قاتتىق پوستىلىق مېۋىلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول، يېگەندە چۈرۈك ھەم مەززىلىك بولۇپ، كۆپچىلىك ياخشى كۆرۈپ يەيدىغان ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. كۈتۈنۈش نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قاتتىق پوستلىق مېۋىلەرنى زىيادە كۆپ يېيىشكە بولمايدۇ، بولمىسا بەلغەم، ئىسسىقلىق پەيدا قىلىدۇ.
ساقلاش ۋاقتىنى ئۇزارتىش، تەمىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، بازاردا سېتىلىۋاتقان قاتتىق پوستىلىق مېۋىلەرنى پىششىقلاش جەريانىدا كۆپىنچە ھاللاردا قاقلاش، قورۇش، ياغدا پىشۇرۇش، يۇقىرى ياغلىق، يۇقىرى قەنتلىك، يۇقىرى تۇزلۇق قىلىشتەك ئۇسۇللارنى قوللىنىدىغان بولغاچقا، كۆپ يېگەندە ئاسانلا ئىسسىقى ئېشىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قاتتىق پوستلىق مېۋىلەرنىڭ ياغ تەركىبى ئىنتايىن يۇقىرى بولغاچقا، جۇڭيى تېبابىتىدە قاتتىق پوستىلىق مېۋىلەردىكى ياغ ئاسان پارچىلانمايدۇ، شۇڭا ئاسانلا بەلغەم، ئىسسىقلىق پەيدا بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. بىر قەدەر يوشۇرۇن خەۋپى بولسا، بۇ خىل ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشنى كۆپىنچە كىشىلەر قاتتىق پوستىلىق مېۋىلەرنىڭ پەيدا قىلغانلىقىنى ئويلاپ يېتەلمەيدۇ، بۇ خىل ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش ھالىتى ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشسا، «ئىسسىقلىق» بەدەندە ئۇزۇن تۇرۇپ قېلىپ، تەدرىجىي «بەلغەم»گە ئۆزگىرىپ تىل گېزى قېلىن بولۇش، ئېغىزى يېپىشقاق بولۇش، ئىككى پۇتى ئېغىر بولۇش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
ئۇنداقتا قاتتىق پوستىلىق مېۋىلەرنى قانداق يېگەندە ساغلام بولىدۇ؟ تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىغا دىققەت قىلساقلا كۇپايە.
بىرىنچى، مىقدارىنى كونترول قىلىش. كۈندە يېيىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، ھەپتىدە 5-3 قېتىمغىچە، ھەر قېتىمدا جىق يېمەي، بىر سىقىم يېسەكلا بولىدۇ.
ئىككىنچى، ئامال بار خام يېيىش. قورۇغان قاتتىق پوستلىق مېۋىلەرنى ئاز يېيىش ياكى يېمەسلىك كېرەك، قاتتىق پوستىلىق مېۋىلەرنى خام يېيىش ياكى پىشۇرۇپ يېيىش ئەڭ ياخشى، مەسىلەن: ئۇماچ ياكى مىفەنگە ئارىلاشتۇرۇپ يېيىش.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
كوئىنلون تورى دىن ئېلىندى
مەسئۇل تەھرىر: ئابدۇۋەلى