بەزى ياشانغان كىشىلەرنىڭ سۈيدۈكى راۋان بولمايدۇ بەزىدە سۈيدۈكى ئۈزۈلۈپ كېلىدۇ سىيىپ بولغاندىن كېيىنمۇ سۈيدۈكى تېمىپ تۇرىدۇ بۇ ياشانغان ئەرلەردە كۆپ بولىدىغان مەزى بېزى قېلىنلاپ , يوغىنايدىغان كېسەلدىن ئىبارەت بۇ كېسەل ياش چوڭايغانسىرى ئېغىرلىشىدۇ
مەزى بېزى يوغىناش مەزى بېزىنىڭ ياللۇغلىنىش ئاساسىدا پەيدا بولۇپ , 50 ياش ئەتراپىدا ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ , كېچىلىرى سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپىيىش , كۈندۈزلىرى تەرەتكە ئولتۇرۇپ 1~2مىنۇتتىن كېيىن تەستە سۈيدۈك كېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ . كېسەلنىڭ راۋاجلىنىشى ئاستا , دەسلىپىدە سالامەتلىككە كۆپ زىيانى بولمىغاچقا , ياشانغانلارنىڭ دېققىتىنى قوزىمايدۇ . ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ , سۈيدۈك راۋان ماڭماي ,سۈيدۈك دورساققا يىغىلىپ , بىئاراملىنىش , تاماق يىگۈسى كەلمەسلىك , ماغدۇرسىزلىنىش , ھەتتا سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىدۇ .
مەزى بېزى – ئەرلەرنىڭ جىنسىي سىستىمىسىدىكى بىرخىل بەز بولۇپ , ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 20گىرام ئەتراپىدا , دوۋساقنىڭ ئاستىدا , سۈيدۈك يولىنىڭ يۇقىرى قىسمىغا جايلاشقان , مەزى بېزىنىڭ يوغىنىشى 40ياشلاردىن باشلىنىپ , ياش چوڭايغانسىرى روشەن بولىدۇ . مەزى بېزى يوغىناش ياشانغانلارغا ئازاپ ئېلىپ كېلىدىغان كېسەل بولسىمۇ , كېسەل سىزىلسە , قورقۇپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق .
مەزى بېزى يوغىناش كېسىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھاراق ئىچمەسلىك , سوغۇقتىن ساقلىنىش, ئۇزۇن ئولتۇرماسلىق ھەم ئۇزۇن ۋېلىسپىت مىنمەسلىك , ئاچچىق -چۈچۈك نەرسىلەرنى ئاز يىيىش , ئىمكان قەدەر جىنسىي مۇناسىۋەتنى كونتىرول قىلىش كېرەك .
ئەگەر مەزى بېزى ياللۇغلىنىش قوشۇلۇپ كەلسە , ئىسسىق سۇدا ئولتۇرۇپ بېرىش , باكتىرىيىلەرگە قارشى دورىلارنى ئىشلىتىش كېرەك .
مەزى بېزى يوغىناش ئېغىرلاشقاندا ئوپىراتسىيە قىلدۇرۇش ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدۇر. ئەمما ياشانغانلارنىڭ يۈرەك , ئۆپكە كېسەللىكلىرى قوشۇلۇپ قالسا ۋە تېنى ئاجىزلار ئوپىراتسىينى كۆتۈرەلمەيدۇ. بۇنداقلارغا مەزى بېزى توڭلىتىپ داۋالاش ,ھورمۇن ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ .