كۆمۈر گازىدىن زەھەرلەنگەندە قانداق قىلىش كېرەك ؟

0
875
ھەرە چېقىۋالسا

كۆمۈر ۋە تەركىبىدە كاربون بولغان بارلىق يېقىلغۇلار كۆيگەندە تۇراقلىق بولمىغان بىر خىل ئارىلاشما گاز ھاسىل بولىدۇ ، ئۇنىڭ تەركىبىدە كاربون چالا ئوكسىدىنىڭ مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ

ئادەتتە بۇ خىل گازدىن زەھەرلىنىش كۆمۈر گازدىن زەھەرلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ . كۆمۈر گازىدىن زەھەرلەنگەندە بىماردا ئالدى بىلەن باش قېيىش ، كۆز تورلىشىش ، پۇت – قول ماغدۇرسىزلىنىش ، كۆڭلى ئېلىشىش ، قۇسۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ . گەرچە ئىشىك – دېرىزىلەرنى ئېچىشقا ھەرىكەت قىلسىمۇ ، لېكىن ئۆزىنى كونترول قىلالماي ھۇشسىزلىنىدۇ ، تومۇرنىڭ سوقۇشى ئاجىزلاپ ، نەپەس تېز تەرتىپسىز بولىدۇ .

كۆز قارچۇقى تارىيىپ پەيدىنپەي نۇرنى سەزمەيدۇ ، چوڭ – كىچىك تەرەتنىمۇ تۇتالمايدۇ . ئەڭ ئاخرىدا ئوكسىگېن ئېغىر ھالدا يېتىشمەسلىكتىن نەپەس ۋە قان ئايلىنش زەئىپلىشىپ ، قان بېسىمى جىددىي تۆۋەنلەيدۇ ، ئېغىر بولغاندا نەپەس توختاپ قالىدۇ .
ئائىلىدە قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى :

1. كۆمۇز گازى بىلەن زەھەرلەنگەنلىكى بايقالغان ھامان ، زەھەرلەنگۈ چىنى تېزلىكتە زەھەرلەنگەن مۇھىتتىن ئېلىپ چىقىپ ، ھاۋا ئۆتۈ شىدىغان ئىللىق مۇھىتتا قويۇش كېرەك .

2. كۆمۈز گازىدىن ئېغىر ھالدا زەھەرلەنگەنلەرنى ساپ ھاۋا بىلەن نەپەس ئالدۇرغاندىن سىرت ، يەنە ئوكسىگېننىمۇ پۇرىتىش كېرەك .

3. ھۇشسىزلانغان بولسا بۇرۇن ئاستى پەللىسىنى بېسىش ، بۇرەك ۋە نەپەس رېتىمسىزلاشسا ياكى توختاپ قالسا ، دەرھال ئېغىزنى ئېغىزغا يېقىپ نەپەسلەندۈرۈش ۋە كۆكرەك سىرتىدىن يۈرەكنى بېسىش بىلەن بىرگە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ جىددىي قۇتقۇزۇش كېرەك .

كۆمۈر گازىدىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى :

1. مەش ۋە كاڭ ئىسىنىڭ راۋان ماڭدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .

2. ئۇخلاشتىن بۇرۇن گاز تۇڭلىرى ۋە تۇرۇبا يوللىرىنڭ ئېغىزلىرىنى ھىم ياخشى ئېتىش كېرەك .

3. ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here