ئانا سەھىپەساغلاملىقئادەم بەدىنىبەدەندىكى قان ھۈجەيرىلىرى تۈرلىرى

بەدەندىكى قان ھۈجەيرىلىرى تۈرلىرى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بەدىنىمىزدە (قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەردە) ئايلىنىۋاتقان قان ئىچىدىكى قىزىلقان ھۈجەيرىلىرى، ئاق قان ھۈجەيرىلىرى، قان پلاستىنكىلىرى ئەڭ ئاۋۋال يىلىكتە غول قان ھۈجەيرىسى شەكىلدە پەيدا بولىدۇ. ئاندىن ئاستا ئاستا لىمفاسىمان غول ھۈجەيرە ۋە يىلىك غول ھۈجەيرە بولۇپ ئايرىلىدۇ.

يىلىك غول ھۈجەيرە بولسا، قىزىل قان ھۈجەيرىسى، قان پلاستىنكىسى، ۋە يىلىك ئانا ھۈجەيرىگە ئايلىنىپ ئاستا ئاستا يىلىكتىن قان تومۇرغا قويۇپ بېرىلىدۇ.

يىلىك ئانا ھۈجەيرىسى ، بېرىپ 4 شەكىلدىكى ئاق قان ھۈجەيرىسىگە ئايلىنىدۇ. بۇلار ئايرىم ئايرىم ھالدا كىسلاتاخۇمار ئاق قان ھۈجەيرىسى، ئىشقارخۇمار ئاق قان ھۈجەيرىسى، نىيترال ئاق قان ھۈجەيرىسى ، دانچە ھۈجەيرە دۇر. بۇلارمۇ پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن قان تومۇرغا قويۇپ بېرىپ قان پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ.

بەدەندىكى قان ھۈجەيرىلىرى تۈرلىرى

لېمفاسىمان غول ھۈجەيرە بېرىپ لېمفا ئانا ھۈجەيرىگە ئايلىنىدۇ، بۇ بېرىپ ئۈچ ئاساسلىق لېمفا ھۈجەيرىسى يەنى تەبىئىي قاتىل ھۈجەيرە ، ت ھۈجەيرە، ب لېمفا ھۈجەيرىگە ئايلىنىپ قان تومۇرىمىزدا ، لېمفا تومۇرىمىزدا ئاقىدۇ. بەزىدە بۇنى ئاق قان ھۈجەيرىلىرى ئىچىگىمۇ قېتىۋېتىدۇ.

قان تومۇرىمىزدا ئېقىۋاتقان قان ھۈجەيرىلەرنىڭ تۈرلىرىنى ساناپ كەلسەك، قىزىل قان ھۈجەيرىسى (ئاساسلىقى ئوزۇقلۇق توشۇيدۇ) ، قان پلاستىنكىسى (ئاساسلىقى قان قېتىشىشچانلىقىنى بەلگىلەيدۇ) ، ئاق قان ھۈجەيرىلىرى, يەنى كىسلاتاخۇمار ئاق قان ھۈجەيرىسى، ئىشقارخۇر ئاق قان ھۈجەيرىسى، نىيترال ھۈجەيرىلەر، تەبىئىي قاتىل ھۈجەيرىلەر، ب لېمفاھۈجەيرىلىرى، ت لېمفا ھۈجەيرىلىرى… (مىكروپ، ۋىرۇس، زەمبۇرۇغلار، غەيرىي جىسىملارنى ئۆلتۈرىدۇ، بەدەننىڭ زىيادە سېزىمچانلىق دەرىجىسىنى بەلگىلەيدۇ..) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-07-13

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-07-13 / 08:23:01

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ