۇ. 18 ئايلىقىدا پەلەمپەيدىن ئۆمىلەپ چىقالايدۇ. 2 يېشىدا يۈگىرەلەيدۇ. 3-4 يېشىدا چوڭلارگە تەقلىت ھەرىكەتلەرنى قىلىدۇ. 5 ياشلىقىدا ئادەتتىكى ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىنى قىلالايدۇ.

4. سۆز تەرەققىياتى: بالىلارنىڭ سۆز تەرەققىياتى سۆزم ەركىزىنىڭ باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلغاندىن باشقا نورمال ئاڭلاش سېزىمى ئاۋاز چىقىرىش ئەزالىرىغا مۇھتاج بولىدۇ. سېزىم ۋە ھەرىكەت پائالىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بالىلارنىڭ سىرتقى مۇھىتتىكى شەيئىلەر بىلەن ئۇچرىشىشى كۈنسىرى كۆپىيىپ، چۈشىنىش ئىقتىدارى تەدرىجىي كۈچىيىپ بارىدۇ.

بالىلارنىڭ سۆز تەرەققىياتى، تۇغۇلغاندىن كېيىنكى تەربىيە بىلەن ناھايىتى چوڭ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئەتراپتىكى چوڭ كىشىلەر بىلەن دائىم سۆزلىشىپ بېرىش سۆز تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇھىم شەرت بولىدۇ. سۆز تەرەققىياتىدىكى پەرق تەربىيىلىنىشىنىڭ ئوخشىماسلىقى ۋە ئوخشاش بولمىغان ئەمەلىيەتنى باشتىن كەچۈرۈشنىڭ نەتىجىسى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سۆز تەرەققىياتىنىڭ سەل كېچىكىشىگە قاراپ ئەقلىي تەرەققىياتى ناچار دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ. بالا 4-5 ئايغا بارغاندا تاق ئاۋاز چىقىرىدۇ.دۇدۇقلاپ ئاۋاز چىقىرىشتىن 6-8 ئايلىقىدا بەزى ئايرىم بوغۇملۇق سۆزلەرنى سۆزلەيدۇ. مەسىلەن «ئانا، دادا» كېيىن تەدرىجى ھالدا 2 بوغۇملۇق سۆزلەرنى تەكرارلىيالايدۇ. مەسىلەن : «ئانا» «دادا»، 1.5 – 2 يېشىدا ئاددىي سۆزلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەلىپىنى ئىپادىلەيدۇ. 3 يېشىدا ئاددىي بىر ئىشنى چۈشەندۈرەلەيدۇ. 4-5 يېشىدا مۇكەممەل جۈملىلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى بايان قىلالايدۇ. 5-6 يېشىدا ئاددىي كىتاپلارنى ئوقۇيالايدۇ ۋە ئاددىي خەتلەرنى يازالايدۇ.

5. نېرۋا رېفلىكسىيىسى: يېڭى تۇغۇلغان بالىلاردا تۆۋەندىكى رېفلىكسىيىلەر بولىدۇ: (1) قولىنى تۈگۈش رېفلىكسىيىسى: يېڭى تۇغۇلغان بالىنىڭ ئىككى قولى دائىم يۇمۇلغان ھالەتتە تۇرىدۇ. تەكشۈرگۈچى كىشى قول بارماقلىرىنى ئالقىنى ئوتتۇرىسىغا قويسا بالا دەرھال سىقىۋالىدۇ. تەخمىنەن تۇغۇلۇپ 2 ئايدىن كېيىن يوقىلىدۇ. قولنى تۈگۈش رېفلىكسىيىسى يېڭى تۇغۇلغان بالىنىڭ مېڭىسى زەخىملەنگەندە يوقىلىدۇ ياكى ئاجىزلىشىدۇ. ئەگەر ئۇزۇن مۇددەتكىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋەرسە بۇ چوڭ مېڭە پارالىچىنىڭ ئالامىتى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. (2) قۇچاقلاش رىفلىكسىيىسى (moro reflex). بالىنى كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ ئىككى قول بىلەن باشنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى كارىۋات يۈزىنى چەككەندە، بالا ئىككى قولىنى دەرھال تۆت تەرەپكە ۋە يۇقىرى تەرەپكە پۇلاڭلىتىدۇ. ئاندىن كېيىن ئىككى قولىنى يەنە كۆكرەك ئالدىغا قايتۇرۇپ قۇچاقلاش ھالىتىگە كېلىدۇ. بۇ رىفلىكس تەخمىنەن تۇغۇلۇپ 2-4 ئايلىقىدا يوقىلىدۇ. تۇغۇلغاندىن كېيىن ۋاقتىنچە يوقالسا مېڭە سۇلۇق ئىششىق بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. تۇغۇلغاندا يوقىلىپ ياكى قىسقا مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇپ، كېيىن يوقالغۇچىلار، چوڭ مېڭىنىڭ زەخىملەنگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. ئىنكاس قايتۇرۇش ۋاقتىدا بىر بېلەك ھەرىكەتلەنسە مېڭە قىسىم ۋە بېلەك نېرۋىلىرى زەخىملەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇت بولۇشى ئەقلى قابىلىيىتى ئاستا بولغان بالىلاردا يۈز بېرىشى مۇمكىن. (3) كالپۇك رىفلىكسىيىسى (شوراش رىفلىكسىيىسى). بالىنىڭ كالپۇك ئەتراپىغا قولىنى تەككۈزسە بالا دەرھال شوراشقا باشلايدۇ. تۇغۇلۇپ 1 يىلدىن كېيىن يوقىلىدۇ. ئۇندىن باشقا مۈڭگۈز پەردە رىفلىكسى، بىرىكىش پەردە رىفلىكسىيىسى، كۆزىنى يۇمۇش رىفلىكسىيىسى قاتارلىقلار ئۆمۈر بويى مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئاجىزلىسا ياكى يوقالسا، نېرۋا سىستېمىسىىدا پاتولوگىيىلىك ئۆزگىرىشنىڭ بارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. قورساق دىۋارى رىفلىكسىيىسى ، ئورۇق تېشىنى كۆتۈرۈشى رىفىلىكسىيىسى، پەي رىفىلىكسىيىسى تۇغۇلۇپ 2-4 ئايدا ئاندىن پەيدا بولىدۇ. بەزى پاتولوگىيىلىك رىفلىكسىيىلەرنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بالىلاردا دائىم مۇسپىي بولۇشى فىزىئولوگىيىلىك ئەھۋالدۇر. مەسىلەن: كېرنىك (kernig)، بىرۇدزىنكى (Brudzinski) قاتارلىقلار. يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ مۇسكۇللىرىنىڭ يىلىك غىلاپىنىڭ تەرەققىياتى تولۇق يېتىلمىگەنلىكتىن 2 ياش ئىچىدە بابىنسكى مۇسپى بولىدۇ.

بالىلار كېسەللىكلىرى
(مەملىكەتلىك ئالىي تىببىي تېخنىكوملار ئۈچۈن سىناق دەرسلىكى)

تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدىسوپۇر ئابدۇرېھىم
تەرجىمە تەھرىرى:غوپۇر ئىمىن
مەسئۇل كوررېكتورى: ئابلەت مۇسا
شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى
1986-يىلى 4-ئاي

كىرگۈزگۈچى: نۇرمەمەت دانىش

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
2
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-08-31

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-08-31 / 06:50:42

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ